سەنمېنشيا تاشيول- تۆمۈريولى خۇاڭخې دەرياسى كۆۋرۈكى تۇتاشتۇرۇلدى ، يۈنچېڭ - سەنمېنشيا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە پۈتتى

日期:2022年12月07日
来源:新疆日报网
【字体:

12-ئاينىڭ 7-كۈنى، سەنشى يۈنچېڭ پىڭلۇ ناھىيەسى تەۋەسىدە، سەنمېنشيا تاشيول-تۆمۈريولى خۇاڭخې دەرياسى كۆۋرۈكىگە ئەڭ ئاخىرقى بىر تال «T» شەكىللىك لىم ئورنىتىلىشى بىلەن، يۈنچېڭ - سەنمېنشيا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا بارلىق لىم ئورنىتىش ۋەزىپىسى تاماملاندى، بۇ پۈتۈن لىنىيە پۈتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سەنشى يۈنچېڭ بىلەن خېنەن سەنمېنشيادىن ئىبارەت ئىككى شەھەرنى ئۇزاق يىل چەكلەپ تۇرۇۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئۈزۈك يول بۆلىكى ئۈزۈل-كېسىل تۇتاشتۇرۇلدى.

يۈنچېڭ - سەنمېنشيا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، يەنى سەنشى يۈنچېڭدىن خېنەن سەنمېنشياغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 57.16 كىلومېتىر ،سەنشىنىڭ جەنۇبىدىكى خۇاڭخې دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تۇتىشىدىغان مۇھىم يول بولۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، يۈنچېڭدىن سەنمېنشياغا بىر سائەتتىلا بارغىلى بولىدۇ، ۋاقىت ئەسلىدىكىدىن 30 مىنۇت قىسقىرايدۇ. (باش ئىستانسا مۇخبىرى سۈي شياۋرەن)