مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دوكلات يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

日期:2022年11月02日
来源:新疆日报网
【字体:

لى شۇلېي تۇنجى مەيدان دوكلات بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىخانىسىدا مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تۇنجى مەيدان دوكلات يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى شۇلېي دوكلات بەردى.

لى شۇلېي دوكلاتىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى بايان قىلدى، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرنى چۈشەندۈردى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى بۇرچى، ۋەزىپىسىنى چۈشەندۈردى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرى ۋە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ مۇھىم تەلىپىنى چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش تارىخىي مۇساپىسىگە ئاتلىنىش كېرەك.

دوكلات پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويۇش، داۋلى سۆزلەش شەكلىدە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قۇرۇلتاي روھىغا بولغان چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئىگىلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

دوكلات يىغىنىغا مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن شۇجىسى ۋۇ خەنشېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. بېيجىڭدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرىدىكى كادىرلار، مەركەز كارخانىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى، نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى ۋە ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 800 كىشى قاتناشتى.