شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2022 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىدا بەرگەن «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى» ناملىق دوكلاتىنىڭ كىتابچىسى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلىدۇ.