پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ھۆججىتىنىڭ مىللەتلەر يېزىقىدىكى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2022年11月03日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى يولداش شى جىنپىڭ 2022 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىدا بەرگەن «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى» تېمىسىدىكى دوكلات ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى»نىڭ موڭغۇل يېزىقى، زاڭزۇ يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقى، قازاق يېزىقى، چاۋشيەن يېزىقى، يىزۇ يېزىقى، جۇاڭزۇ يېزىقىدىن ئىبارەت جەمئىي يەتتە خىل مىللەتلەر يېزىقىدىكى كىتابچىسى جۇڭگو مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى ھۆججەتلەر توپلىمى»، «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقى»، «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيەسىدىن 100 سوئال»نىڭ مىللەتلەر يېزىقىدىكى نەشرىمۇ يېقىندا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ.