دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى: جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغان بىر يىلدىن بۇيان كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەتىجە قەغىزى تاپشۇرۇلدى

日期:2022年12月21日
来源:新疆日报网
【字体:

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان(مۇخبىر چېڭ شىن) دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 12-ئاينىڭ 5-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ يۈرۈشتۈرۈلگەن بىر يىلدىن بۇيان، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەتىجە قەغىزى تاپشۇرۇلدى. كەلگۈسىدە، تۆمۈريولنى مۇھىم نۇقتا قىلغان جۇڭگو-لائوس-تايلاند ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى ئىككىلەمچى رايون تەرەققىيات سەۋىيەسىماھىيەتلىك ئۆستۈرۈلۈپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتىئالتۇن چوڭ يولىلىق رولىيەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: يېقىندا، جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغىنىغا بىر يىل بولدى. مۇشۇ پەيتتە، جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىدىكى پۈتۈن تۆمۈريولدامېۋە-چېۋە توشۇيدىغانتۇنجى سوغۇقزەنجىرسىمان نۆۋەتچى پويىزقاتنىدى، تايلاند، لائوس قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈشىنىڭتۆمۈريول دەۋرىرەسمىي باشلاندى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ يۈرۈشتۈرۈلگەن بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن لىنىيەدە يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورت ۋوگزالىدىن 24ى ئېچىلىپ، جەمئىي 8 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىميولۇچى، 11 مىليون 200 مىڭ توننا يۈك توشۇلدى، يۈك تۈرى ئوننەچچە خىلدىن 1200 نەچچە خىلغا كېڭىيىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەتىجە قەغىزى تاپشۇرۇلدى. 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىدا تۇنجى قېتىم پۈتۈن تۆمۈريولدا مېۋە-چېۋە توشۇيدىغانسوغۇق زەنجىرسىمان نۆۋەتچى پويىزقاتنىدى، لائوس، تايلاند، بىرما قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىنىڭ تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش، خەلقئارا يۈك تىرانسپورتىنى كۆلەملەشتۈرۈش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو بازىرىغا تېخىمۇ بىخەتەر، تېز سېتىلدى.

  ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو-تايلاند تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى تايلاندتۆمۈريول سىستېمىسى بىلەنئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭنەن يېرىم ئارىلىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈريول چوڭ تومۇرىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. كەلگۈسىدە، تۆمۈريولنى مۇھىم نۇقتا قىلغان جۇڭگو-لائوس-تايلاند ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى ئىككىلەمچى رايون تەرەققىيات سەۋىيەسىماھىيەتلىك ئۆستۈرۈلۈپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتىئالتۇن چوڭ يولىلىقرولىيەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى