​«قايتا مۇسبەت چىقىش»نىڭ يۇقۇشچانلىقى ئىنتايىن تۆۋەن، «قايتا يۇقۇملىنىش»قا ئوخشىمايدۇ

日期:2022年12月22日
来源:新疆日报网
【字体:

گوۋۇيۇەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلىرى:​

«قايتا مۇسبەت چىقىش»نىڭ يۇقۇشچانلىقى ئىنتايىن تۆۋەن، «قايتا يۇقۇملىنىش»قا ئوخشىمايدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىرلار لى خېڭ، جاڭ چۈەن) بېيجىڭ داشۆ 1 - دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ گۇيچياڭ 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇردى: «قايتا مۇسبەت چىقىش»نى قايتا تەكشۈرۈشتە بايقالغان دېيىش كېرەك، ئەمەلىيەتتە ۋىرۇس خېسۇەندە يەنە سىجىل مەۋجۇت، پەقەت تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە ئەۋرىشكە ئېلىش ئۇسۇلى ھەم زەھەر تازىلاشتا ئارىلاپ پەيدا بولۇشچانلىقى سەۋەبىدىن، «بەزىدە مۇسبەت، بەزىدە مەنپىي بولۇش» ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. ئانتىگېن تەكشۈرۈشىنىڭ سەزگۈرلۈكى خېسۇەن تەكشۈرۈشىدىن تۆۋەن بولۇپ، «قايتا مۇسبەت چىقىش» كۆرۈلگەن - كۆرۈلمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا خېسۇەن تەكشۈرۈشىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك.

ۋاڭ گۇيچياڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «قايتا مۇسبەت چىقىش»نىڭ نۇرغۇن سەۋەبى بار، ئەۋرىشكە ئالغان ۋاقىتتا ئەۋرىشكە ئېلىش ئۆلچەملىك بولماي، ساختا مەنپىي بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ ئاغرىق ساقىيىش مەزگىلىدە، بىر قىسىم خېسۇەن قالدۇقى قېلىپ، تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. نۆۋەتتە، ئانتىگېن ئارقىلىق تەكشۈرگەندە، ئەگەر ئانتىگېن تەكشۈرۈشى مەنپىي، خېسۇەن تەكشۈرۈشى مۇسبەت بولسا، بۇ خىل ئەھۋال «قايتا مۇسبەت چىقىش» دېيىلمەيدۇ.

ۋاڭ گۇيچياڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇشچانلىقىدىن قارىغاندا، ئىلگىرىكى نۇرغۇن تەتقىقاتتا «قايتا مۇسبەت چىقىش» كۆرۈلگەن ئاغرىقلارنىڭ تېنىدىن ئايرىۋېلىنغان ۋىرۇستىن، ۋىرۇسنىڭ يەنىمۇ تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى بايقالمىغان. خەۋپ - خەتىرىدىن قارىغاندا، «قايتا مۇسبەت چىقىش» كۆرۈلگەن كىشىلەر توپىدا ئاساسىي جەھەتتىن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان، ئايرىم ئاغرىقلاردا يۆتىلىش قاتارلىق قالدۇق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، «قايتا مۇسبەت چىقىش» يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشقا نىسبەتەن دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئەھۋال بولۇپ، يۇقۇشچانلىقى ئىنتايىن تۆۋەن، ساراسىمىگە چۈشۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

ۋاڭ گۇيچياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندە كېسەل ئېغىرلاپ كېتىش ۋە ئۆلۈش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. چەت ئەللەردىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ۋاكسىنا ئەملىگەندە «قايتا يۇقۇملىنىش»نىڭ يۈزبېرىشىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، يۇقۇملانغاندىن كېيىنمۇ دوختۇرخانىدا يېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. شۇڭا ياشانغانلار ۋە ئاساسىي كېسىلى بار كىشىلەر توپىغا ۋاكسىنا ئەملەشنى كۈچەيتىش كېرەك.