مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى نوپۇس ئىستاتىستىكىسى ئېلان قىلىندى

日期:2023年03月02日
来源:新疆日报网
【字体:

    بۈگۈن، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 2022- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستاتىستىكا ئاخباراتى»نى ئېلان قىلدى.

دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، يىل ئاخىرىدىكى نوپۇس 1 مىليارد 411 مىليون 750 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 850 مىڭ ئادەم ئازايغان، بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر- بازارلاردىكى دائىملىق نوپۇس 920 مىليون 710 مىڭ ئىكەن. بىر يىلدا 9 مىليون 560 مىڭ بوۋاق تۇغۇلغان، تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰6.77؛ 10 مىليون 410 مىڭ ئادەم ئۆلگەن، ئۆلۈش نىسبىتى %7.37؛ نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰0.60- بولغان.

  ئىزاھات:

بۇ يەردە دېيىلگەن پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسى دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە رەسمىي ھەربىيلەرنىڭ نوپۇسىنى كۆرسىتىدۇ، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاھالىلىرى ۋە چەت ئەللىك خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

2022- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، نۆل ياشتىن 14 ياش (15 ياشقا توشمىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)قىچە بولغان نوپۇسى 239 مىليون 80 مىڭ، 15 ياشتىن 59 ياش (60 ياشقا توشمىغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)قىچە بولغان نوپۇسى 892 مىليون 630 مىڭ.