ئىككى قىرغاق «شياۋسەنتۇڭ»دىكى تۆت يولۇچى توشۇش لىنىيەسىنىڭ ھەممىسىدە قاتناش ئەسلىگە كەلدى

日期:2023年02月27日
来源:新疆日报网
【字体:

2-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 10دا، 59 يولۇچى ئولتۇرغان «جىشۈن 9-نومۇر» مازۇ بەيشادىن يولغا چىقىپ، ليەنجياڭ خۇاڭچى يولۇچىلار پىرىستانىغا قاراپ ماڭدى ھەمدە شۇ كۈنى سائەت 12دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ليەنجياڭدىن مازۇغاقايتتى، بۇنىڭ بىلەن، قاتناش ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا ئۈچ يىل بولغان خۇاڭچى-مازۇ «شياۋسەنتۇڭ» لىنىيەسىدە قاتناش ئەسلىگە كەلدى. ھازىرغا قەدەر، تۆت «شياۋسەنتۇڭ» يولۇچىلار تىرانسپورت لىنىيەسىنىڭ ھەممىسى ئەسلىگە كېلىپ، جىنمېن، مازۇدىكى يۇرتداشلارنىڭ ئىككى قىرغاق قاتنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. «شياۋسەنتۇڭ» يولۇچى توشۇش لىنىيەسى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىئارقا-ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، 62 بېرىش-كېلىش نۆۋەتچى پاراخوتى قاتناپ، 6715 يولۇچى بىخەتەر توشۇلدى.

ھەر دەرىجىلىك قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى «شياۋسەنتۇڭ» يولۇچىلار تىرانسپورت لىنىيەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «بىخەتەر، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، غەمخورلۇق قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، سۇ يولى لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، پىرىستان ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

«شياۋسەنتۇڭ» يولۇچى توشۇش لىنىيەسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، 217 مىڭ قېتىملىق نۆۋەتچى پاراخوت بىخەتەر قاتنىدى، 22 مىليون 80 مىڭ يولۇچى توشۇلدى. فۇجيەن قاتناش تىرانسپورت تارماقلىرى بۇ قېتىمقى نۆۋەتچى پاراخوتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۇرسەتبىلىپ، «شياۋسەنتۇڭ» يولۇچىلار تىرانسپورت لىنىيەسىنىڭ دائىملىق تىجارەت مۇلازىمىتى ۋە كاپالەت خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.