​«تارىخ جياڭ زېمىننى ئەستە چىڭ ساقلايدۇ»

日期:2022年12月06日
来源:新疆日报网
【字体:

روبېرت كۇئېن:

«تارىخ جياڭ زېمىننى ئەستە چىڭ ساقلايدۇ»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نيۇيورك، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ شىلۇڭ، ليۇ يانەن) ئامېرىكا كۇئېن فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، «ئۇ جۇڭگونى ئۆزگەرتتى: جياڭ زېمىننىڭ تەرجىمىھالى»نىڭ ئاپتورى روبېرت لاۋرېنس كۇئېن 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى نيۇيوركتا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ يازما مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: جياڭ زېمىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە چىڭ تۇردى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولدى، تارىخ ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلايدۇ.

كۇئېن مۇنداق دېدى: جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئۆزۈمنى خۇددى بىر ئائىلە ئەزايىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم، بۇ مېنىڭ كۆپ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ جياڭ زېمىننىڭ تەرجىمىھالىنى يازغانلىقىمدىن بولدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: جياڭ زېمىن 1989 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى بولغاندا، جۇڭگو غايەت زور بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ باش ۋەزىپىسى دۆلەت ئىچى مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىدى.

كۇئېن مۇنداق دېدى: جياڭ زېمىن ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشقا ئۇزاق مەزگىل كۈچ چىقاردى، ئۇ 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ۋە ئوتتۇرا مەزگىلىدە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش، پىلانلاشقا بىۋاسىتە قاتناشتى. 1995 - يىلىدىن 1996 - يىلىغىچە بولغان يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ۋە 1997 - يىلىدىكى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئېلىپ كەلگەن خىرىس ئالدىدا، جياڭ زېمىن جۇڭگو مۇقىملىقىنى ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى ھەم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتتى. ئۇ شۇ چاغدىكى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى جۇ رۇڭجى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونى 2001 - يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور ئابىدە خاراكتېرلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ۋە ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئېشىشى ئۈچۈن «مۇھىم يول بېكىتىپ بەردى».

كۇئېن مۇنداق دېدى: جياڭ زېمىن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۇئېن مۇنداق بىلدۈردى: «كەلگۈسىدىكى تارىخشۇناسلار تارىخنى قايتا ئەسلىگەندە، جياڭ زېمىن جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبىرى بولغان مەزگىلنى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىش مەزگىلى قىلىپ بېكىتىدۇ».

كۇئېن مۇنداق دېدى: جياڭ زېمىننىڭ قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان خاراكتېرى ئۇنىڭ چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولغان. تىلغا بولغان قىزغىن مۇھەببەت جياڭ زېمىننى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتكە نىسبەتەن چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلغان، ئۇنىڭ 1997 - يىلى ئامېرىكىغا قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بىر غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت. جياڭ زېمىن خارۋارد داشۆسىدە ئىنگلىز تىلىدا نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سوئاللارغا ئىشەنچكە تولغان ۋە يۇمۇرلۇق ھالدا جاۋاب بېرىشى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

كۇئېن مۇنداق بىلدۈردى: جياڭ زېمىن 2000 - يىلى ئامېرىكىدىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە پىروگرامما رىياسەتچىسى مايك ۋاللاسنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سوئاللارغا ئۆزىگە ئىشەنگەن، پەم - پاراسەتلىك ۋە يۇمۇرلۇق ھالدا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىلىقلارغا تېخىمۇ ھەقىقىي بىر جۇڭگونى تونۇتتى.

كۇئېن ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «تارىخ جياڭ زېمىننى ئەستە چىڭ ساقلايدۇ».