يول باشلاش

日期:2022年12月22日
来源:新疆日报网
【字体:

​− پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شىفىرىغا نەزەر (1)

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، ۋاڭ زىمىڭ، گاۋ لېي

يول باشلاش پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىغا سىڭدۈرۈلۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىدا نامايان قىلىندى −

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، كۈچلۈك يادرو ھەيۋەتلىك مۇساپىگە يول باشلىدى؛ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى، ھەقىقەت نۇرى گۈللىنىش يولىغا باشلىدى؛ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى، ئېنىق نىشان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشقان يادرو كۈچ، بۇ، ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللانغان جەڭگىۋار كۈچ، بۇ، ئۇلۇغ ئارزۇ ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان ئىجرا قىلىش كۈچى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بىر پارچە قاتتىق پولات بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق 100 يىللىق ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ماڭدى.

يادرو يول باشلاش:

ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يول باشلىغۇچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش

2022 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالى تارىخىي پەيتكە گۇۋاھ بولدى.

ھەممەيلەن تەقەززا بولغان پەيتتە، ئەمدىلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشقا ئەزالىرىنى باشلاپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى مەردانە قەسىمىنى بەردى:

«مەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ ئىشەنگەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بىز چوقۇم پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزىمىزنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز».

بۇ پەيتتە، يېڭى دەۋردىكى يول باشلىغۇچىنىڭ ئىشەنچى، مەسئۇلىيەتچانلىقى بىۋاسىتە تارقىتىش سىگنالى ئارقىلىق جۇڭگو زېمىنىغا كەڭ تارقالدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچى ھەسسىلەپ ئاشتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رول تۇتۇپ يول باشلىغاچقا، 100 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيە مۇقەررەر يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ.

كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئىگە بولۇش پىرولېتارىيات سىياسىي پارتىيەسىنىڭ ھايات - ماماتىغا ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك.

ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنىڭ بۇ مۇھىم، زور پىرىنسىپى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسىدە، ئەمەلىيەت تەرىپىدىن قايتا - قايتا ئىسپاتلاندى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيە ۋە دۆلەت دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكى، كۈرەشنىڭ كەسكىنلىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ مۈشكۈللۈكى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ، تارىختا ئاز ئۇچرايدۇ.

باتۇرلۇق بىلەن مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇردى؛ ئۇزاقنى كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولدى؛ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئەڭ ئىلمىي، ئەڭ تېجەشلىك چارىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا مۇھىم، زور ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؛ دادىل كۈرەش قىلىپ، كۈرەش داۋامىدا دۆلەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىك تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىدى؛ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى ھەم ئۇنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملىدى...

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇق قازىنىپ، يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا زېمىنىغا نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي بارگاھتا قوماندانلىق قىلىدىغان، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «قوماندانلىق راۋان، ھەرىكەت ئوڭۇشلۇق» بولۇش ئىشقا ئاشقان، جەڭ ھارۋىسى، ئات ۋە توپلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان، بىر تاختا شاھماتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئايدىڭلاشقان جانلىق يۆگىمە رەسىم روشەن نامايان بولدى.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىرگەندە، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا نۇرغۇن «پۇتلىكاشاڭ» «توسالغۇ»لار پەيدا بولدى، بىر قاتار «ئەڭ مۇرەككەپ» «ئەڭ سەزگۈر» مەسىلىلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى. بىزدەك 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار مۇشۇنداق چوڭ دۆلەت، 96 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار چوڭ پارتىيە يادرونىڭ يول باشلىشىغا تېخىمۇ موھتاج.

بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىسى، بۇ، خەلقنىڭ تاللىشى.

ئىدىيە يول باشلاش:

جۇڭگونى ئۆزگەرتىدىغان ھەقىقەت كۈچىنى ئىگىلەش

2022 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، يەنئەن ياڭجيالىڭدا كۈز مەنزىرىسى قويۇق تۈس ئالغانىدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 7 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ غەلىبە قىلىش شىفىرىنى تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئىزدىدى.

ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يېتەكچىلىك ئورنى تىكلىنىپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى... پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيى پارتىيە تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن توغرا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، توغرا يول ئېچىپ بەردى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر تەنتەنىلىك ئاۋاز بەردى، قۇرۇلتاي پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

غايىسى يۈكسەك، ئىرادىسى ئۇلۇغۋار پارتىيە ئىلمىي ئىدىيەنى ئىگىلىسىلا، ئازاب - ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، ھەرقانداق ئىشتا غەلىبە قازىنالايدۇ.

بوران - چاپقۇنلۇق 100 يىللىق تارىخ سەھىپىسىنى ئېچىپ كۆرسەك، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەم ماركسىزمغا قەتئىي ئېتىقاد قىلدى، ھەم ماركسىزمغا ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلدى.

خۇددى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا كۆرسىتىلگىنىدەك: ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم يارايدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنى روشەن جۇڭگو خاسلىقى، مىللەت خاسلىقى، دەۋر خاسلىقىغا ئىگە قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يېڭى تارىخىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئۇنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە مەركەزلىك نامايان قىلدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى دەۋرنىڭ ئاساسىغا قويۇپ، دەۋرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، دەۋر ئۆزگىرىشىدە يول باشلاپ، يىراق نەزەر دائىرىسى، چوڭقۇر تەپەككۇرى بىلەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى −

«تۆت ئىشەنچ» ئارقىلىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئورۇنلاشتۇرمىسىدا چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئالغا سىلجىتتى، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش» ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى، «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش»تىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نەزەر ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبال، تەقدىرىنى ئىنچىكە كۆزەتتى...

ئۆزىنى 100 يىللىق بوران - چاپقۇن ئىچىگە قويۇپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، دۇنياۋى نەزەر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرىنىڭ يۈزلىنىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى قۇدرەتلىك زامان ۋە ماكاننى تۇتاشتۇرۇش كۈچى، رېئال چۈشەندۈرۈش كۈچى، ئەمەلىي ئۆزگەرتىش كۈچىنى نامايان قىلدى.

نىشان يول باشلاش:

قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىش

ۋاقىتنى 10 يىل ئىلگىرىكى پەيتكە قايتۇرايلى −

2012 - يىلى 11 - ئاينىڭ 29 -كۈنى، دۆلەت مۇزېيىدا «گۈللىنىش يولى» ناملىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھازىرقىغا قاراپ ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى».

ئۇلۇغ نىشان مىليونلىغان خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

ئېنگېلس مۇنداق دېگەنىدى: «ئۆز مەقسىتىنى بىلىدىغان، بۇ مەقسەتكە قانداق يېتىشنىمۇ بىلىدىغان سىياسىي پارتىيە، مەقسەتكە يېتىشنى ھەقىقىي ئويلايدىغان ھەمدە مەقسەتكە يېتىشتە كەم بولسا بولمايدىغان قەيسەر روھقا ئىگە سىياسىي پارتىيە − بۇنداق سىياسىي پارتىيە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرىدۇ».

ئۇلۇغۋار نىشان ئارقىلىق يۆنىلىشنى توغرىلاش، كۈچنى مۇجەسسەملەشتە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسى ھامان چوڭقۇر ھەم مۇستەھكەم بولدى.

مىللەت مۇنقەرز بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن پەيتتە، پارتىيە 2 - قۇرۇلتىيىدا «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» پىروگراممىسى بېكىتىلدى، بۇ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى بايراققا ئايلاندى؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، «يېڭى دۇنيا قۇرۇشقا ماھىر بولۇش» نىشانى قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان يىللارنى يالقۇنجاتتى؛ ئىسلاھات باھار دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن پەيتتە، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئارزۇسى مىليونلىغان خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئويغاتتى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى «يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەيدىغان» قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى...

ھەم ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭلىگە پۈكۈش، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشكە تېخىمۇ ماھىر بولۇش.

100 يىللىق گۈللىنىش يولىدا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۇلۇغۋار ئارزۇ بىلەن باسقۇچلۇق نىشاننى بىرلەشتۈرۈپ، قەدەممۇقەدەم ئالغا سىلجىتىپ، بىر - بىرلەپ ئىشقا ئاشۇردى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى تارىخىي يېڭى يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، دەۋرنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىپ، «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش»تىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىنى توپتوغرا 15 يىل ئالدىغا سۈردى.

يىرىك پىلان بېكىتىلگەن يۆنىلىش، نىشاننى بويلاپ پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى. 1953 - يىلىدىن ھازىرغىچە، دۆلىتىمىز 14 «بەش يىللىق يىرىك پىلان (پىلان)»نى ئۇدا تۈزۈپ يولغا قويدى.

ھەربىر پارچە يىرىك پىلان (پىلان) خۇددى قاتار - قاتار ئابىدىگە ئوخشاش، جۇڭگونى «بىر ئاپتوموبىل، بىر ئايروپىلان، بىر تانكا، بىر تىراكتورنىمۇ ياسىيالماسلىق»تەك ھالەتتىن تاشيول زىچ تورلىشىش، پورتلار بەش ئوكياننى تۇتاشتۇرۇش، «تيەنخې» ئالەم بوشلۇقىغا ئورۇنلىشىش، «جۇرۇڭ» مارسنى چارلاشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇردى.

ئارزۇ خۇددى كۈچلۈك شامالدەك يەلكەننى جەۋلان قىلدۇردى؛ نىشان خۇددى ماياكتەك مۇساپىگە يول باشلىدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يەنە بىر قېتىم ئاتاكىغا ئۆتۈش بۇرغىسى چېلىندى: «ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى − پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش».

بىپايان زېمىندىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جەڭ مەيدانىدا كۈرەش قىزغىن ئېلىپ بېرىلىپ، ئورتاق بېيىشنىڭ جەڭ دۇمبىقى چېلىندى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلانماقتا ... كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما تاشنى دومىلىتىپ تاغقا ئېلىپ چىقىدىغان ئىرادە ۋە داۋان ھالقىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتىدىغان جاسارەت بىلەن، تېخىمۇ ئېنىق بولغان يول خەرىتىسى ۋە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش جەدۋىلىنى بويلاپ، ئورتاق ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، مەنزىل يىراق بولسىمۇ جەزمەن يەتكىلى بولىدۇ.

بۇ دەل ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈككەن، نىشانى ئېنىق بولغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)