«باش شۇجى باشتىن ـ ئاخىر قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئويلاپ كەلدى»

日期:2022年05月17日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ ۋېي، يۈ يېتۇڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2018 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى لياۋنىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، فۇشۈن شەھىرىنىڭ دۇڭخۇايۈەن مەھەللىسىگە كېلىپ، شۇ جايدىكى كۆمۈر قېزىشتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن خەتەرلىك رايوندىن خەۋپتىن ساقلىنىش بويىچە كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى ھەم ئاھالە چېن يۈفاڭنىڭ ئۆيىگە كەلدى. يېقىندا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چېن يۈفاڭنى قايتا زىيارەت قىلدى.

[كۆرۈنۈشنى قايتا ئەسلەش]

شۇ كۈنى چۈشكە يېقىن، باش شۇجى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ دۇڭخۇايۈەن مەھەللىسىگە كەلدى. چېن يۈفاڭنىڭ ئۆيىدە، شى جىنپىڭ ئاھالىلەر بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. باش شۇجى كۆيۈنگەن ھالدا كۆپچىلىكتىن تۇرالغۇنى ياخشىلاش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولغانلىقى، پېنسىيە پۇلى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلىنى ۋاقتىدا ئالالايدىغان ـ ئالالمايدىغانلىقى، كېسەل كۆرسىتىشنىڭ قولايلىق ياكى قولايلىق ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتۈردى.

كۆپچىلىك باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: يېڭى مەھەللىگە كۆچۈپ كىرگەندىن بۇيان، مۇھىت تازىلىقى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، سۇ، توك، گاز بىلەن تەمىنلەش كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئاممىۋى مۇلازىمەت مەھەللىگە كىردى، تۇرمۇش سۈپىتىمىز خېلىلا ئۆستى. شى جىنپىڭ بۇلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى.

مەھەللىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ئاھالىلەر چۆرىدەپ كېلىپ باش شۇجىدىن بەس ـ بەستە ئەھۋال سورىدى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: مەن بايلىقى تۈگەش تىپىدىكى شەھەرلەرگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم، بۇ شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ قانداقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقىنى ئويلاپ تۇردۇم، مەن بۇ قېتىم ئالايىتەن كۆرگىلى كەلدىم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، كەپىلىك رايونلارنى ۋە كۆمۈر قېزىشتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن خەتەرلىك رايونلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر ھەم شۇنداق قىلىشقا ئىنتايىن ئەرزىيدۇ. بايلىقى تۈگەش تىپىدىكى شەھەرلەر تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش داۋامىدا، ئالدى بىلەن خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

[چېن يۈفاڭنىڭ يۈرەك سۆزى]

شۇ كۈنى، باش شۇجى ئۆيگە كىرىپلا مەن بىلەن سەمىمىي سالاملاشتى، ئاندىن ئۆيىمىزدە بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. «كۆچۈشكە قانچە پۇل كەتتى؟» «پېنسىيە پۇلى بىلەن ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلىنى ۋاقتىدا ئېلىۋاتامسىلەر؟» «كېسەل كۆرسىتىش قولايلىقمۇ ياكى قولايلىق ئەمەسمۇ؟» «مەھەللە مۇلازىمىتى ياخشىمۇ؟» باش شۇجى ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى، قەلبىم بۇنىڭدىن ئىللىقلىققا تولدى.

ئىلگىرىكى يىللاردا، فۇشۈندە كۆمۈر كۆپ قېزىلاتتى. كېيىن قېپقالغىنى كۆمۈر قېزىشتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن تۇتاش كەتكەن خەتەرلىك رايون بولدى، بىزنىڭ كونا ئۆيىمىز ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن خەتەرلىك رايوندا ئىدى. ئۆيىمىزنىڭ تاملىرىغا چاك كەتكەن، بىنانىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى، ئېرىم ئىككىمىز كۈنبويى دەككە ـ دۈككىدە ئۆتەتتۇق، «كۆچۈپ چىقىپ كېتىش»نى ئارزۇ قىلاتتۇق.

2017 ـ يىلى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ قوللىشى بىلەن، بىزگە 40 نەچچە مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىلدى، ئەسلىدىكى 60 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق خەتەرلىك ئۆيدىن ھازىرقى 90 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق مۇشۇ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق.

شۇ كۈنى، باش شۇجى يەنە يەرلىكتىكى كادىرلارغا بايلىقى تۈگەش تىپىدىكى شەھەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا، ئالدى بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاشنى تاپىلىدى.

ھازىر، ئېرىم ئىككىمىز 70 نەچچە ياشقا كىردۇق، ئەر ـ خوتۇن ئىككىمىز بۇ ئازادە، يورۇق ئۆيدە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ، كۆڭۈللۈك ياشاۋاتىمىز.

بۇلارلا ئەمەس، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، بىزنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش بويىچە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بۇ مەھەللىمىزدە يەنە زور ئۆزگىرىش بولدى. ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرى كۆپەيدى، مەھەللىدە ياشانغانلار ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلدى؛ مەھەللە ئەتراپىدا يەسلى، مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق.

ئېرىم ئىككىمىز باش شۇجىنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە «مەن باشتىن ـ ئاخىر قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئويلاپ كەلدىم» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ھاياجانلانغانلىقىمىزدىن كۆزلىرىمىز ياشقا تولدى. باش شۇجى بىزنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ، ئۇ بىزنىڭ سىردىشىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)