دۆلىتىمىز يېتەكچىلىك قىلىپ تۈزگەن ئىككى تۈرلۈك تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ساھەسىدىكى خەلقئارا ئۆلچەم رەسمىي ئېلان قىلىندى

日期:2023年05月19日
来源:天山网
【字体:

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندادۆلىتىمىز يېتەكچىلىك قىلىپ تۈزگەن ئىككى تۈرلۈك پۇقراۋى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ساھەسىدىكى خەلقئارا ئۆلچەم ISO 4358:2023 «پۇقراۋى كۆپ پىرقىرىغۇچلۇق تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ سىستېمىسىنى سىناق قىلىش ئۇسۇلى» ۋە ISO 24352:2023 «يېنىك، كىچىك تىپتىكى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇغا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكتىرىك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ تېخنىكا تەلىپى» رەسمىي ئېلان قىلىنغان. ھازىرغا قەدەر، دۆلىتىمىز يېتەكچىلىك قىلىپ تۈزگەن ۋە ئېلان قىلغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ساھەسىدىكى خەلقئارا ئۆلچەمدىن تۆت تۈر، تۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا ئۆلچەمدىن توققۇز تۈر بار.

«پۇقراۋى كۆپ پىرقىرىغۇچلۇق تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ سىستېمىسىنى سىناق قىلىش ئۇسۇلى»دا پۇقراۋى كۆپ پىرقىرىغۇچلۇق تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ سىستېمىسى ۋە زاپچاسلىرىنى سىناق قىلىش ئۇسۇلى بەلگىلەنگەن بولۇپ، پۇقراۋى كۆپ پىرقىرىغۇچلۇق تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ سىستېمىسى ۋە زاپچاسلىرىنى لايىھەلەش، ياساش، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ۋە دەلىللەشكە ماس كېلىدۇ، كۆپ پىرقىرىغۇچلۇق تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىگە بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلالايدۇ. «يېنىك، كىچىك تىپتىكى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇغا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكتىرىك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ تېخنىكا تەلىپى»دە يېنىك، كىچىك تىپتىكى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇغا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكتىرىك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ تېخنىكا تەلىپى ۋە سىناق قىلىش ئۇسۇلى بەلگىلەنگەن بولۇپ، يېنىك، كىچىك تىپتىكى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇغا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكتىرىك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سىناق قىلىشنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئىككى تۈرلۈك خەلقارا ئۆلچەمگەخەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى ئاۋىياتسىيە-ئالەم ئۇچقۇ تېخنىكا كومىتېتى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ سىستېمىسىنىڭ تارماق تېخنىكا كومىتېتى (ISO/TC20/SC16) 2020-يىلى 9-ئايدا تۈر تۇرغۇزغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ سىستېمىسىنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇقراۋى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ كەسپىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەھسۇلاتلارنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.