رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى: توردا ساغلام قىسقا سىن بوشلۇقى بەرپا قىلىمىز

日期:2023年03月02日
来源:新疆日报网
【字体:

 دۆلەت رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: 2- ئاينىڭ 22- كۈنى، دۆلەت رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يىغىن ئېچىپ، قىسقا سىن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەستانە بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. دۆلەت رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ شياۋۋېي يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھازىر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا چىقىپ سىن كۆرۈشى بارغانسېرى ئومۇملىشىۋاتىدۇ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش ئىدىيەسى ۋە تەپەككۇرىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، قىسقا سىن قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زور كۈچ بىلەن يامانغا زەربە بېرىپ، ياخشىغا مەدەت بېرىپ، ساغلام قىسقا سىن بوشلۇقى بەرپا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ياخشى مىجەز- خۇلق يېتىلدۈرۈش، ئەقىلنى ئېچىش، كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىشتە ئاكتىپ رول ئويناش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئاكتىپ كۈچ ئومۇمىي تەلەپ، باشقۇرالايدىغان بولۇش چىڭ قائىدە، ياخشى ئىشلىتىش ھەقىقىي قابىلىيەت» دېگەننى مىزان قىلىپ، مەزمۇن قۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلما تارقىتىش، ئەلا سۈپەتلىك تەمىنلەش، ئىجازەت بېرىش، كۈندىلىك نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش، مەخسۇس تۈر بويىچە تەربىيەلەش، قانۇن- نىزام ئىجرا قىلىش، ھېسابلاش ئۇسۇلىنى باشقۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇتۇپ، قىسقا سىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەت ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، توردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق ئۈن-سىن مۇھىتى يارىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.