دۆلىتىمىز گاۋ فېن 11-نومۇرلۇق 04 سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

日期:2022年12月28日
来源:新疆日报网
【字体:

  بېيجىڭ ۋاقتى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 15تىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىز تەييۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە چاڭجېڭ 4-نومۇر B تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانى ئىشلىتىپ، گاۋفېن 11-نومۇر 04 سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى، سۈنئىي ھەمراھ بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ سۈنئىي ھەمراھ ئاساسلىقى دۆلەت زېمىنىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، شەھەرپىلانلاش، يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش، يول تورىنى لايىھەلەش، زىرائەت مەھسۇلاتىنى مۆلچەرلەش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى ۋەزىپە چاڭجېڭ يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتالىرىنىڭ 457-قېتىملىق ئۇچۇشى ھېسابلىنىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى