«شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»نىڭ ئىنگلىزچە ـ خەنزۇچە سېلىشتۇرما نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2022年05月20日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەرجىمە قىلغان «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»نىڭ ئىنگلىزچە ـ خەنزۇچە سېلىشتۇرما نۇسخىسى يېقىندا مەركىزىي تەھرىرلىك ـ تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

«شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»نى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن بولۇپ، توققۇز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، ئۇنىڭغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى سىستېمىلىق كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچە ـ خەنزۇچە سېلىشتۇرما نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىدە، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىدە، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.