پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2022年10月27日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەركەزدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقى»، «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيەسىدىن 100 سوئال»، «20 - قۇرۇلتاينىڭ پارتىيە نىزامنامىسى تۈزىتىلمىسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال - جاۋاب» كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقىنى تەشكىللەپ تۈزۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)»نى ئومۇميۈزلۈك ئىزاھلاپ چۈشەندۈردى، بۇ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، چۈشىنىشتىكى نوپۇزلۇق كونسۇلتاتسىيە ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

يېقىندا، «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقى» خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى، «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيەسىدىن 100 سوئال» پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇشلۇقى نەشرىياتى، ئۆگىنىش نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى، «20 - قۇرۇلتاينىڭ پارتىيە نىزامنامىسى تۈزىتىلمىسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال - جاۋاب» پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇشلۇقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.