دۆلىتىمىزدە ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرى 75 مىڭدىن ئېشىپ، 3 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى

日期:2023年07月14日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر تيەن شياۋخاڭ، لى خېڭ) دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى نوپۇس تەكشۈرۈش ۋە ئائىلە تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ياڭ جىنرۇي 7-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە، جۇڭگودا ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاپپارات 75 مىڭدىن كۆپرەككە، ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى 3 مىليون 600 مىڭدىن كۆپرەككە، بالىلارنىڭ ھاۋالىلىك بېقىلىش نىسبىتى %6كە يەتتى.

2023-يىللىق دۇنيا نوپۇس كۈنىنى تەبرىكلەش جۇڭگو مۇھاكىمە يىغىنى نەق مەيدانى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تيەن شياۋخاڭ فوتوسى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋاكالەت ئورنى، جۇڭگو نوپۇس ۋە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى، جۇڭگو نوپۇس ئىلمىي جەمئىيىتى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى بىرلىشىپئۆتكۈزگەن 2023-يىللىق دۇنيا نوپۇس كۈنىنى تەبرىكلەش جۇڭگو مۇھاكىمە يىغىنىدا، ياڭ جىنرۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىرئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى ۋە ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغايۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئانا-بالىلار ساغلاملىقى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. ئاياللارنىڭ بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو ئۈچ ياشتىن تۆۋەنبالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بولماسلىقتەك كەمتۈكلۈكنىتىرىشىپ تولۇقلىدى.

2023-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى 34-قېتىملىق دۇنيا نوپۇس كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندى باش تېمىسىنى «جىنسىي باراۋەرلىك كۈچىنى قويۇپ بېرىش: ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ ساداسىنى ياڭرىتىپ، دۇنيارىمىزدىكى چەكسىز مۇمكىنچىلىكنى قويۇپ بېرەيلى» دەپ بېكىتتى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى جۇڭگو باش تېمىسىنى «جىنسىي باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانا-بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايلى» دەپ بېكىتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ئوۋ ۋېنشەن مۇنداق دېدى: ئاياللار ۋە قىزلار يەر شارى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقى، ئەقىل-پاراسىتى، بايلىقى ۋە كۈچى ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە تەھدىت سېلىۋاتقان نوپۇس خىرىسى ۋە باشقا خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.

يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگونىڭ جىنىسىي باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاياللار تەرەققىياتى ساھەسىدىكى ئاساسلىق بايقاشلاردىن بەھرىمەن بولدى. نۇرغۇن مۇتەخەسسىسمۇنداققارىدى: نوپۇس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، جىنسىي باراۋەرلىكنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئاياللارخىزمەت ۋە تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشقا،ئەر-ئاياللار بالا تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.