تەرەققىيات

日期:2022年12月28日
来源:新疆日报网
【字体:

− پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شىفىرىغا نەزەر (6)

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ئەن بېي، جاڭ شىنشىن، يەن فۇجىڭ

«تەرەققىيات» دېگەن سۆز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا 239 قېتىم تىلغا ئېلىندى.

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» «تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش» «تەرەققىياتنى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاش» «يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىش»...

تەرەققىيات خەلقنىڭ بەختىگە، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك، پارتىيەنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ غەلىبىدىن غەلىبىگە مېڭىشتىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شىفىرىنىڭ بىرى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى مەنزىل ئېچىشتىكى ئاچقۇچ.

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى»

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە. تەرەققىيات پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى».

بەش يىل ئىلگىرى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا، باش شۇجىنىڭ قىلغان سۆزى قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇرماقتا: «جەزمەن تەرەققىياتنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك» «دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتتى».

ئون يىل ئىلگىرى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ «گۈللىنىش يولى» ناملىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئۆتمۈشنى ئەسلىگەندە، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جەزمەن شۇنى ئەستە چىڭ ساقلىشى كېرەككى، ئارقىدا قالغانلار بوزەك بولىدۇ، تەرەققىي قىلغاندىلا ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولىدۇ».

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىپ، كونا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى پاچاقلاپ تاشلاش، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش پارتىيەنىڭ 100 يىللىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇساپىسىگە سىڭگەن بولۇپ، پارتىيەنىڭ خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش، مىللەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ھالقىلىق شىفىرلىق ئاچقۇچ.

بۇ مۇساپىدە، «نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس» «تەرەققىيات چىڭ داۋلى»دىن «تەرەققىيات پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى، جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى»غىچە، پارتىيە تەرەققىيات چارىسى ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى يېتەكلەپ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش داۋامىدا، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس توپلاپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، «خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن ئارقىدا قالغان ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت»كە دۇچ كەلگەندە، پارتىيە خەلقنى يېتەكلەپ تەرەققىيات مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلدى؛

يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، «خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت»كە يۈزلىنىپ، «تەرەققىي قىلغاندىن كېيىنكى» باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان ھازىرقى زامان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى يەنە بىر يېڭى قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدى:

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نامايان قىلىدىغان تەرەققىيات بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ <بولۇش - بولماسلىق>تىن <ياخشى بولۇش - بولماسلىق>قا قاراپ ئۆزگىرىشىدۇر».

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دۇنياغا مۇنداق جاكارلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى «تەرەققىيات»، شۇنداقلا «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» داۋامىدا يېزىلىدۇ.

«خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش»

«خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.» 10 يىل ئىلگىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغاندا، شى جىنپىڭنىڭ سۆزى سەمىمىي ۋە قەتئىي بولدى.

ئون يىلدىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، باش شۇجى تەنتەنىلىك ھالدا: «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز» دەپ جاكارلىدى.

كىم ئۈچۈن دېگەن مەسىلە بىر سىياسىي پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرىنى سىنايدىغان سىنتاش.

خەلقچىللىق − ماركسىزمنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى، خەلقنىڭ مەيدانى − ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى. باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تايانچى، ئەڭ كۈچلۈك ئىشەنچ ئاساسى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى پۇختىلىدى.

100 يىل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، ئىرادىسىدىن قايتماسلىق: 1 - بەش يىللىق پىلاندىن 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانغىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقىچە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقىچە ... پارتىيە باشتىن - ئاخىر ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىپ، تەرەققىياتنى پىلانلاپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بولۇش - بولماسلىق»تىن «ياخشى بولۇش - بولماسلىق»قىچە بولغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۆلچىمى دەل خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش - بولماسلىقى.

«سۇمۇرغ كۆكتە پەرۋاز قىلغاندا، بىرلا قانىتىغا تايانغان ئەمەس؛ تۇلپار ئۇچقاندەك چاپقاندا، بىرلا پۇتىنىڭ كۈچىگە تايانغان ئەمەس».

بۇ، 2019 - يىلىدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ نەقىل كەلتۈرگەن بىر جۈملە قەدىمكى سۆز بولۇپ، مەنىسى جۇڭگو ئېگىزدە پەرۋاز قىلىش، ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش ئۈچۈن، 1 مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشى ۋە قوزغىتىشى كېرەك، دېگەننى تەكىتلەشتىن ئىبارەت.

تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلىگەندىلا، ئاندىن ئاساس بولىدۇ؛ تەرەققىياتتا خەلققە تايانغاندىلا، ئاندىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولىدۇ.

پارتىيە يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ قاتمۇقات قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشتە تايانغىنى كەڭ خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بولدى. خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، خەلقنىڭ كۈچ - قۇدرىتى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى تارام - تارام كىچىك ئېقىنلار قوشۇلۇپ دېڭىزنى ھاسىل قىلغاندەك، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن جۇڭگو مۆجىزىسىنى ياراتتى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئەمدىلا يېپىلىپ، 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭىدىن سايلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ يەنئەنگە كەلدى.

جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بۇ مۇقەددەس جايىدا، باش شۇجى خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش ئۈستىدە توختالغاندا، «ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش» ۋە «زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش»نى نۇقتىلىق تەكىتلىدى.

يېڭى مۇساپىدە، ئەسلىي مەقسەت ئۆزگەرمىدى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، «تورت چوڭ ياسىلىپ» ھەم «تورت ياخشى بۆلۈنۈپ»، ھەربىر ئادەم ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىندى، ئۇلۇغ ۋەتەن، ئۇلۇغ دەۋر بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىندى.

«دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۈچىمىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىغا قويۇپ، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىشىمىز كېرەك»

بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا، مەۋقەنى ئۆز يولىدا ياخشى مېڭىشقا قويۇش كېرەك.

ھەم نامرات، ھەم ئارقىدا قالغان ئەھۋالدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇشتىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىنىڭ چوڭ پەردىسىنى ئېچىشقىچە، ئاندىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىشكىچە ... مەيلى قانداق خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيە باشتىن - ئاخىر خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، مەۋقەنى ئۆز ئالاھىدىلىكىمىزگە قويۇپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى.

بىز ئىلگىرىلىگەنسېرى قىيىنلىشىدىغان، ئىلگىرىلىگەنسېرى خەتەرگە يولۇقىدىغان، ھالبۇكى ئىلگىرىلىمىسەك چېكىنىدىغان، قەتئىي ئىلگىرىلىمىسەك بولمايدىغان ۋاقىتتا تۇرۇۋاتىمىز، بىز بوران - چاپقۇننىڭ ھەتتا دەھشەتلىك بوران - چاپقۇننىڭ ئېغىر، زور سىنىقىغا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «دۆلەت ۋە مىللەتنى ئۆز كۈچىمىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىغا قويۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك».

تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشنىڭ ئاچقۇچى زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشتا.

2020 - يىلىنىڭ بېشىدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلاش خاراكتېرلىك تارقىلىپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدە قىسمەن دائىرىلىك ئۈزۈلۈش كۆرۈلدى.

«مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ھازىرقى ۋەزىيەت ئوخشىمايدۇ، كۆپ مىقداردا ئىمپورت قىلىپ كۆپ مىقداردا ئېكسپورت قىلىدىغان مۇھىت، شارائىت ئۆزگەردى، جەزمەن يېڭى ۋەزىيەتكە ئاساسەن تەرەققىياتقا يول باشلايدىغان يېڭى تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدى.

2020 - يىلى 4 - ئايدا، مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 7 - قېتىملىق يىغىنىدا «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى» تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك؛ خەلقئارا بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ئوچۇق تەرەققىيات داۋامىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش» ئايرىم باب قىلىنىپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى ئېلىش، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىش گەۋدىلەندۈرۈلدى.

تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشتە، جەزمەن تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ مۇرەككەپ، قىيىن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش كېرەك.

ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىپ، يېڭىچە ئاشلىق بىخەتەرلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ئاساسىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك...

تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە، يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ بىر قاتار ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئاساسىي تەجرىبە.

تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، ھەم مەۋقەنى ئۆزىمىزگە قويۇپ، ھەم دۇنيانى قەلبكە پۈكۈشىمىز كېرەك.

«تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان يەرشارىۋى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك» «تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار يەرشارىۋى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك» «تېخىمۇ ئېلاستىكلىققا ئىگە يەرشارىۋى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك»... 20 دۆلەت گۇرۇھى بالى ئارىلى باشلىقلار يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى «تەرەققىيات»قا مەركەزلىشىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىش ئېقىمىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىشىمىز ھەم تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا، ئۆز تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىشىمىز كېرەك.

پەقەت تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى باشتىن - ئاخىر مەھكەم تۇتۇپ، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتساقلا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)