سەنشى يۈنچېڭ: قىش پەسلىدىكى تۇزكۆل

日期:2022年12月07日
来源:新疆日报网
【字体:

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، سەنشى ئۆلكىسى يۈنچېڭ شەھىرىدە قىش پەسلىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى سىجىل كۆرۈلدى، ئەمما رەڭدار تۇزكۆلنىڭ رەڭگى يەنىلا شۇنداق روشەن ۋە جۇلالىق بولۇپ، قىشتىكى تۇزكۆلنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىگە ئايلاندى. بوشلۇقتىن قارىغاندا، ئۇ خۇددى كەڭ تەبىئەتنىڭ رەڭ تەڭشەش تەخسىسىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئىنتايىن گۈزەل كۆرۈنەتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەنشى ئۆلكىسى يۈنچېڭ شەھىرى «تۇزنى كۆلگە قايتۇرۇش»، «كۆلنى خەلققە قايتۇرۇش» ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە قايتۇرۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، تۇزكۆلنى كان رايونى، سانائەت رايونىدىن ئېكولوگىيە مۇھاپىزەت رايونىغا ئايلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۈنسېرى ياخشىلىدى.

شۆ جۈن فوتوسى (خەلق تورى سۈرىتى)

«خەلق تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى