«پىدائىيلار روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمىز»

日期:2022年05月15日
来源:新疆日报网
【字体:

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ماۋ جېنخۇا، بەي جيالى

2019 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، تيەنجىن شەھىرىنىڭ خېپىڭ رايونى شىنشىڭ كوچىسى چاۋياڭلى مەھەللىسىگە كېلىپ، مەھەللە پىدائىي مۇلازىمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلار سۆزلىگەن «پىدائىيلىق ھېكايىسى»نى ئاڭلىدى، ئاھالىلەر «ئىللىق موما» دەپ ئاتايدىغان لۈ ۋېنشيا دەل ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لۈ ۋېنشيانى قايتا زىيارەت قىلدى.

[كۆرۈنۈشنى قايتا ئەسلەش]

شۇ كۈنى، 75 ياشلىق لۈ ۋېنشيا ئالايىتەن قىزىل رەڭلىك پوپايكىسىنى كىيدى. ئۇ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: «ئۆزىمىزنى بېغىشلاۋاتىمىز، خۇشال يۈرۈۋاتىمىز. سىز بىزنى يېڭى دەۋرگە باشلاپ كىردىڭىز، ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا بىز ھەرگىز سەپتىن چۈشۈپ قالمايمىز!»

تيەنجىن شەھىرىنىڭ خېپىڭ رايونى شىنشىڭ كوچىسى چاۋياڭلى مەھەللىسىدە پىدائىيلار مۇلازىمىتى دېگەن بىر «كونا داڭلىق» ۋىۋىسكا بار. 30 نەچچە يىل ئىلگىرى، قوشنىلارغا قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدىغان 13 ياشانغان كىشى خۇددى يانغىندەك مەھەللە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى چاقناتقانىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەھەللە پىدائىيلىرىنى ئالقىشلاپ، ئۇلارنى جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتا ئالدىدا ماڭغۇچىلار، يېتەكلىگۈچىلەر، دەپ تەرىپلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پىدائىيلار مۇلازىمىتى جەمئىيەت مەدەنىيلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بەلگە، كەڭ پىدائىيلارنىڭ مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈشىدىكى مۇھىم يول. «پىدائىيلار ئىشلىرى <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانى بىلەن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى كېرەك».

[لۈ ۋېنشيانىڭ يۈرەك سۆزى]

ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھەش - پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتتى، باش شۇجىنىڭ سۆزى قەلبىمىزنى ئىزچىل ئىللىتماقتا، مەن ۋە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى كونا ھەمراھلىرىمنى «ئۆزىنى بېغىشلاش، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئالغا ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت پىدائىيلار روھىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىش داۋامىدا خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

مەن يەنە ئالايىتەن بىر بۆلەك «باش شۇجى كەلدى يېنىمىزغا» ناملىق شەندۇڭ ليۇچىن كۈيىنى تەييارلىدىم: «بوخەي دېڭىزى ساھىلى باھاردەك ئىللىق، تيەنجىندىدۇر سانسىز ئېقىننىڭ ئاخىرقى ئۇچى، باش شۇجى كەلدى يېنىمىزغا...» مەن بۇ ناخشا ئارقىلىق يۈرەك سۆزىمىزنى ئېيتىمەن: باش شۇجى خاتىرجەم بولۇڭ، بىز پىدائىيلار روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمىز!

باش شۇجى مۇنداق دېدى: سىلەر قىلغان ئىشلار تارىخ بېتىگە پۈتۈلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ۋەزنى ئېغىر بولۇپ، مېنى قانداق قىلغاندا پىدائىيلار روھىغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە مەھەللە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا ئىگە قىلىش ئۈستىدە قايتا ئويلاندۇردى.

مەن پېنسىيەگە چىققان بىر ئاددىي خىزمەتچى، خۇش پېئىل، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، قوشنىلار مېنى «ئىللىق موما» دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ بىرنەچچە يىلدا، گەرچە يۇقۇمغا دۇچ كەلگەن بولساقمۇ، لېكىن مەندەك بىر موماي 400 سائەتتىن ئارتۇق پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللاندىم.

بۇ بىرنەچچە كۈندە، مەھەللىدىكى بەزى ياشانغانلارنىڭ سىرتقا چىقىشى قولايسىز بولغاچقا، مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ چېچىنى ياساپ قويدۇم. يەنە بىر مۇھىم ئىش شۇكى، ئۇلارغا ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، كۆپچىلىككە بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدىم.

ئەڭ خۇشاللىنارلىقى شۇكى، بارغانسېرى كۆپ ياش پىدائىي قوشۇنىمىزغا قوشۇلدى. ئاتا - بالا ئەسكەر، ئەر - خوتۇن ھەمراھلار، ھەتتا پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلغانلار بار. 1989 - يىلى مەملىكەت بويىچە تۇنجى مەھەللە مۇلازىمىتى پىدائىيلار جەمئىيىتى كوچا باشقارمىمىزدا قۇرۇلغان ئاشۇ چاغدىكى «كۆمۈر يەتكۈزۈش» «كۆكتات يەتكۈزۈش» «ئوچاق سايمانلىرىنى يەتكۈزۈش»تىن ھازىرقى «خۇشاللىق يەتكۈزۈش» «ماركا يەتكۈزۈش» «مۇلازىمەت يەتكۈزۈش»كىچە بولغان بۇ جەرياندا دەۋرنىڭ تەرەققىياتى نامايان قىلىندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)