جۇڭگو ئالىملىرى جياڭشىدا يېڭىدىن ساپ نەسىللىك چوڭ سەمەندەر ياۋا تۈر توپىنى بايقىدى

日期:2022年05月20日
来源:新疆日报网
【字体:

5- ئاينىڭ 18- كۈنى نەشردىن چىققان ئىلمىي ژورنال ــ «زوئولوگىيە تەتقىقاتى»غا بېسىلغان «جۇڭگو چوڭ سەمەندەر دالا ساپ تۈر توپىنىڭ بايقىلىشى ئۇنى ئۈنۈملۈك قوغداشقا يېڭى پۇرسەت ئاتا قىلدى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە، «ئۇنىۋېرسال مورفولوگىيە ۋە ئىرسىيەت بۆلۈنۈش ئىسپاتى، بۇ تەتقىقاتتا يېڭى بىر تۈر − جياڭشى چوڭ سەمەندىرى Andrias jiangxieensis.sp. nov. سۈرەتلەپ بېرىلدى. بۇ دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئىرسىيەت سالاھىيىتى ئېنىق ھەم دالىدا مۇقىم كۆپىيىدىغان چوڭ سەمەندەر ساپ تۈر توپى» دەپ خەۋەر قىلىندى.

تەتقىقات خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2020- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۇنمىڭ ھايۋانات تەتقىقات ئورنىنىڭ پەن تەتقىقات كوللېكتىپى جىڭئەن ناھىيەسىگە جايلاشقان جياڭشى جيۇلىڭشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، بەلگە قويۇش − قايتا تۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 18 ئاي دالىدا ئۆلچەپ تەكشۈرۈشتە جەمئىي تەن، ئىككىلەمچى تەن ۋە يېڭى تۇخۇمدىن چىققان سەمەندەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 700 دىن ئارتۇق يەككە تەننى خاتىرىلىگەن، ھەم ئۇدا ئىككى يىل دالىدا كۆپىيىش ئۇسۇلىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ئارقىلىق «جياڭشى چوڭ سەمەندىرىنىڭ دالا ساپ نەسىل تۈر توپى بايقالدى» دېگەن تەتقىقات نەتىجىسىنى چىقارغان. گېن گۇرۇپپىسى سەۋىيە سانلىق مەلۇماتى ئانالىزى جياڭشى چوڭ سەمەندەرىنىڭ ئىرسىيەت بۆلۈنۈشىنىڭ روشەنلىكى ھەم باشقا ئۆلكە، رايونلاردىكى چوڭ سەمەندەرنىڭ شالغۇتلاشتۇرۇش بۇلغىشىغا ئۇچرىمىغانلىقىنى قوللىدى.

چوڭ سەمەندەر ئادەتتە «سەمەندەر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ جۇڭگودىلا بار بولغان ئاز ئۇچرايدىغان قوش ماكانلىق ھايۋان بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. سەمەندەر دۇنيادا ھازىر مەۋجۇت بولغان قوش ماكانلىقلار ئىچىدە جۇغى ئەڭ چوڭ تۈر بولۇپ، ئۇنىڭ مەنبەسىنى يۇرا دەۋرىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ تۈر ئۇزاق ئۆزگىرىش تارىخى ۋە ناھايىتى يۇقىرى ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغاچقا، دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى تەرىپىدىن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، دۆلىتىمىزدە ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جياڭشى چوڭ سەمەندەر تۈر توپى بىر يەككە نۇقتىدا تارقالغان يەككە تۈر توپى بولۇپ، ئۇ ماكانلاشقان جاينىڭ سۇ دائىرىسى تەخمىنەن 36 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جياڭشى چوڭ سەمەندىرى نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئىرسىيەت سالاھىيىتى ئېنىق بولغان ھەم دالىدا مۇقىم كۆپىيىدىغان چوڭ سەمەندەر ساپ تۈر توپى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى چوڭ سەمەندەرنىڭ مۇكەممەل تەبىئىي تۇرمۇش تارىخى خاتىرىلەنگەن دالا تۈر توپى بولۇپ، تۈرلەرنىڭ ئاساسىي بىيولوگىيە ۋە ياشاش ماكانى ئېكولوگىيە ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى سىستېمىلىق يىغىشنى قىممەتلىك پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، جياڭشى چوڭ سەمەندەر تەتقىقات تۈرىنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئورتاق تۇرغۇزغان تۈر، دۆلەت ۋە جياڭشى ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەمدە جىڭئەن ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىرلىشىپ ئۈستىگە ئالغان. (ئىزاھات: مۇتەخەسسىسلەر باھالاش يىغىنى 2021- يىلى 11- ئايدا جياڭشى ئۆلكىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، «جياڭشى چوڭ سەمەندەرىنىڭ دالا ساپ تۈر توپى بايقالدى»دىن ئىبارەت بۇ پەن تەتقىقات نەتىجىسى يەكۈنىنى ماقۇللىدى، ماقالە يېرىم يىلدىن كۆپرەك تەكشۈرۈش ئارقىلىق 2022- يىلى 5- ئاينىڭ 18- كۈنى بېسىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىندى)

پايدىلانغان مەنبە: خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى