تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلارنى يوقلاش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

日期:2022年12月29日
来源:新疆日报网
【字体:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدە

تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلارنى يوقلاش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلارنى يوقلاش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە خەلق ئاممىسىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى غەيرەت ـ شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يوقلاش، ھال سوراش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى تەشۋىق قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى ھالىتى ۋە كونكرېت ئىلتىماس ـ تەلىپىنى ئىگىلەپ، قاراتمىلىق ھالدا ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، «بىر ئادەمدىن ھال سوراش، بىر ئائىلىگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، بىر دائىرىگە تۈرتكە بولۇش»تەك ياخشى ئۈنۈمنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن پارتىيەگە كىرگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى ئومۇميۈزلۈك يوقلاش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا، بولۇپمۇ شارائىتى جاپالىق رايونلار ۋە جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش كېرەك. خىزمەت ئۈستىدە ۋاپات بولغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە بولغان يوقلاش، ھال سوراش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ۋە ئۇزاققىچە ياردەم بېرىش ـ يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»، دۆلەت شەرىپى نامى، «1 ـ ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر ۋە «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى»، «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى»گە ئالاقىدار تەمىناتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يوقلاش، ھال سوراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يوقلاش، ھال سوراش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، كەنت(مەھەللە)لەردىكى پېشقەدەم تايانچلار، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئامما قاتارلىقلارغا بولغان كۆيۈنۈش، ياردەم بېرىش ـ يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىنىمۇ يوقلاش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەركەزگە ۋاكالىتەن باشقۇرۇۋاتقان پارتىيە بەدەل پۇلىدىن يوقلاش، ھال سوراش مەخسۇس مەبلىغى ئاجرىتىدۇ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماق(سىستېما)لار يانداش مەبلەغنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باھار بايرىمىدىن بۇرۇن ھال سوراش ئوبيېكتلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ تەمىناتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلىنغان دەم ئېلىشقا چىققان قىسمەن كادىرلارنىڭ داۋالىنىش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارنىڭ كۈتۈنۈش ھەققى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ۋە دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارنىڭ دەم ئېلىش ھەققىنى كۆپەيتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن پارتىيەگە كىرگەن يېزىلاردىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىقىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولمىغان شەھەر ـ بازارلاردىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىغا تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يوقلاش، ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يوقلاش، ھال سوراش ۋە بايرام مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يوقلاش، ھال سوراشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە دىققەت قىلىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىغا قارىتىلغان ياردەم بېرىش ـ يۆلەش سالمىقىنى مۇۋاپىق زورايتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى يوقلاش، ھال سوراش پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يوقلاش، ھال سوراشنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە خەلق ئاممىسىنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، جاسارەتلىك بولۇپ نەتىجە يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.