بىرتۇتاش پىلانلاش

日期:2022年12月29日
来源:新疆日报网
【字体:

− پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شىفىرىغا نەزەر (7)

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ چاۋ

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەت سىستېمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش... پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «بىرتۇتاش پىلانلاش» دېگەن سۆز كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىندى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بىلەن ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئىقتىساد سىياسىتى بىلەن باشقا سىياسەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، دۆلەت ئىچىدىكى ئايلىنىش بىلەن خەلقئارادىكى ئايلىنىشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، ھازىر بىلەن ئۇزاق كەلگۈسىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، 12 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىدىن 16 ـ كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە «ئالتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى ياخشى ئىگىلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چىڭ تۇرىدىغان ئىلمىي مېتودولوگىيە، بىرتۇتاش پىلانلاش داۋامىدا پۈتۈن ۋەزىيەتنى پىلانلاپ، ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاش داۋامىدا تەڭپۇڭلۇقنى ئىگىلەپ، يۆنىلىشنى توغرىلاپ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

پۈتۈن ۋەزىيەتنى پىلانلاش: «ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ مەسىلىلەرنى ئويلاشتا چىڭ تۇرۇش»

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

گۇيلىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل جۇ جيابىن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا، گۇيلىن لىجياڭ دەرياسى ئېكولوگىيەسىنىڭ ئەسلىي قىياپىتى، مۇكەممەللىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن خەلقنى بېيىتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇردى.

باش شۇجى سەمىمىي تاپىلاپ مۇنداق دېدى: «گۇيلىننىڭ تاغ ـ دەريالىرىنى ياخشى قوغداش دەل دۆلەتكە، مىللەتكە ئەڭ زور تۆھپە قوشۇش ھېسابلىنىدۇ، مانا بۇ سىلەر قىلىدىغان <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى>».

باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا ـ قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: رەھبىرىي كادىرلار مەسىلىلەرنى ئويلىغاندا، تەدبىرلەرنى بەلگىلىگەندە، چوقۇم دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشىغا قارىتا كۆڭلىدە سان بولۇشى، چوڭ چوتنى كۆپرەك سوقۇشى، چوڭ ھېساباتنى كۆپرەك قىلىشى، كىچىك چوتنى ئاز سوقۇشى، ئۇششاق ھېساباتنى ئاز قىلىشى، رايون ۋە تارماقلارنىڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە سىڭدۈرۈشكە ماھىر بولۇشى كېرەك.

بىرتۇتاش پىلانلاشتا ئومۇميۈزلۈك پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشى نامايان قىلىندى.

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، مەيلى ئىنقىلاب مەزگىلىدە چوڭ شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن يېزىلارغا يۈرۈش قىلىشقا بۇرۇلۇشتا بولسۇن، ياكى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى باش لۇشيەننى ئوتتۇرىغا قويۇشتا بولسۇن، يەنە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى تەكىتلەشكىچە بولسۇن، پارتىيەمىز باشتىن ـ ئاخىر ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم «پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلىمىگەنلەر كونكرېت ساھەدىكى ئىشنىمۇ ياخشى قىلالمايدۇ» دېگەن بۇ قەدىمكى سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەدىن «ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ مەسىلىلەرنى ئويلاشتا چىڭ تۇرۇش»نى تەلەپ قىلدى.

ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، پارتىيەمىز پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇردى.

يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگونىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى بېكىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش چىقاردى: «ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى _ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت.

پۈتۈن ۋەزىيەت كۆزدە تۇتۇلۇپ، 20 ـ قۇرۇلتاي دوكلاتىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى ۋە ماھىيەتلىك تەلىپى قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر بايان قىلىندى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 1 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىنى پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ھەم بىر رايونغا شەرەپ كەلتۈرۈش، ھەم پۈتۈن ۋەزىيەتكە ھۆسن قوشۇش كېرەك.

ماس ئالغا سىلجىتىش: «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزم»

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئاساسىدا، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزم، بىز ئىقتىسادنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ھەمدە باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلارنى ماس ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

«سوتسىيالىزم يولىدا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە كۆپچىلىك بىرلىكتە ماڭايلى!» ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا «بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ» دېگەن سۆز ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

«جۇڭگو قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى قۇدرەت تېپىشى كېرەك.» ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقىچە، جۇڭخۇا زېمىنىدا تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەشنىڭ تولۇق كۆرۈنۈشلۈك خەرىتىسى نامايان بولدى.

20 ـ قۇرۇلتاي دوكلاتىدا تۈزۈلگەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىدا، غايەت زور نوپۇس كۆلىمىگە ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماسلىشىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشقىچە، ھەممىسىدە ئومۇميۈزلۈك ئالاھىدىلىك نامايان بولدى.

ئومۇميۈزلۈك بولۇش پارچە ـ پۇرات ئىش قىلىش بولماستىن، بەلكى ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە توپلاشتۇرۇشتۇر.

ئومۇميۈزلۈك بولۇشنى نىشانلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىرتۇتاش پىلانلاش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، «ئىككى قولدا تۇتۇش»تىن ئىبارەت دىيالېكتىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىرسىگە سەل قاراپ، بىرسىگە ئېتىبار بېرىش، بىر تەرەپلىمىلىكنى بىر پۈتۈنلۈك دەپ قاراشتىن ساقلىنىپ، ماس ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى تېپىپ چىقتى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز «ئىككى قولدا تۇتۇش»نى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇناسىۋىتى، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتى، ئېچىۋېتىش بىلەن ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنىڭ مۇناسىۋىتى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىشنى تەكىتلىدى.

تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور تەدبىرنى ۋاقتىدا چىقاردى، دۆلىتىمىز بىر تەرەپتىن، يۇقۇمنى باشلامچىلىق بىلەن تىزگىنلەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور چەكتە قوغدىدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى باشلامچىلىق بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگىرىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇردى.

دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ دىيالېكتىكىلىق بىرلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھەم تەرەققىياتتىن ئىبارەت بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىنى ياخشى تۇتۇپ، ھەم دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئېغىر، زور پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ، پۇختا ئىلگىرىلەپ يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى.

نۇقتىلىق بۆسۈش: «مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەتكە تۈرتكە بولۇش»

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىش بىلەن بىللە، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىكى خىزمەت ئايرىم بۆلەك قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئاچقۇچنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشى نامايان قىلىندى.

پارتىيەمىز بىر چوڭ پارتىيە، رەھبەرلىك قىلىۋاتقىنى بىر چوڭ دۆلەت.

2014 ـ يىلى 2 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگودا رەھبەر بولۇش ئۈچۈن، جەزمەن ئەھۋاللارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئاساسىدا، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىۋېرسال تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن ۋەزىيەتكە تۈرتكە بولۇش كېرەك، بەزىدە چوڭ ئىشلارنى تۇتۇپ، كىچىك ئىشلارنى قويۇپ تۇرۇش، چوڭ ئىشلار ئارقىلىق كىچىك ئىشلارغا تۈرتكە بولۇش، بەزىدە يەنە كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ ئىشلارنى يېتەكلەش، كىچىك ئىشلاردىن چوڭ ئىشلارنى كۆرۈش كېرەك، ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئون بارماق بىلەن پىيانىنو چېلىش كېرەك.

بىرتۇتاش پىلانلاشتا ئىككى نۇقتا نەزەرىيەسى بىلەن مۇھىم نۇقتا نەزەرىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى ئەقىل ـ پاراسەت نامايان قىلىندى.

«تۈرلۈك ـ تۈمەن ئىشلار تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ ئىشى» «ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن ـ يەتمىگەنلىكتە ئاچقۇچلۇقى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا قاراش كېرەك» «<ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار>نى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىش كېرەك»...

باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە ھەم پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشىنى تەكىتلەپ، ھەم ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى ئالدىن ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەتكە تۈرتكە بولدى.

نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقىش رايون، نوپۇس، ساھەلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش بىلەن بىللە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى قىلىش كېرەك؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ھەم يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، ھەم ئىسلاھاتنىڭ ئېغىرلىق نۇقتىسىغا يۈرۈش قىلىشقا، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك؛ ھەم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەكىتلەش، ھەم يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش: كۆپ جايدا ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش، شېنجېندا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئالدىن يۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى قۇرۇش، پۇدۇڭنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچى رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جېجياڭدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق، ئورتاق بېيىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش ئارقىلىق نۇسخا ئېلىشقا بولىدىغان، كېڭەيتكىلى بولىدىغان تەجرىبىلەر شەكىللەندۈرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيەمىز ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق 100 يىللىق ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، يەنە چوقۇم يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ 20 ـ قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇملۇق بىلەن قىسمەنلىكنىڭ، ھازىر بىلەن كەلگۈسىنىڭ، ماكرو بىلەن مىكرونىڭ، ئاساسىي زىددىيەت بىلەن ئىككىنچى ئورۇندىكى زىددىيەتنىڭ، ئالاھىدىلىك بىلەن ئومۇمىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئوبدان ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، تارىخىي تەپەككۇر، دىيالېكتىك تەپەككۇر، سىستېما تەپەككۇرى، ئىجادىي تەپەككۇر، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئويلىشىش، ئومۇمىيەت جەھەتتىن پىلانلاش، بىر پۈتۈن ئالغا سىلجىتىشنى ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)