«ئەگەر باش شۇجىنىڭ قوغدىشى ۋە قوللىشى بولمىغان بولسا، سەنفاڭ چىشياڭ ئاللىقاچان يوقالغان بولاتتى»

日期:2022年05月18日
来源:新疆日报网
【字体:

مۇھەررىر ئىلاۋىسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى يېقىندا «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتى» ناملىق خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەڭداشسىز مۇستەھكەم مەدەنىيەت ئىشەنچى ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت ھېسسىياتىنى نامايان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بۈگۈندىن باشلاپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتى» دېگەن تېمىدا ئىستون ئېچىپ، يۈرۈشلۈك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ غەمخورلۇق قىلغان مەدەنىيەت شەخسلىرى، كۆڭۈل بۆلگەن مەدەنىيەت ئىشلىرىنى قايتا زىيارەت قىلىپ، جانلىق، ئاددىي ھېكايىلەر ئارقىلىق، ئىللىق ئەسلىمىلەرنى ئويغىتىپ، چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان تاپشۇرۇقنى قايتا ئەسلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزىنى قوغداشتىكى تارىخىي ئاڭلىقلىقى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جياڭ شياۋ، شۈ شۆيى، باۋ يۈخەن

2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، فۇجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنفاڭ چىشياڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىغا كىردى، قەدىمىي شەھەر قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى.

«ئەنئەنىۋى كوچا رايونلىرىنى ياخشى قوغداش، قەدىمىي ئىمارەتلەرنى ياخشى قوغداش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياخشى قوغداش دەل شەھەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت تومۇرىنى ساقلاپ قالغانلىق. قەدىمىي ئىمارەت، كونا قورۇ، كونا كوچا رايونلىرىغا مۇئامىلە قىلىشتا قەدىرلەش ھېسسىياتى، ئۇلۇغلاش ھېسسىياتى بولۇشى كېرەك».

سۆزلىگۈچى سەمىمىي بولسا، ئاڭلىغۇچى تەسىرلىنىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بۇ قەدىمىي كوچا ئارىسىدا 30 يىلدىن ھالقىغان قوغداش رىشتىسى بار.

فۇجوۋدىكى سەنفاڭ چىشياڭ «لىفاڭ تۈزۈمىنىڭ جانلىق تاشقاتمىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مىڭ نەچچە يۈز يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولغان. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، شەھەرنى ئېچىش قىزغىن دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يەر بىرمەھەل ئىنتايىن خەۋپلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى.

فاڭشياڭنىڭ شىمال تەرىپىدە، لىن جۆمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى ئاۋات بازاردا جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئابىدىسىگە تۇيۇقسىزلا ناھايىتى چوڭ قىلىپ «چېقىلىدۇ» دېگەن خەت يېزىلىپ قالدى.

جىددىي پەيتتە، بىر مەيدان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش يىغىنى لىن جۆمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدا ئېچىلدى. شۇ چاغدىكى فۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان شى جىنپىڭ يىغىندا مۇنداق ئاخىرقى قارار چىقاردى: «بىزنىڭ قولىمىزدىلا بولىدىكەن، پۈتۈن شەھەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پايدىلىنىش ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك، ئۇلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتمايلا قالماي، بەلكى ئۇلارنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، ئەۋلادلارغا قالدۇرۇشىمىز كېرەك».

«چېقىلىدۇ»دىن «رېمونت قىلىش»قىچە، بىر خەتنىڭ ئۆزگىرىشى شەھەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلدى.

«100 كۈندىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا بۇ يەرنى رېمونت قىلىپ بولدۇق! ئۇزاق ئۆتمەي، سەنفاڭ چىشياڭدىكى باشقا تارىخىي ئىمارەتلەرمۇ ئارقا - ئارقىدىن رېمونت قىلىندى، قوغدالدى.» ئارىدىن كۆپ يىل ئۆتتى، شۇ قېتىمقى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى «قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى» فۇجوۋ مەدەنىيەت - تارىخ مۇتەخەسسىسى لى خوۋۋېينىڭ ھازىرقىدەكلا ئېسىدە، ئۇ ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنى مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن ئىزچىل ئەسلەپ تۇرۇپ، «ئەگەر باش شۇجىنىڭ قوغدىشى، قوللىشى بولمىغان بولسا، سەنفاڭ چىشياڭ ئاللىقاچان يوقالغان بولاتتى!» دېدى.

مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا ئالاقىدار نىزاملارنى بېكىتىشكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ۋە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى قۇرۇش، شەھەر قۇرۇلۇشى تۈرى تۇرغۇزۇلغاندا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرىنىڭ تامغا بېسىشىنى تەلەپ قىلىش... فۇجوۋدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ شۇ جايدا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈچۈن ئاساس سالدى.

«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئۆزىنى قوغداشتىن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكىچە، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى ئوخشاشلا مۇھىم دەپ بىلدۇق، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەقىل - پاراسەت ۋە بايلىق» دېدى فۇجيەن ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىدارە باشلىقى جېڭ گوجېن.

30 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، «ساقلاپ قېلىش»تىن «جانلىنىش»قىچە، سەنفاڭ چىشياڭدىكى جانلىق ھالەتتىكى مىراسلارنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرماقتا.

سەنفاڭ چىشياڭغا كىرگىنىڭىزدە، ئاق تام، قارا كاھىش، قارلىغاچ قۇيرۇقىسىمان لەمپىنىڭ يۇمشاق ياغاچ رەسىم، مايلىق قەغەز كۈنلۈك، شوۋشەن تېشى قاتارلىق خەلق سەنئىتى كەسىپ ھالىتى بىلەن تولىمۇ ماسلاشقانلىقىنى كۆرىسىز؛ قەدىمىي ئۆيلەر بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، تۈرلۈك باش تېمىدىكى مۇزېيلار، يەرلىك شىچۈ تىياتىرى ئويۇنلىرى بىلەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ ھېكايىلىرى، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ئىمارەتلەر «يېقىندىن ئۇچراشقان»... «قەدىمىي ئۆيلەر + غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» ئارقىلىق خاس مەدەنىيەت - ساياھەت بەرپا قىلىندى، سەنفاڭ چىشياڭ قوغداش داۋامىدا «ئاكتىپلاشتۇرۇلۇپ» پايدىلىنىلىپ، ھاياتىي كۈچىنى سىجىل قويۇپ بەردى.

«دېرىزە سىرتىدىكى شالاڭ مېيخۇا شاخلىرى ئارىسىدا ئاي شولىسى خۇددى مۆكۈنۈۋالغاندەك غۇۋا كۆرۈنەتتى...» 70 ياشتىن ئاشقان چېن يۇڭجيەن فۇجوۋ سەنفاڭ چىشياڭدىكى بىر پىدائىي چۈشەندۈرگۈچى. ئۇ چۈشەندۈرۈش 1 - بېكىتىنى لىن جۆمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆرگەزمە زالىدا ساياھەتچىلەرگە «خوتۇنۇمغا مەكتۇپ»نى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرىدۇ.

«پىرويېكسىيە تېمىدىكى بۆلەك - بۆلەك كۆرۈنۈشلەردىن ساياھەتچىلەرمۇ ئوخشاشلا تەسىرلەندى، نۇرغۇن كىشى ئاڭلاپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى.» چېن يۇڭجيەن مۇنداق دېدى: «لىن جۆمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى كۆرگەزمىسىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى، بۇ، سەنفاڭ چىشياڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۈچ ئۇلاپ قوغدىغانلىقتۇر».

رېمونت قىلىپ قوغداش قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قەدىمىي ئىمارەتلەرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ؛ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىر مىللەتنىڭ روھىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ.

«چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان نۇرغۇن كىشى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالايىتەن سەنفاڭ چىشياڭغا بېرىپ ئايلىنىدۇ.» سەنفاڭ چىشياڭدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان چېن يۇڭجيەننىڭ بۇ يەرگە چوڭقۇر مۇھەببىتى بار، «مەن كىچىكىمدىن لىن زېشۈ، شېن باۋجېن قاتارلىق ئىرادىلىك زاتلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان، <دۆلەتكە پايدىلىق بولسىلا، ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ باش تارتماسلىق، بالاغا قېلىشتىن قورقماسلىق، ئۆزىنى چەتكە ئالماسلىق>تەك ئاشۇ خىل مىللەت غۇرۇرى مېنى ئىلھاملاندۇرماقتا. ھازىر مەن بۇ قەدىمىي ئىمارەت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، ئۆزۈمگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولدۇم، غەيرەتكە تولدۇم».

20 يىل ئىلگىرى، شى جىنپىڭ تەكلىپ بىلەن «فۇجوۋدىكى قەدىمىي ئۆي - ئىمارەتلەر» دېگەن كىتابقا كىرىش سۆز يازغاندا مۇنداق يازغان: «قەدىمىي ئىمارەتلەرنى ياخشى قوغدىغانلىق، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياخشى قوغدىغانلىق دەل تارىخنى ساقلاپ قالغانلىق، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت تومۇرىنى ساقلاپ قالغانلىق، تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھەرلىرىنىڭ شەكىلسىز ئېسىل ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالغانلىق...»

يىللار ئۆتۈپ كەتتى، مۇھەببەت ئۆزگەرمىدى.

گۇاڭجوۋ يۇڭچىڭفاڭنى زىيارەت قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «شەھەر پىلانلاش ۋە قۇرۇشتا تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلمەسلىك، كەڭ كۆلەملىك چېقىش، كەڭ كۆلەملىك قۇرۇش بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك»؛

بېيجىڭدىكى خۇتۇڭغا كىرگەندە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تارىخىي يادىكارلىقلارنى قوغداش، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى ساقلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك»؛

پىڭياۋ قەدىمىي شەھەر سېپىلىغا چىققاندا مۇنداق تەلەپ قىلدى: «تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئېكولوگىيەگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك»؛

...

باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخىي مەدەنىيەتكە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنى باشتىن - ئاخىر تولۇق ئىپادىلەپ، قەدىمىي كوچا، قەدىمىي شەھەرلەرنى قوغداشقا باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزىنى قوغدىدى.

«مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن بولۇش» «جۇڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىللىق تارىختا ياراتقان ۋە داۋاملاشتۇرغان جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىلتىزى ۋە جېنى» «مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىزنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت دولقۇنىدا پۇت تىرەپ تۇرالىشىمىزنىڭ ئاساسى».

بىر كوچىنى ساقلاپ قېلىشتىن بىر شەھەرنى قەدىرلەشكىچە، ئاندىن بىر دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە مەدەنىيەت ھېسسىياتى ئائىلە ئىشلىرى، دۆلەت ئىشلىرى، جاھان ئىشلىرىغا سىڭگەن بولۇپ، تارىخىي مەسئۇلىيەت تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)