تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتەيلى

日期:2022年12月26日
来源:新疆日报网
【字体:

ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ يېڭى سەھىپە پۈتۈش. 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا، بۇ يىللىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ئەستايىدىل خۇلاسىلەندى، 2023 - يىللىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى مۇھاكىمە ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش پۈتۈن ۋەزىيىتى، ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسى، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا مۇھىم، زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا جەزمەن ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتكەندە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىلدىن بۇيان، بوران - چاپقۇنلۇق خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، دۆلىتىمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا سەككىز يىل مۇقىم ھالدا 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولدى ھەم يۇقىرى سەۋىيەدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى سىجىل مۇستەھكەملەندى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي بوشاشماي يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى پۈتۈنلەي توغرا بولۇپ، پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سىياسىتى 100 مىليونلىغان دېھقاننىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلگەندە، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا. يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ ئاساسى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئاساسىنى پۇختىلاشنىڭ ھەممىسى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى، يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، تەرتىپ بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، تەمىنلەش كاپالىتى كۈچلۈك، پەن - تېخنىكا جابدۇقلىرى كۈچلۈك، ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى كۈچلۈك، كەسىپلەرنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، رىقابەت ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشىمىز كېرەك.

يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پارتىيەمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىشتە، ئەڭ مۇھىمى ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى جەزمەن كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ھەر تەرەپلىمە پۇختىلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىش، پايدىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلاتىنى گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ماس ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلار ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن كېڭەيتىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئېچىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىپ، مىقداردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە سۈپەتتە يۈكسىلىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدىن ئىچكى ماھىيىتىنى چۈشىنىش، تاشقى قىياپەت بىلەن ئىچكى ماھىيەت تەڭ ھازىرلانغان بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. جەزمەن پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش پىرىنسىپىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. بەش دەرىجىلىك شۇجىلار يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باھالاش، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالايدىغان، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشنى ئاساسىي ماھارەت قىلىپ، سىستېما قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىۋى قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئۆز جايىدا تەربىيەلەش بىلەن سىرتتىن كىرگۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر چۆكەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، ئەسقاتىدىغان يېزا - كەنت ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. كەنت پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى كەنت دەرىجىلىك تەشكىلات سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكىنى سىجىل يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ دېھقانلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى كېرەك.

ئۇلۇغ ئىش ئارزۇدىن باشلىنىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. كېلەر يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە بۇرچىمىز شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمىز ئېغىر، زور. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)