دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا قارىتا ئايرىش تەدبىرى يولغا قويۇلمايدۇ

日期:2022年12月28日
来源:新疆日报网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتى «يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا قارىتا <B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش>نى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئومۇمىي لايىھە»نى ئېلان قىلدى، لايىھەدە ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا قارىتا «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش» يولغا قويۇلىدۇ. يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىغا ئاساسەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا قارىتا ئايرىش تەدبىرى يولغا قويۇلمايدۇ، يېقىندىن ئۇچراشقۇچى، دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ؛ خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن رايون، دەپ ئايرىلمايدۇ؛ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ قوبۇل قىلىپ داۋالاش يولغا قويۇلىدۇ ھەم داۋالاش كاپالىتى سىياسىتى ۋاقتىدا تەڭشىلىدۇ؛ تەكشۈرۈش تەدبىرى «تەكشۈرتۈشنى خالايدىغانلارنى تولۇق تەكشۈرۈش»كە تەڭشىلىدۇ؛ يۇقۇم ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش قېتىم سانى ۋە مەزمۇنى تەڭشىلىدۇ. دۆلەت چېگراسى سەھىيە كارانتىن قانۇنىغا ئاساسەن، چېگرادىن كىرگەن كىشىلەر ۋە مال قاتارلىقلارغا يۇقۇملۇق كېسەلنى كارانتىن قىلىش بويىچە باشقۇرۇش تەدبىرى قوللىنىلمايدۇ.