53 كۈنلۈك بوۋاقنىڭ يۈرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى ئوڭۇشلۇق بولدى

日期:2023年03月02日
来源:新疆日报网
【字体:

2- ئاينىڭ 26- كۈنى خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك كۆچۈرۈش ئەترىتى تۇغۇلغىنىغا 53 كۈن بولغان قىز بوۋاق چېن چېننىڭ يۈرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىنى تاماملىغان.

بۇ يۈرەك گۇاڭجوۋدىكى مېڭىسىگە قان چۈشۈش سەۋەبىدىن مېڭىسى ئۆلگەن يەتتە ئايلىق ئوغۇل بوۋاقتىن كەلگەن بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر بالىنىڭ ھاياتىنىڭ باشقا ئۇسۇللار بىلەن داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىپ بالىنىڭ يۈرىكىنى تەقدىم قىلغان.

ھازىر چېن چېننىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرى تۇراقلاشقان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيەدە ئاسىيا بويىچە يېشى ئەڭ كىچىك يۈرەك ئالماشتۇرۇش رېكورتى يېڭىلانغان.