بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز

日期:2022年12月28日
来源:新疆日报网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خوۋ شۆجىڭ، خۇ لۇ، يەن فۇجىڭ

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كادىرلار، ئامما مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلدى، بۇ، ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز.

مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە كېڭەيتىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيەتنى داۋاملىق چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارغا ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتىنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كەنت، پۈتۈن يېزا بويىچە قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلۈشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك».

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى كەنت دەرىجىلىك بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك بۇرچۇمنى زىممەمگە ئېلىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى دائىملاشتۇرۇش بويىچە ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ئىزچىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۆۋەن چېكىنى پۇختا مۇستەھكەملەيمەن.» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىدىن پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلبويى بازىرى ئاياغ چولاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى مەي فاڭ مۇنداق دېدى: بىز قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش سۇپىسىغا تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشى، قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالىمىز.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچ سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالايدىغان، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى كادىرلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىشتا.

گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ كەيياڭ ناھىيەسى جەيجى يېزىسىغا كىرگەندە، سىرتقى كۆرۈنۈشى بىرتۇتاش بولغان قاتار - قاتار ئۆيلەر يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ ئارىسىدا كۆزگە روشەن چېلىقىپ تۇراتتى. بۇ يەردە ئىلگىرى 292 ئائىلىلىك 1150 نامرات ئامما بار ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ھەممىسى يۇقىرى سۈپەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىز شۇنى تېخىمۇ قەتئىي تونۇپ يەتتۇقكى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.» جەيجى يېزىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چيۇ يەنۋېي مۇنداق دېدى: بىز بۇ يەردە يۇرتىغا قايتقان مۇنەۋۋەر ياشلار، يېڭىدىن ئوقۇش پۈتكۈزگەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى، بېيىش باشلامچىلىرى ئارىسىدىن پارتىيە ئەزالىرىنى يېتىشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردۇق، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز.

يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز

قىش كىرگەندىن كېيىن، چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى داتۇڭ خۇيزۇ، تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تائېر بازىرى شاڭجيۇجۇاڭ كەنتىدىكى پارنىكتا، كەنت ئاھالىلىرى قىپقىزىل ساۋمېيلارنى ئوراپ قاچىلاپ توشۇش بىلەن ئالدىراش بولدى.

«كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خاس بايلىققا تايىنىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى، غەيرىتىمىزنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى.» داتۇڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى سۇڭ شېڭلۇڭ مۇنداق دېدى: بىز داۋاملىق شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دەريا بويىدىكى رايونلار، پەس تاغلىق رايونلار، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى رايونلاردا ئايرىم - ئايرىم ھالدا مېۋە - كۆكتات كەسپى، ئوچۇقچىلىقتا كۆلەملەشتۈرۈپ كۆكتات ئۆستۈرۈش كەسپى، سوغۇق جايدا كۆكتات ۋە يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېگىزلىك خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئېگىزلىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، شەندۇڭ ئۆلكىسى بوشىڭ ناھىيەسى ديەنزى بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۇ دېمىڭ ھەسسىلەپ روھلاندى. ھازىر، ديەنزى بازىرى بوشىڭ ناھىيەسىدىكى خەلقنى بېيىتىش تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى سىناق نۇقتا قىلىپ، «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + باشلامچى كارخانا» ئەندىزىسىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، خاس شوخلا ماركىسىنى ياراتماقتا.

«باش شۇجىنىڭ سۆزى بىزنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن جەمئىيەت كاپىتالى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان خاس يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى، بۇ جاينىڭ شوخلا كەسپىنىڭ بازار رىقابەت كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.» شۇ دېمىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بازىرىمىز يەرلىك يېزا ئىگىلىك باشلامچى كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، سورت يېتىشتۈرۈش، مايسا يېتىشتۈرۈش، تېرىقچىلىق، سېتىش، سەيلە قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى قۇرىدۇ.

زەنجىر تولۇقلاندى، كەسىپ ھالىتى گۈللەندۈرۈلدى، ماركا يارىتىلدى، نۇرغۇن كارخانا يېشىل ئورگانىك يېزا ئىگىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى كەسىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلدى. «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ يېشىل ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىسى يارىتىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى، بىز ئىشنى مەنبەدىن باشلاپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدۇق.» يۈننەن جۇڭيى دىڭدۇڭ مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ يەن مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشىدا، كارخانىمىز بۇ يىل يېشىل، ئورگانىك تېرىقچىلىقنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتتى، مەھسۇلاتىمىز بازاردا قارشى ئېلىندى، كەسىپنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارى كۈچەيدى.

تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك.

دۆلىتىمىزنىڭ «ئالتۇن كۆممىقوناق بەلبېغى»غا جايلاشقان لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ تيېلىڭ شەھىرى تيېلىڭ ناھىيەسىدىكى سەينيۇ جاڭجۇاڭ كۆممىقوناق يېڭى سورتىنى كېڭەيتىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قورۇسىدا، تاغدەك دۆۋىلەپ قويۇلغان كۆممىقوناقلار قۇياش نۇرىدا ئالتۇندەك پارقىراپ كۆزنى قاماشتۇراتتى. ھەر يىلى 30 مىڭ مو يەر تېرىيدىغان بۇ چوڭ تىپتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەتراپتىكى 3000دىن ئارتۇق كوپىراتىپ ئەزاسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىن ھەسسىلەپ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق، ناھايىتى ئىلھاملاندۇق.» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جاۋ يۈگو مۇنداق دېدى: «يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئاچقۇچ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتىنىڭ تۇتقىسىنى چىڭ تۇتتى. كەلگۈسىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، تېخىمۇ كۆپ كوپىراتىپ ئەزاسى ۋە ئەتراپتىكى دېھقان ئائىلىلىرىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەيدۇ».

نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دىڭشى شەھىرى تۇڭۋېي ناھىيەسى لىجياديەن يېزىسى ياۋچۇەن كەنتىدە، مۇئاۋىن ھاكىم فېڭ شۈدۇڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگەندى. «باش شۇجى سۆزىدە <تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش>نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچەش يۆنىلىشى ۋە تەرەققىيات نىشانىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» فېڭ شۈدۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ جايدا ئون يىلنىڭ توققۇزىدا قۇرغاقچىلىق بولىدۇ، ئىلگىرى ھەر مو يەردىن يىلىغا نەچچە يۈز يۈەنلا كىرىم قىلغىلى بولاتتى، 2016 - يىلىدىن باشلاپ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تېرىقچىلىقنى ئۇچقات تېرىشقا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى ئاندىن بېيىش يولىغا ماڭدى.

كېيىنكى قەدەمدىكى پىلان ئۈستىدە توختالغاندا، فېڭ شۈدۇڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «بىز داۋاملىق شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، <يەرلىك خاس مەھسۇلات> ئىشىنى ياخشى قىلىپ، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى <ھەقىقىي بايلىق>تىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئاساسىنى پۇختىلايمىز».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)