دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: 8- ئاينىڭ 28- كۈنى يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچى «301+1255»

日期:2022年08月29日
来源:新疆日报网
【字体:

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ 8- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 24كىچە بولغان ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

  8- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 352نى دوكلات قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 51 (گۇاڭدۇڭدا 12، شاڭخەيدە 8، سىچۇەندە 8، خېيلۇڭجياڭدا 6، فۇجيەندە 6، تيەنجىندە 5، شەنشىدە 2، بېيجىڭدا 1، لياۋنىڭدا 1، شەندۇڭدا 1، يۈننەندە 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 2 كىشى (بىردەك گۇاڭدۇڭدا)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەرلىك ئاغرىق مىسالى 301 (سىچۇەندە 161، خەينەندە 34، شىزاڭدا 24، خېنەندە 14، خېيلۇڭجياڭدا 11، گۇاڭدۇڭدا 10، چۇڭچىڭدا 10، شىنجاڭدا 8، شەنشىدە 6، خۇنەندە 5، تيەنجىندە 4، خۇبېيدا 3، لياۋنىڭدا 3، سەنشىدە 2، گەنسۇدا 2، بېيجىڭدا 1، جياڭسۇدا 1، فۇجيەندە 1، شەندۇڭدا 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 34 كىشى (سىچۇەندە 13، خەينەندە 12، شىنجاڭدا 4، جياڭسۇدا 1، گۇاڭدۇڭدا 1، چۇڭچىڭدا 1، شىزاڭدا 1، شەنشىدە 1)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭىدىن ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق. يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق.

  شۇ كۈنى يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 636، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 72، يەرلىك ئاغرىق مىسالى 564 (خەينەندە 467، شىزاڭدا 24، گۇاڭدۇڭدا 15، شەنشىدە 15، شىنجاڭدا 12، چۇڭچىڭدا 7، بېيجىڭدا 5، فۇجيەندە 5، جېجياڭدا 4، گۇاڭشىدا 3، سىچۇەندە 3، چىڭخەيدە 3، سەنشىدە 1)؛ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچى 20 مىڭ 15 كىشى، ئېغىر ئاغرىق مىسالىدىن ئالدىنقى كۈنىدىكىگە قارىغاندا 2سى كۆپەيدى.

  چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەردىن ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 547 (ئېغىر ئاغرىق مىسالى يوق)، ھازىر بار بولغان گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 22 مىڭ 352، جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 21 مىڭ 805، ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق.

  8- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 6648ى (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاغرىق مىسالى 33) بار ئىكەن، جەمئىي 230 مىڭ 433 ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، جەمئىي 5226 ئاغرىق مىسالى ئۆلگەن، جەمئىي 242 مىڭ 307 ئاغرىق مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقى دوكلات قىلىنغان، ھازىر بار بولغان گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. يېقىندىن ئۇچراشقۇچىدىن جەمئىي 5 مىليون 250 مىڭ 599 كىشى ئىز قوغلاپ ئېنىقلانغان، ھازىرمۇ 213 مىڭ 2 نەپەر يېقىندىن ئۇچراشقۇچى تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

  31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 1344نى دوكلات قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 89، يەرلىكتىن دوكلات قىلىنغىنى 1255 (شىزاڭدا 570، خەينەندە 98، سىچۇەندە 87، خېنەندە 84، چىڭخەيدە 79، شىنجاڭدا 48، خېبېيدا 42، خېيلۇڭجياڭدا 33، جياڭشىدا 32، گەنسۇدا 28، تيەنجىندە 27، خۇبېيدا 27، لياۋنىڭدا 25، شەنشىدە 20، چۇڭچىڭدا 18، شەندۇڭدا 9، گۇاڭشىدا 8، جياڭسۇدا 6، سەنشىدە 5، ئىچكى موڭغۇلدا 3، گۇاڭدۇڭدا 3، يۈننەندە 2، ئەنخۇيدا 1).

  شۇ كۈنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 1298، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 102، يەرلىكتىكىسى 1196 (خەينەندە 651، شىنجاڭدا 379، جياڭشىدا 31، شىزاڭدا 18، شەنشىدە 18، چىڭخەيدە 18، بىڭتۇەندە 16، جېجياڭدا 15، خۇبېيدا 11، گۇاڭشىدا 7، شەندۇڭدا 5، چۇڭچىڭدا 5، گۇاڭدۇڭدا 4، خېبېيدا 3، شاڭخەيدە 3، جياڭسۇدا 3، ئىچكى موڭغۇلدا 2، خېيلۇڭجياڭدا 2، خېنەندە 2، سىچۇەندە 1، گەنسۇدا 1، نىڭشيادا 1)؛ شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگىنى 36 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 2)؛ ھازىرمۇ تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 22 مىڭ 62 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 736).

  جەمئىي شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 5 مىليون 604 مىڭ 20 ئاغرىق مىسالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 381 مىڭ 642 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 73 مىڭ 831، ئۆلگىنى 9664)، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 793 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 785، ئۆلگىنى 6)، تەيۋەن رايونىدىكىسى 5 مىليون 221 مىڭ 585 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 13 مىڭ 742، ئۆلگىنى 9844).

  پايدىلانغان مەنبە: دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ئورگان تورى