ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش

日期:2022年12月28日
来源:新疆日报网
【字体:

− پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شىفىرىغا نەزەر (5)

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇ خاۋ، شۈ جۇاڭ

«پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يوللىرىنى پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدا ئىزدىنىش ئارقىلىق ئاچقان، ماركسىزمنىڭ جۇڭگو سەھىپىسىنى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق پۈتۈپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭغا سىڭگەن بىر ئاساسىي نۇقتا شۇكى، جۇڭگودىكى مەسىلىگە جۇڭگونىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگولۇقلار ئۆزى جاۋاب بېرىشى شەرت».

مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ جېنى، پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم پىرىنسىپى. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدا ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش روھى تولۇق نامايان قىلىندى، ئۇنىڭغا ئۆز يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدىغان قەتئىي ئىرادە ۋە ئىشەنچ سىڭدۈرۈلدى.

ئۆز يولىدا مېڭىش پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن چىقىرىلغان تارىخىي يەكۈن

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا بىز باشتىن كەچۈرگەن، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئۈچ چوڭ ئىشقا يۈكسەك باھا بېرىلدى. بۇ ئۈچ چوڭ ئىش مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئورتاق ئېچىپ بەردى − مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ مۇقەررەر يەكۈنى.

1935 ـ يىلى 1 ـ ئايدا، گۇيجوۋ زۇنيىدا سوغۇق جاندىن ئۆتەتتى، ھالبۇكى خۇڭخۇاگاڭ رايونى زىيىن يولى 96 ـ نومۇرلۇق قورۇدىكى ئارانلا 27 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر ئېغىز كىچىك ئۆيدە كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن ئىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بۇ يەردە سىياسىي بىيۇرونىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئېچىپ، تۇنجى قېتىم مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدا ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى تەتبىقلاپ ئۆزىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلدى.

ئۇزۇن سەپەر يولىدىكى زۇنيى يىغىنى پارتىيەنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدا ھەل قىلىش يېڭى باسقۇچىنى باشلىدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كونا جۇڭگو ھەم نامرات، ھەم ئارقىدا قالغان ئەھۋالدا مۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان سانائەت سىستېمىسى ۋە خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تېپىپ چىقتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ خىل «مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدا ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش روھى» ۋە «ئۆز يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدىغان قەتئىي ئىشەنچ ۋە ئىرادە»گە يۈكسەك باھا بەردى، بۇنى «پارتىيەمىزنىڭ بارلىق نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ مەۋقەسى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى» دەپ قارىدى.

يېڭى دەۋرگە كىرىپ، پارتىيەمىز يېڭى ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. 10 يىلدىن بۇيان، «ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش» ئىدىيەسى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىردى.−

«گۈللىنىش يولى» ناملىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارغا «بىر توغرا يولنى تېپىش تولىمۇ قىيىن، بىز جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز كېرەك» دېدى؛

مۇھىم، زور دىپلوماتىيە سورۇنلىرىدا، ئۇ دۇنياغا «ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش»نى تەكىتلىدى؛

ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇ «بىز جەزمەن كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىمىزغا يېتىشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقى رىقابەت ئەۋزەللىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك» دەپ تاپىلىدى؛

چاڭئې 3 ـ نومۇر ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىش، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ «جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشقىلار مېڭىپ باقمىغان يولدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛

ياجوۋۋەن ئۇرۇقچىلىق تەجرىبىخانىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئۇ «ئۇرۇقچىلىق پەن ـ تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۇرۇقلۇق مەنبەسىنى مۇستەقىل كونترول قىلالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ئۇرۇقلۇقى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دەپ رىغبەتلەندۈردى؛

تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەسلەپ، كەلگۈسى مۇساپىگە نەزەر سېلىپ، ئۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى جەزمەن چىڭىتىپ، «تۈمەنلىگەن جاپا ـ مۇشەققەتتىمۇ يەنىلا قەيسەر تۇرۇپ، كۈرمىڭلىغان جاپا ـ مۇشەققەت، زەربىلەرگە ئەگمىدۇق باش، سوقسىمۇ بوران ـ چاپقۇن، ھېلىھەم تۇردۇق مانا ياپياش» دېگەننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قايتا ـ قايتا تەكىتلىدى؛

...

پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ 3 ـ تارىخىي قارارى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، «مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىل كۈرەش قىلىپ توپلىغان ئون تۈرلۈك تارىخىي تەجرىبىنىڭ بىرى قىلىندى.

قاچان مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرغاندا، ئىشلىرىمىزدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىدىغانلىقى؛ قاچان بۇ پىرىنسىپتا ياخشى چىڭ تۇرالمىغاندا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئەگرى يولغا مېڭىپ قالىدىغانلىقىنى تارىخ قايتا ـ قايتا ئىسپاتلىدى.

مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى، جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ قۇدرەتلىك ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تېخىمۇ جۇشقۇن كۈرەش قىلىش روھى، تېخىمۇ مۇستەھكەم غەلىبە ئىشەنچىگە تولدى، تېخىمۇ كۈچلۈك تارىخىي ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئۇرغۇتتى.

جۇڭگودىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشتا جەزمەن دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگولۇقلار ئۆزى جاۋاب بېرىشى شەرت

خۇنەن چاڭشا، يۆلۇ بىلىم يۇرتى. كۆككە تاقاشقان قەدىمىي دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى. دەرسخانىنىڭ پېشايۋانىغا «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» دېگەن خەت يېزىلغان بېغىشلىما تاختىسى ئېگىز ئېسىلغانىدى.

2020 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايدا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «كوممۇنىستىك پارتىيە قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى؟ ئەينى يىلىدىكى شىكۇمېندا، نەنخۇ كۆلىدىكى ئاشۇ كېمىدە، ئاشۇ ئون نەچچە كىشىدىن، بۈگۈنكى مۇشۇ قەدەمگە يەتكىچە. بۇنىڭ ئىچىدىكى يولنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش، چوقۇم ھەقىقەتنى ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك».

ئۆزىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر يولنى جاسارەت بىلەن ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى ھەم توغرا يولدا پۇختا ماڭدى، قەتئىي ماڭدى، بۇ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغانلىق؛ بەزى خىرىسلار، خەۋپ ـ خەتەرلەر سەۋەبىدىن ئۆزىگە چەكلىمە قويۇۋالمىدى، تۇتقان يولىنى ئۆزگەرتمىدى، بۇ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغانلىق؛ ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى، بۇمۇ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغانلىق.

يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، يولداش شى جىنپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر ۋە ئەمەلىيەت ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى:

سىياسىي تۈزۈم جەھەتتە «غايىب چوققا»دىن بىرنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، «ئاياغنىڭ پۇتقا دەل كەلگەن ـ كەلمىگەنلىكىنى پەقەت كىيگەن ئادەملا بىلىدۇ» «<باشقىلارنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ، ئۆزىنىڭ مېڭىشىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا> ھەرگىز بولمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى؛

چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «دۇنيادا ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەندىزىسى مەۋجۇت ئەمەس، شۇنداقلا ھەممىلا يەرگە ماس كېلىۋېرىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۆلچىمىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.» «بىز ئالغا سىلجىتىۋاتقان زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ھەم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بار»؛

ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: «ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش بىلەن ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ماركسىزم نەزەرىيەسى ئارقىلىق يېڭى دەۋردە جۇڭگودىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك»؛

...

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزم كىلاسسىك يازغۇچىلىرىنىڭ «قائىدە»، «قانۇن»، «فورمۇلا»لىرىنى جانلىق تەتبىقلاپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە دۇچ كەلگەن «دەۋر تېمىسى»گە جاۋاب بېرىپلا قالماي، يەنە يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانىدا، يېڭى «قائىدە»، «قانۇن»، «فورمۇلا»لارنى ئىجادىي خۇلاسىلەپ، تاۋلاپ، قائىدىدىن داۋلىغا، يولدىن يول تېپىشقا، ئۇسۇلدىن چارىگە ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماركسىزم ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇردى.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى ۋە ماھىيەتلىك تەلىپى قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر بايان قىلىنىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدا جۇڭگودىكى مەسىلىگە جاۋاب بېرىشى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بېكىتىلدى.

ئۆزى تاللىغان يولدا مەردانە قەدەم تاشلاپ مېڭىش

مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى تۈپ كاپالەت، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدىكى مۇقەررەر تاللاش.

ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر راۋاجلىنىۋاتىدۇ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەسىر يۇقۇمىنىڭ تەسىرى چوڭقۇرلىشىپ، يەرشارىۋىلىشىشقا قارشى پىكىر ئېقىمى باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى.

جۇڭگو تەرەققىي قىلىشتا، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك.

«ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش» «ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش»تىن «مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويۇش» «مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، تامامەن باراۋەر بولۇش، بىر ـ بىرىنى ھۆرمەتلەش، بىر ـ بىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپى ئاساسىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ـ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش»كىچە ... ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ۋە قايتا ـ قايتا تەكىتلەش 20 ـ قۇرۇلتاي دوكلاتىغا باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈلدى.

دوكلاتتا مۇنداق تەكىتلەندى: «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇشىمىز»، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يولدىن قايماسلىق، ئىرادىدىن يانماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، بېكىنمە، قاتمال كونا يولدىمۇ، بايراق ئالماشتۇرىدىغان ئەگرى يولدىمۇ ماڭماي، دۆلەت ۋە مىللەتنى ئۆز كۈچىمىز ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھەرگىز بېكىنمىچىلىك، قاتماللىقتىن، بىر ئىزدا توختاپ قېلىپ، كونىلىققا ئېسىلىۋېلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ.

يېڭى مۇساپىدە، ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىش يولىدا ياخشى مېڭىشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بىلەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ بىرلىكىدە، روھنى يېتىلدۈرۈپ ئاساسنى پۇختىلاش بىلەن توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر ۋە ئەمەلىيەت ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ئىلمىي يېشىش كېرەك.

يېڭى مۇساپىدە، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ياخشى مېڭىشتا، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭگونىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، جۇڭگونىڭ ئىشىنى ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن تەجرىبە ۋە ئەقىل ـ پاراسەت قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.

يېڭى مۇساپىدە، ئۆز ئالدىغا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا ياخشى مېڭىشتا، ھەم مىللەت غۇرۇرى ۋە ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ھەم چەت ئەلنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئىلغار مەدەنىيلىك نەتىجىلىرى ۋە خەلقئارادىكى پايدىلىق تەجرىبىلەرنى دىيالېكتىكىلىق تاللاش ئاساسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ، ئېچىۋېتىپ، ھەمكارلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ماڭغانسېرى كېڭەيتىشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)