يېڭى دەۋردىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك

日期:2022年05月17日
来源:新疆日报网
【字体:

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

يېڭى دەۋردىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەسئۇلىنىڭ «پىكىر»توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابىنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۈچ. پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى پارتىيەمىزنىڭ خىزمىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى. يېڭى دەۋردىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ داۋاملىق پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەشكىلات ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشكىلاتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەشكىلات تۇرمۇشىنى چىڭىتىپ، «تەشكىلىي تەسىس قىلىنىشى ياخشى، بەنزە قۇرۇلۇشى ياخشى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى ياخشى، ئۆگىنىش، پائالىيەتلىرى ياخشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ياخشى، تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇشى ياخشى» بولۇشنى ئۆلچەم قىلىپ، ئۈلگىلىك پارتىيە ياچېيكىسى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەش، ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دائىملىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرىدىن ئالاقىدار ئىنتىزام، قائىدىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەۋىلىك قارىشى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشۋىق قىلىش، تەقدىرلەشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى، تەجرىبە جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى، ئىناۋەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرگە دائىر ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا تەشكىللەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت قوشۇنىنى كۈچەيتىپ قۇرۇپ، ئاساسىي كاپالەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پائال يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. يەنە مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا) شۇجىلىرى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى، خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەت كۈچىنى تولۇق سەپلەپ، كۈچلۈك سەپلەپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ دەۋرچانلىقى، قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش كېرەك.