دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: پەسىل خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، ھەرقايسى جايلاردىكى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرى، ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيەلىرىنىڭ ئېچىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئېچىش كېرەك

日期:2023年03月02日
来源:新疆日报网
【字体:

2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەشكە دائىر ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى گو يەنخۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىندا ھەقىقەتەن ئاز بولمىغان ئۆلكىلەردە تارقىلىشچان زۇكام ۋە نورۇ ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشقا ئوخشاش پەسىل خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر توپلىشىپ يۈزبەردى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. تارقىلىشچان زۇكام ۋە نورۇ ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ھەممىسى پەسىل خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك، تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى بولۇپ، ئاساسلىقى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ۋە يېقىندىن ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام ھەر يىلى پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىدۇ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدىغان كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ، لېكىن قىسمەن ئاغرىقلاردا ئۆپكە ياللۇغى ياكى باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەر ئېغىرلىشىپ ئېغىر كېسەلگە ئايلىنىدۇ، ئاساسلىقى ياشانغانلار، بالىلار، ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە بەزى سوزۇلما خاراكتېرلىك، ئاساسىي خاراكتېرلىك كېسىلى بار كىشىلەر توپىدا يۈزبېرىدۇ.

تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئاساسلىقى ۋاكسىنا ئەملەش، ماسكا تاقاش، قولنى دائىم يۇيۇپ تۇرۇش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە كىشىلەرنىڭ توپلىشىشىنى ئازايتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن ئارام ئېلىش ۋە ئۆزىنى ئايرىشقا دىققەت قىلىش، ئېغىر كېسەل خەۋپى يۇقىرى كىشىلەركېسەل بولسا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك. نورۇ ۋىرۇسى ئاساسلىقى ھەزىم قىلىش يولى يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ، ئاساسلىقى يۇقۇملانغان ئاغرىقلار بىلەن ئۇچرىشىش ھەم ۋىرۇس بىلەن بۇلغانغان سۇ، يېمەكلىك قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشتىن تارقىلىدۇ. نورۇ ۋىرۇسىنىڭ مۇھىتتىكى قارشىلىق كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك، يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى يوشۇرۇن مەزگىلى قىسقا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئاغرىقلارنىڭ زەھەر تازىلاش ۋاقتىمۇبىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئارىسىدا ئاسانلا تارقىلىدۇ. ھەر يىلى 10-ئايدىن كېيىنكى يىلى 3-ئايغىچە بولغان ۋاقىت نورۇ ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل بولۇپ، نۇقتىلىق ئالدىنى ئالىدىغان ۋە تىزگىنلەيدىغان سورۇنلار ئاساسلىقى مەكتەپ، يەسلى ۋە مەركەزلىك تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغان كوللېكتىپ ئورۇنلاردۇر.

بىزگە مەلۇمكى، نورۇ ۋىرۇسى ھەزىم قىلىش يولى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئاساسلىقى قول تازىلىقىنى ياخشى قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە شەخسىي يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىنى ياخشى قىلىش، مەسىلەن، قاينىتىلمىغانسۇ ئىچمەسلىك، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى پاكىز يۇيۇش، ئۇنىڭدىن باشقا ئىمكانقەدەر پىشۇرۇلغان كۆكتاتلارنى يېيىش، تاماقنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پىشۇرۇش كېرەك. نورۇ ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتا ئاساسەن يېنىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئەڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى بولسا قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش. بۇ كېسەللىكمۇ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدىغان كېسەللىك بولۇپ، يۇقۇملانغاندىن كېيىن سۇ تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش، ئېلېكترولىت تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش كېرەك، ئەگەر ئېغىر دەرىجىدە قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، سۇسىزلىنىش خەۋپى بولسا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

پەسىل خاراكتېرلىك بۇيۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارىتا، بىز ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدۇق، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرى، ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيەلىرىنىڭ ئېچىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېچىش ھەم داۋالايدىغان دورىلارنىبەلگىلىك مىقداردا زاپاس ساقلاش، كېسەل كۆرگەن دوختۇرلار مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامىتى بار ئاغرىقلارغا يولۇققاندا دىياگنوز قويۇش ۋە پەرقلەندۈرۈپ دىياگنوز قويۇشنى كۈچەيتىپ، كېسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن ئاكتىپ داۋالاش، كېسەل كۆرسىتىۋاتقان ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.