قايسى كىشىلەر 4-قېتىملىق ۋاكسىنىنى ئەملىتىشى كېرەك؟ قانداق ئەملىتىدۇ؟

日期:2022年12月27日
来源:新疆日报网
【字体:

− گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى سوئال: قايسى كىشىلەر 4- قېتىملىق ۋاكسىنىنى ئەملەتكۈزۈشى كېرەك؟ قانداق ئەملىنىدۇ؟ − گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

يېقىندا، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى لايىھە بېسىپ تارقىتىپ، 2- قېتىم ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئەملەشنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. قايسى كىشىلەر «4- قېتىملىق ۋاكسىنا»نى ئەملىتىشى كېرەك؟ «4- قېتىملىق ۋاكسىنا»دا قانداق ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ؟ گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان، كۆڭۈل بۆلۈنۈۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا جاۋاب بەردى.

1. سوئال: قايسى كىشىلەر 2- قېتىم ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ۋاكسىنىسىنى ئەملىشى كېرەك؟

جاۋاب: ھازىرقى باسقۇچتا ياشانغانلار قاتارلىق خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى كىشىلەر توپى داۋاملىق يۇقۇملىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ۋاكسىنا ئەملىتىش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى مۇھىم تەدبىر ۋە ۋاسىتە.

خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە جىددىي ئىشلىتىشنى تەستىقلاش ئەھۋالىغا ئاساسەن، يۇقۇملىنىش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى، 60 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار توپى، بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئاساس خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار توپى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن كىشىلەر توپىغا قارىتا، 1- قېتىم ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئەملەش تاماملىنىپ ئالتە ئاي توشقاندىن كېيىن، 2- قېتىم ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئەملەنسە بولىدۇ.

2. سوئال: ھازىر ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئەملەشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟

جاۋاب: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن كېيىن پەيدا بولىدىغان قوغداش رولى ئاساسلىقى: ئانتىتېلا ھاسىل قىلىش، ھۈجەيرە ئىممۇنىتېتى ھاسىل قىلىش، ئىممۇنىتېت خاتىرىسى ھاسىل قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئانتىتېلا سەۋىيەسى تۆۋەنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىممۇنىتېتنىڭ قېچىشىمۇ كۈچىيىپ، ئانتىتېلانىڭ رولى ئاجىزلايدۇ. بىراق، ھۈجەيرە ئىممۇنىتېتىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنىڭ ۋە ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئوينايدىغان رولى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ.

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئەملەش ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت خاتىرىلەنگەن ھۈجەيرىلىرىنى ئويغىتىدۇ، شۇنداقلا ئانتىتېلا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر كېسەللەر ۋە ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. پەقەت ۋاكسىنا ئەملەش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسىلا، ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ۋاكسىنىسىنى ئەملەتمىگەن كىشىلەر تېزدىن ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئەملىتىشنى تاماملاپ، تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈنۈمىگە ئېرىشىشى كېرەك.

3. سوئال: 2- قېتىم ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئەملەشتە قايسى ۋاكسىنىلارنى ئەملەشكە بولىدۇ؟

جاۋاب: نۆۋەتتە بارلىق قوشۇمچە شەرت بىلەن بازارغا سېلىنىشى تەستىقلانغان ياكى جىددىي ئىشلىتىلىدىغان 13 خىل ۋاكسىنىنىڭ ھەممىسىنى 2- قېتىم ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىشتە ئەملەشكە بولىدۇ. تەرتىپلىك ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ياكى تەركىبىدە ئومىكېرون ۋىرۇس تۈپى ياكى ئومىكېرون ۋىرۇس تۈپىگە نىسبەتەن گىرەلەشمە ئىممۇنىتېتى ياخشى بولغان ۋاكسىنىنى ئىشلىتىش ئالدىن تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

تەرتىپلىك ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش، ئوخشاش بولمىغان تېخنىكا لىنىيەسىدىكى ۋاكسىنىلارنى قوللىنىپ، غەيرىي مەنبەلىك تەرتىپلىك ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئالدىنقى مەزگىلدە ئەگەر ئۈچ قېتىم ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا ئەملەنگەن بولسا، 2- قېتىم ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئەملىگەندە، قايتا گۇرۇپپىلانغان ئاقسىل ۋاكسىنىسى، بەز ۋىرۇسى توشۇغۇچى ۋاكسىنا ياكى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى توشۇغۇچى ۋاكسىنىسىنىڭ خالىغان بىرىنى تاللاشقا بولىدۇ، بۇمۇ دۆلەت تەۋسىيە قىلغان ئەملەش گۇرۇپپىسى.

4. سوئال: ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ بىخەتەرلىكى قانداق؟

جاۋاب: جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى دۆلىتىمىزدە 3 مىليارد 400 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق ئەملەشنى قانات يايدۇردى، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمگە قارىتا ناچار تەسىرنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ ناچار تەسىر پەيدا قىلىش نىسبىتى ئادەتتىكى يىللاردا ئەملەنگەن باشقا بىر قىسىم ۋاكسىنىلار بىلەن ئوخشاش بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشانغانلاردا ناچار تەسىر پەيدا قىلىش نىسبىتى ياشلارنىڭكىدىن سەل تۆۋەن چىققان.

ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «ياشانغانلارغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش لايىھەسى»دە تۆت خىل ۋاكسىنا ئەملەشتە چەكلىنىدىغان ئىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەر ئەگەر مۇقىم مەزگىلدە بولسا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەشكە بولىدۇ.

5. سوئال: «مۇسبەت» كۆرۈلۈپ ساقايغاندىن كېيىن يەنە 2- قېتىم ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئەملەشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: نۆۋەتتىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش تېخنىكا كۆرسەتمىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئەگەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بولسا، يۇقۇملىنىش ۋاقتى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ۋاقتىنىڭ ئارىلىقى ئالتە ئايدىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك.

ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، نوقۇل يۇقۇملىنىشتىن پەيدا بولغان ئىممۇنىتېتلىق قوغداش كۈچىنىڭ قوغداش رولى يۇقۇملىنىش ۋە ۋاكسىنا ئەملەشتىن پەيدا بولغان ئارىلاشما ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭكىدەك كۈچلۈك ئەمەس. ئەگەر ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقىت ئارىلىقىغا ئۇيغۇن كەلسە، 2- قېتىم ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئەملەش تەكلىپىنى بېرىمىز.