ئۆزگىرىش ياساش

日期:2022年12月26日
来源:新疆日报网
【字体:

− پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شىفىرىغا نەزەر (4)

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى زوۋ ۋېي، جياڭ لىن، گاۋ جىڭ

«يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر» «بىر قاتار ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەتلەر» «تارىخىي ئۆزگىرىشلەر» «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى كەڭ، چوڭقۇر سىستېما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر»...

«ئۆزگىرىش» پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئاچقۇچلۇق سۆزلەر.

بۇ، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت، شۇنداقلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شىفىرى. دەل ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى يېتەكلەپ، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەت ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، مەڭگۈ قاتماللاشماي، مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالماي، ئۆزگىرىشنى تونۇيدىغان ئەقىل - پاراسەت، ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇنلىشىدىغان چارە، ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىدىغان جاسارەت بىلەن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ماڭدى.

ئۆزگىرىش ياساش يولى: «پەقەت تارىخ ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە پائال ماسلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىش ئۈستىدە ئىزدەنگەندىلا، ئاندىن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ»

11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى بۇ يەردە ئېچىلدى.

«جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ».

رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئارقىلىق دەۋر خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى ئىزاھلىدى.

دۇنياغا نەزەر سالساق، ئۆزگىرىش چوڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ھەيۋەتلىك تارىخ ئېقىمى.

«بىز بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز، توغرا يولدا چىڭ تۇرغاندىلا نىشاندىن ئادىشىپ قېلىش ۋە ئەجەللىك خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلىنالايمىز، يېڭىلىق ياراتقاندىلا دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلالايمىز.» پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇشۇنداق تەكىتلىدى.

«ئېقىن سۇ سېسىمايدۇ، ئىشىك ئۈلگۈجىكى چىرىمايدۇ» «ئەگەر بىر كۈن يېڭىلاشقا بولسىلا، كۈندە يېڭىلاش كېرەك، يېڭىنى يەنە يېڭىلاش كېرەك» «كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىسى ئالمىشىدۇ، كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلىشىپ توختىماي ئۆتۈپ تۇرىدۇ»... ئۆزگىرىش توغرىسىدىكى جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.

100 يىلنى ئەسلىسەك، ماركسىزمنى ئۆزگەرمەس دوگما، دەپ قارايدىغان ئىدىيە كىشەنى بۇزۇپ تاشلىنىپ، يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاشتەك ئىنقىلاب يېڭى يولى تېپىپ چىقىلدى؛ دەۋر قەدىمىگە يېتىشىۋېلىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتەك ئۇلۇغ ئىجادىيەت يولغا قويۇلدى؛ «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرى ئېچىلدى... دادىل ئۆزگىرىش ياساش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان روشەن خىسلىتى.

تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشتىن تولۇق خەۋەردار بولغاندا دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرغىلى بولىدۇ.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى تېخىمۇ كۈچلۈك تارىخىي ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، ئۆزگىرىشنى ئالغا سىلجىتتى −

خەلق رايى ئارقىلىق «ئەڭ چوڭ سىياسىي» ئىزاھلىنىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلدى؛ تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرى تۈگىتىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى؛ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىگە ئەمەل قىلىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىندى...

ئىش قانچە ئۇلۇغ بولغانسېرى، شۇنچە جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇغا تولغان بولىدۇ، شۇنچە جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشقا، شۇنچە ئۆزگىرىش ياساش، يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

«دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئەمەلىيەت تەرەققىياتىغا لايىقلىشىپ، بارلىق يېڭى شەيئىلەرگە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بىلىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇرۇنقىلار دەپ باقمىغان يېڭى گەپلەرنى دېيىشكە، بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، يېڭى ئەمەلىيەتكە يېڭى نەزەرىيە ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ئۆزگىرىش ياساشتىكى ئاچقۇچ: «ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا شۇ چاغدىكى تارىخىي شارائىتقا قاراپ يۆتكىلىش كېرەك»

ئاقىللار ۋاقىت، شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ، دانالار ئىشقا بېقىپ تەدبىر تۈزىدۇ.

«ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا شۇ چاغدىكى تارىخىي شارائىتقا قاراپ يۆتكىلىش كېرەك.» «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»دىكى تىپىك بايانلار يەنىلا ھەقىقەت نۇرىنى چېچىپ تۇرماقتا.

ئۆزگىرىش ياساشتىكى ئاچقۇچ − مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتا.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، «يەككە سودا - سانائەتچىلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» ئېلان قىلىنىپ، بىر قاتار تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلىندى، بۇ، يەككە سودا - سانائەتچىلەر «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆستۈرىدۇ.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلەندى: «بىز مەسىلە ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك» «مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىدىغان يېڭى قاراش، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى چارىلەرنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك».

مەسىلىگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىش كېرەك.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىققا قارىتا، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش تېزلىتىلدى؛ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش داۋامىدا يېڭى تەجرىبىلەر خۇلاسىلىنىپ، ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە، داۋالاپ ساقايتىش سىستېمىسى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ «كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشتە ئاتاكىغا ئۆتۈش» «ھەرىكەت شەكلىدە بولۇش» تىن ئىبارەت كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش قاتارلىق خاھىشلارنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىش تەلەپ قىلىندى... پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ.

ئۆزگىرىش ياساشتىكى ئاچقۇچ − ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ بىرلىكىدە.

يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا، پارتىيە خەلقنى يېتەكلەپ تېخىمۇ زور جاسارەت ۋە سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتقان ئىسلاھات باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىگەن ئىسلاھاتتىن ئىبارەت.

نېمىنى ئىسلاھ قىلىش، قانداق ئىسلاھ قىلىشتا، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش باش نىشانىغا ئۇيغۇن كېلىش - كەلمەسلىكنى تۈپ مەقسەت قىلىش كېرەك.

ھەم بېكىنمە، قاتمال بولماسلىق، ھەم بايراقنى ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى، ئۆزگەرتىشكە بولىدىغانلىرىنى قەتئىي ئۆزگەرتىش، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولمىغانلىرىنى، ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىرىنى قەتئىي ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىش بىلەن ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈپ سىياسىي تۈزۈم، ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

خەلقئارا جەمئىيەتمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆزگىرىش ياساش يولىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.

ھىندىستان بومباي كۆزەتكۈچىلەر تەتقىقات فوندى جەمىئيىتىنىڭ سابىق رەئىسى كۇركانى مۇنداق دېدى: سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاش بىلەن دادىل ئۆزگىرىش ياساشنى بىرلەشتۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سەۋەبى.

«خۇددى مېنىڭ كۆزەتكىنىمدەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆزگىرىش ياساش ۋە سىجىللىقنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمى ۋە قۇرۇلمىسىغا تولۇق سىڭدۈردى» دېدى پاكىستان ياۋروپا - ئاسىيا ئەسىر تەتقىقات ئورنىنىڭ قۇرغۇچى باشلىقى ئېرفان شاھزاد تاكالۋى.

ئۆزگىرىش ياساشتىكى ئاچقۇچ − خەلقنىڭ ئىجادىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى قوزغىتىشتا.

خەلق تارىخىي تەرەققىياتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى، جەمئىيەت ئۆزگىرىشدىكى ھەل قىلغۇچ كۈچ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئاممىنىڭ باش ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن چارە - تەدبىر سوراشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەسىرلىك، جانلىق ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىدىن ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىش كېرەك».

بۇ يىل 4 -، 5 - ئايدا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، تورداشلار قالدۇرغان 8 مىليون 542 مىڭ پارچە سۆز توپلاندى، رەتلەنگەن، جەملەنگەن پىكىر - تەكلىپ 1675 بولۇپ، كەلگۈسى بەش يىل ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت قوشتى.

12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا: «پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، كادىرلارنى دادىل نەتىجە يارىتىش، يەرلىكنى دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، كارخانىلارنى دادىل ئىشلەش، ئاممىنى دادىل ئىجاد قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ھازىر، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىۋاتىدۇ، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتىدۇ، مەنپەئەت ئەندىزىسى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، ئىدىيەۋى قاراش چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتىدۇ.

بىر نىيەتتە بولغانلار غەلىبە قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئارزۇسى بىلەن خەلقنىڭ ئارزۇسىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە، پارتىيەنىڭ ھەرىكىتى بىلەن كەڭ خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى بىرلەشتۈرگەندە، مۇقەررەر ھالدا ئۆزگىرىش ياساش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

ئۆزگىرىش ياساشتىكى ئەقىل - پاراسەت: «تىرىشىپ كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك»

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.8، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3، مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 ئاشقان. خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىش ھالىتىنى ساقلىغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە 25 مىڭ سۇچىلىق تۈرىدە يېڭىدىن ئىش باشلاندى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىشى بىر ھەسسە ئاشتى، «6.18» «قوش 11»دا ئىستېمال قىزغىنلىقى قوزغىتىلدى... ئىچكى ئېھتىياج ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە ئىشەنچى پۇختىلاندى.

دەۋر ئىمتىھان قەغىزىگە دائىم جاۋاب بېرىش ۋە ئۇنى دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش −

يەر شارىۋى سىياسىي، ئىقتىساد مۇھىتىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، 100 يىللىق ئۆزگىرىش بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسلىسىز تاشقى خىرىسقا دۇچ كەلدى.

دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، بەزى ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىدا يەنە كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەر مەۋجۇت.

«تىرىشىپ كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ ئىجادىي جاۋاب بەردى.

خەۋپ بىلەن پۇرسەت ئەزەلدىن تەڭگىنىڭ ئىككى تەرىپى. خەۋپ بىلەن پۇرسەتنىڭ دىيالېكتىكىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ۋەزىيەت، مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، ۋاقتىدا ئىلمىي تاقابىل تۇرغاندىلا، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

2020 - يىلى 3 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كەڭ كۆلەمدە كىرگۈزۈش، كەڭ كۆلەمدە چىقىرىشتىكى مۇھىت شارائىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئىگىلىدى. بېيجىڭغا قايتىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا سىجىل يېڭى قەدەم تاشلاندى.

«يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك»، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بۇنىڭغا نىسبەتەن مەخسۇس باب بويىچە بايان قىلىنىپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى.

تەرەققىيات − ئۆزگىرىش ياساش سەنئىتى. سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇشتا، نېگىزىدىن قارىغاندا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش كېرەك.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىدىغان ئاساسلىق جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتتە يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشتە، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بېسىمى تېخىمۇ زور، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ يېتەرلىك بولىدۇ.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە «يېڭىلىق يارىتىش» بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «دۆلەتنى پەن - تېخنىكا ۋە مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش»كە قارىتا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، «يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

مەۋھۇم رېئاللىق (VR) كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرلىرىگە تۈرتكە بولۇش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئېلان قىلىندى... پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، يېڭىلىق يارىتىشنى نەزەردە تۇتقان بىر قاتار تەدبىرلەر تېز ئېلان قىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

خىرىس مىسلىسىز، ياخشى تاقابىل تۇرغاندا پۇرسەتمۇ مىسلىسىز بولىدۇ.

دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، خەلقنىڭ تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۆزگىرىش ياساشنى دادىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى يېتەكلەپ، ئۆزگىرىشنى دەل جايىدا توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، جەزمەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)