مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2023 - يىللىق يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2022年12月28日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2023 - يىللىق يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

2023 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بايرام مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ خۇشال - خۇرام، ئىناق بايرام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز.

بىرىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تەڭشەشنىڭ يېڭى باسقۇچقا تىنچ، تەرتىپلىك ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ئاپپاراتلار، نۇقتىلىق ئورۇنلار، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش كېرەك. دەرىجىگە ئايرىپ، قاتلاملارغا ئايرىپ، تارقاقلاشتۇرۇپ قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئائىلىسىدە تۇرۇۋاتقان ئاغرىقلارنىڭ ساغلاملىقىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش - قۇتقۇزۇش، بولۇپمۇ ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇپ داۋالاشتىكى تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى تولۇق ئىشلەپ، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇپ داۋالاش ۋە نورمال داۋالاش تەرتىپىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دورا، تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، زاپاس ساقلاش ۋە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، باھانى بىردىنلا ئۆستۈرۈۋېلىش، تاۋارنى بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ساغلاملىق بىلىملىرى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى شەخسىي مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىشقا، ماسكا تاقاش، قولنى پات - پات يۇيۇش، ئاز يىغىلىش، ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

ئىككىنچى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى، ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىش، بەلگىلىمە بويىچە باھا ۋاقىتلىق ياردەم پۇلى تارقىتىش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۇرمۇشتا يۆلەنچۈكى يوق سەرگەردان تىلەمچىلەر، مېيىپلەر، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلار، يېتىم بالىلار قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا قىش ۋە ئەتىيازدىكى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىشنى بىخەتەر، ئىللىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى مەركەزلىك تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئاممىنىڭ بايراملىق ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. كۆمۈر، توك، ماي، گاز، تىرانسپورتنى ماسلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن بىخەتەر تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان توك، گاز باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش ۋە كۆك - تاققا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرلىشىپ كاپالەتلىك قىلىش، بىرلىشىپ تەمىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىق مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بايراملىق بازار تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش كېرەك. زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن جىددىي تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، بازارنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، زاپاس تاۋارلارنى دەل ۋاقتىدا بازارغا سېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» − مەدەنىيەتنى ئونمىڭلىغان ئائىلىگە يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول، تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بايراملىق مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. مەدەنىيەت - ساياھەت، دەم ئېلىش كۈنلىرى بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىنىڭ تەرتىپلىك ئەسلىگە كېلىشى، راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تۆتىنچى، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش، بىخەتەر، قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش پىرىنسىپى بويىچە، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنى ياخشى تەشكىللەش كېرەك. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى خىزمەت ئېھتىياجى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئارزۇسىغا بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشكە يېتەكلەپ، مەكتەپلەرنى يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي تەتىلگە قويۇپ بېرىش، ئوقۇش باشلاشقا يېتەكلەپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي سەپەرگە چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، تىرانسپورت كۈچى بىلەن تەمىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، قىزىق نۇقتىلىق رايون، لىنىيە، ۋاقىت بۆلىكىدىكى يولۇچىلار تىرانسپورتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تىرانسپورتنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە يولۇچىلارنىڭ قاتناش ۋاسىتىلىرىگە يۆتكلىىپ ئولتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يوللارنىڭ توسالغۇسىز راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يولۇچىلار سەپەرگە چىققاندىكى قىستاڭچىلىق ۋە يىغىلىپ قېلىشنى ئازايتىش كېرەك. قاتناش - تىرانسپورت كەسىپكارلىرى دۇچ كېلىدىغان يۇقۇم ئەھۋالى، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار - يامغۇر، مۇز تۇتۇش قاتارلىق ھاۋارايى ئەھۋاللىرىغا قارىتا، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، مۇھىم يولۇچى توشۇش تۈگۈنلىرىنىڭ تاقىلىپ قالماسلىقىغا، مۇھىم يولۇچى توشۇش لىنىيەلىرىدىكى مۇلازىمەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قاتناش - تىرانسپورتىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈپ تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بەشىنچى، ئاممىۋى خەۋپسىزلىك ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ۋە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، كان، پوجاڭزا - ساليۇت، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر، ئوت ئۆچۈرۈش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، شەھەر - بازارلاردا يېقىلغۇ گاز ئىشلىتىش، بېلىقچىلىق كېمىلىرى قاتارلىق كەسىپ، ساھەلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك. قار - يامغۇر، مۇز تۇتۇش ئاپىتى، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتى خەۋپى قاتارلىقلارنى كۆزىتىپ ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن چارلاش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نۇقتىلىق بۇيۇم، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ئورۇنلاردا بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، زور ئاممىۋى خەۋپسىزلىك ۋەقەلىرى يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يىل ئاخىرى - يىل بېشىدىكى جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ قانۇنىيەتلىك ئالاھىدىلىكىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ يۈزبېرىدىغان مال - مۈلۈككە دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتى، ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى، «شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، زەھەر چېكىش» «يېمەكلىك، دورا، مۇھىت» ۋە تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئالتىنچى، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ، يېڭى ئىستىل تىكلەشكە ماسلىشىپ كۈچەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى پاك - دۇرۇس بولۇشتىن ئىبارەت يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، قوشۇننى قاتتىق، ياخشى يېتەكلەش، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىنى چىڭىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. بايرامنى تېجەشلىك، مەدەنىي ئۆتكۈزۈشتەك ياخشى بولغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى تەشەببۇس قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىغا بۇزۇپ چېچىش، راھەت - پاراغەتكە بېرىلىش، ئىسراپچىلىق قىلىشقا قارشى تۇرۇش، توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ ئىشلىرىدىكى يامان ئادەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى ئېغىر، جاپالىق رايونلاردا خىزمەت قىلىدىغان ۋە جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغان بىرىنچى سەپتىكى يولداشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، خىزمەت ئۈستىدە ۋاپات بولغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى يوقلاش - ھال سوراش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە ئۇزاققىچە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ - ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل بېرىش - ئېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قوشۇمچە پۇل، ياردەم تولۇقلىمىسى ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، نەپسىنى يىغماسلىق، قولىنى تارتماسلىق، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق، ئېغىر بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش مەسىلىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تۈزىتىش، يىل ئاخىرى، يىل بېشىدا خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش قاتارلىق ناملار بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك.

يەتتىنچى، نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. 24 سائەت مەخسۇس ئادەم نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئىش ئورنىدا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىش، سىرتقا چىقسا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بايرام مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇچۇرنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ئەھۋاللارغا يولۇققاندا بىرىنچى ۋاقىتتا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش ھەم ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورۇنلار بايرام مەزگىلىدە نۆۋەتچىلىك قىلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەم مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.