«باش شۇجىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى يېڭىلىق يارىتىش غەيرىتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى!»

日期:2022年05月20日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ماۋ جېنخۇا

2019 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىندە تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، تيەنجىن بىنخەي − جۇڭگۇەنسۈن پەن ـ تېخنىكا باغچىسىغا كەلدى. ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش كۆرگەزمە مەركىزىدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى تيەنجىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىنخەي توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ توك تەقسىملەش ـ جىددىي رېمونت قىلىش بەنىنىڭ بەنجاڭى جاڭ لىمىڭ باش شۇجىغا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك تەقسىملەش تورى توكلۇق مەشغۇلات ماشىنا ئادىمىنى تونۇشتۇردى. يېقىندا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىمىڭنى قايتا زىيارەت قىلدى، تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ بايانى ۋە يۈرەك سۆزى −

مەن بۇ يىل 52 ياشقا كىردىم، ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىمىزنى يۈزتۇرا دوكلات قىلغان كۆرۈنۈشنى مەن ئۆمۈر بويى ئۇنتۇيالمايمەن.

شۇ كۈنى، مەن باش شۇجىغا نەق مەيداندا ئۈلگە كۆرسەتتىم. ئۆتكۈزگۈچ سىمنىڭ تاشقى قەۋىتىنى كېسىپ چىقىرىۋېتىپ، ئوقۇرغا تارتىپ كىرگۈزۈپ، قىسقۇچ بىلەن چىڭ قىسىپ قويدۇم، ماشىنا ئادەمنىڭ مەشغۇلات جەريانى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق، راۋان بولدى. باش شۇجى ناھايىتى ئەستايىدىل كۆردى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش يۆنىلىشىنى بىزنىڭ بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، بىز ئىشچىلار يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا ھەقىقىي بىلىم ھاسىل قىلغانلىقىمىزنى ماختىدى.

بىز تەتقىق قىلىپ ياسىغان ماشىنا ئادەم ئادەمنىڭ ئورنىدا يۇقىرى بوشلۇقتا توكلۇق مەشغۇلات قىلىپ، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ، باش شۇجى بۇنى مۇئەييەنلەشتۈردى. باش شۇجىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى بىردىنلا قەلبىمنى ئىللىتتى.

پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، باش شۇجى مېنىڭ ئوقۇش تارىخىمنى سورىدى. مەن مۇنداق جاۋاب بەردىم: «مەن ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىش ئورنىدا ئۆمۈر بويى ئۆگەنسەملا ئوخشاشلا نەتىجە يارىتالايمەن».

باش شۇجى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەمنۇن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سىز تۆھپە قوشۇپسىز، يەنە يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە بوپسىز».

باش شۇجىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ، قەلبىم چەكسىز ھاياجانغا چۆمدى. مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كىشىلىك قىممىتىمنى ئىشقا ئاشۇردۇم، شۇنداقلا كىشىلىك ھاياتتىكى كۈرەش يۆنىلىشىمنى تاپتىم.

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش كېرەك، دۆلىتىمىز داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشتىمۇ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىشى كېرەك.» باش شۇجى نەق مەيداندىكى كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارزۇسى بار ھەربىر كىشىنى كۆڭۈل قويۇپ يېڭىلىق يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، ھەربىر يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك.

باش شۇجىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش غەيرىتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

گەرچە بىز ماشىنا ئادەمنىڭ ئادەم ئورنىدا يۇقىرى بوشلۇقتا توكلۇق مەشغۇلات قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولساقمۇ، لېكىن جىددىي رېمونت قىلىش ئىشچىلىرىنىڭ يەنىلا يۇقىرى بوشلۇقتا قوشۇمچە مەشغۇلات قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، ناھايىتى جاپالىق ھەم خەتەرلىك. تېخىمۇ ئاقىل، تېخىمۇ يەڭگىل، قولايلىق بولۇش نىشانىنى كۆزلەپ، بىز تەجرىبىخانىغا قايتىپ، توك تەقسىملەش تورى توكلۇق مەشغۇلات ماشىنا ئادىمى تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە داۋاملىق يۈرۈش قىلدۇق.

ھەر قېتىم قىيىنچىلىق ۋە بېسىمغا يولۇققاندا، مەن ھەمىشە باش شۇجىنىڭ تەلىپى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشىنى ئەسلىدىم. قايتا ـ قايتا سىناق قىلىش، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بىز ئاخىر 4 ـ ئەۋلاد ماشىنا ئادەمنى ياساپ چىقتۇق، تولۇق ئاپتوماتىك مەشغۇلات قىلىدۇ، گەۋدىسى تېخىمۇ كىچىك، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، جىددىي رېمونت قىلىش ئىشچىلىرىنىڭ يۇقىرى بوشلۇقتا مەشغۇلات قىلىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئازايتتى. بىزنىڭ ماشىنا ئادىمىمىز يەنە تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كەسىپلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 20 ئۆلكىدە كېڭەيتىلدى.

بىز ئالدىنقى قاتاردىكى پەن ـ تېخنىكا بىلەن بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلارنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ماشىنا ئادەمنى تېخىمۇ ياخشى «كۆرۈش سېزىمى» ۋە «تېگىش سېزىمى»گە ئىگە قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ساھەسىدىكى كۆپ ئىش ئورنىدا ئاپتوماتىك توك قاچىلايدىغان تۇنجى ماشىنا ئادەمنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتۇق، بۇ ماشىنا ئادەم سېزىش، ئۇدۇللاشتۇرۇش، توك قاچىلاشنى بىر يولىلا تاماملىيالايدۇ.

بۇ بىرقانچە يىلدا، مەن بىر تۈركۈم ياش شاگىرتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تېخنىكا ماھىرى، ئۇلار بىرىنچى سەپتە يىلتىز تارتقان، تەمكىن، سالماق بولۇپ، كارخانىنىڭ كەلگۈسى تۈۋرۈكى بولۇشتەك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدۇ. خىزمەتتىن سىرت، مەن يېتەكلىگەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، تەرەققىي قىلىپ سۇ، توك، گاز، ئىسسىقلىق مۇلازىمىتى ئىتتىپاقىغا ئايلىنىپ، كوچىلارنى ئايلىنىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ پۇقرالارنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، رېمونت قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى، «تاڭ سەھەردە يولغا چىقىپ، ھەممە ئائىلىنى يورۇتىمىز» دېگەن شوئار تېخىمۇ ياڭرىدى.

كونا ناخشىدا، بىز ئىشچىلارنىڭ كۈچى بار! دەپ ياخشى ئېيتىلغان، باش شۇجى، خاتىرجەم بولۇڭ! مەن بىرىنچى سەپتە داۋاملىق يىلتىز تارتىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىز ئىشچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىمەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)