«پايتەخت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كەڭ رايونلارنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى − بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ توققۇز يىللىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان»

日期:2023年02月26日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«پايتەخت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كەڭ رايونلارنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى − بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ توققۇز يىللىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى «پايتەخت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كەڭ رايونلارنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى − بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ توققۇز يىللىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: پايتەخت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كەڭ رايونلارنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى.

2014 ـ يىلى 2 ـ ئايدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور تەدبىرنى تۈزدى.

توققۇز يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئۆزى بىۋاسىتە پىلانلاپ، ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، ئالغا ئىگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەپ، بۇ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كەڭ ۋە چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2023 ـ يىلى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى. بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى كەيپىيات يارىتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئۈزلۈكسىز پىلانلاندى.

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا قەدەمنى تېز ۋە پۇختا ئېلىپ، پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەنى تارقاقلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا سىجىل كۈچەپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مېخانىزم بەرپا قىلىپ، «ماس تەرەققىياتنىڭ پايدىسى»نى يارىتىش.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شامالنىڭ چىقىشى دەل يەلكەن چىقىرىدىغان پەيت، پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىگەندىلا يول كېڭىيىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ جاي پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت بىر تاختا شاھماتنى ياخشى ئويناپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ماس تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.