«ياشلىق ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە تەرىمىز ئارقىلىق تىرىشىپ بىر تېخىمۇ گۈزەل جۇڭگو يارىتىمىز!»

日期:2022年05月12日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، خۇاڭ يۆ

بۇ، بىر قېتىملىق 100 يىلدىن ھالقىپ ئۆتكەن مەدھىيە، بۇ، بىر قېتىملىق ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان كاتتا مەرىكە.

5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىنىڭ 2 - قەۋىتىدىكى زىياپەت زالىدا كەيپىيات قىزغىن بولۇپ، ياشلىق باھار ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيگەن ئاز سانلىق مىللەت ياشلار، ئالتۇن مېدال تاقىغان ياش نەمۇنىچىلار، رەتلىك، پاكىز خىزمەت فورمىسى كىيگەن ياش ئىش ئورنى ماھىرلىرى... ياشلار ۋەكىللىرى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن زالغا كىرىپ، بۇ يەردە داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

«ياش دوستلار جەم بولايلى» «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» «شەرەپلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى»... تونۇش مېلودىيە ياڭرىشى بىلەن، كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ كۆتۈرۈلدى، ياش دوستلار ئۆزئارا ئەھۋال سورىدى، قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ياشلار ھەرىكىتى تارىخى ئارخىپخانىسىنىڭ ئارخىپخانا باشلىقى خۇ شيەنجۇڭ يېقىندا يازغان «جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى» نەشر قىلىندى، مۇشۇ پەيتتە ئۇ ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى باسالمىغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتى ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنى ياشلىق باھارىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈشكە تەشكىللىدى، سەپەرۋەر قىلدى، 100 يىللىق تارىخنى خاتىرىلەشكە ئەرزىيدۇ، 100 يىللىق تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشكە ئەرزىيدۇ».

سائەت 10لاردا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىن مەيدانىغا كىردى. نەق مەيداندىكى كىشىلەر كېلىشىۋالغاندەكلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا پۈتۈن مەيداندىكىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى.

جۇشقۇنلۇق ئۇرغۇپ تۇرغان ياش سىيمالار ئالدىدا، غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان يۈز مىليونلىغان جۇڭگو ياشلىرىغا باش شۇجى شى جىنپىڭ قىزغىن كەيپىياتتا سۆز قىلدى.

40 مىنۇتتىن ئارتۇق قىلىنغان مۇھىم سۆزگە ئون نەچچە قېتىم قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىلدى.

يېڭى دەۋر ياشلىرى چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋە قىلغان ھالدا قوش قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاددىي ھەم ئەڭ سەمىمىي ئۇسۇلى ئارقىلىق، باش شۇجىغا قىزغىن جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تارىخقا بولغان چوڭقۇر مەدھىيەسىنى، كەلگۈسى جۇڭگوغا بولغان قەتئىي ئېتىقادىنى ئىپادىلىدى.

ئالقىش ساداسى قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 100 يىللىق مۇساپىگە بېغىشلاندى −

100 يىل ئىلگىرى، 4 - ماي ھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن مىللەتنىڭ ئويغىنىشىغا ئەگىشىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان ئىنقىلاب دولقۇنىدا دۇنياغا كېلىپ، جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى ئاچتى.

100 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلار ئۆزلىرىنىڭ قەيسەر جاسارىتى، كەسكىن ھەرىكىتى ئارقىلىق دەۋرنىڭ ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ھېس قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئۇلۇغ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى ئارقىلىق ئەڭ ھەيۋەتلىك ياشلىق ناخشىسىنى پۈتۈپ چىقتى.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى باشتىن - ئاخىر پارتىيە بىلەن بىر نىيەتتە بولۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ كۈرەش قىلىپ، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى ساداقىتىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا پۈتۈپ، ياشلىق باھارىنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىگە بېغىشلاپ، شان - شەرەپنى تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدىكى تارىخىي سەھىپىگە نەقىشلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇردى ۋە يېتەكلىدى».

يېڭى دەۋردىكى ئون يىلدا، ھەيۋەتلىك باھار شامىلى جۇڭگو زېمىنىنى سىيپاپ ئۆتتى، ياشلىق ناخشىسى جۇڭگو زېمىنىدا ياڭرىدى.

«ھەر يىلى 4 - ماينىڭ ئالدى - كەينىدىكى بۇ ۋاقىتنى مەن ياشلارغا قالدۇردۇم» − بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئۈچۈن بېكىتكەن بىر پىرىنسىپ ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 20 نەچچە قېتىم داشۆلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، نەچچە ئون قېتىم ياش ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى... مەۋقەنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىزباسارلار بار بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتى مەڭگۈ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىگە قويۇپ، ياشلارنى دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشقا يېتەكلىدى.

ئالقىش ساداسى كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش قىياپىتىنى نامايان قىلدى −

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: 100 يىللىق مۇساپە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسىنى، غايە - ئېتىقادنى چىڭ ساقلاشتىن ئىبارەت سىياسىي روھىنى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىشتىن ئىبارەت جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى، كەڭ ياشلار ئارىسىدا يىلتىز تارتىشتىن ئىبارەت ھاياتىي كۈچ مەنبەسىنى ياراتتى.

بۇ تۆت قىممەتلىك تەجرىبە «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىدىكى مۇھىم قوللانما».

بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن چىن ۋېنيۈەن شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلار كۈچ ئۇلاپ مائارىپقا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى. 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇ تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ تېلېۋىزوردىن بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆردى.

«باش شۇجى 100 يىللىق تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، ياشلارنى باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقاد بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئاساسىي قاتلامدىكى مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن چوقۇم بالىلارغا جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئۇلارنى توغرا بولغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، غايە چىرىغىنى ياندۇرۇشقا، ئېتىقاد نۇرىنى چاقنىتىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى چىن ۋېنيۈەن.

ئالقىش ساداسى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار دېگەن جاراڭلىق قەسەمنى ياڭراتتى −

باش شۇجى شى جىنپىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇش، ئاڭلىق ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، كەڭ ياشلارغا رىشتە باغلاش، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىن ئىبارەت تۆت نۇقتىلىق ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئىدىيەدە ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان سىياسىي مەكتەپ، جۇڭگو ياشلىرىنى مەڭگۈ كۈرەش قىلىشقا تەشكىللەيدىغان ئاۋانگارت كۈچ، پارتىيەنىڭ ياشلار بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم كۆۋرۈكلۈك ۋاسىتە، پارتىيەگە يېقىندىن ئەگىشىپ دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ئىلغار تەشكىلات بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

بىر يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى، پىيونېرلار ۋەكىللىرى جاراڭلىق ئاۋازدا «پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» دېگەن ياشلىق قەسىمىنى بەرگەنىدى.

مۇشۇ پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياش بىر ئەۋلادقا يۈزلىنىپ مۇنداق چاقىرىق قىلدى: «ياشلىق باھارىڭلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقى ئارقىلىق مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ياشلىق ئەقىل - پاراسىتىڭلار ۋە تەرىڭلار ئارقىلىق تىرىشىپ بىر تېخىمۇ گۈزەل جۇڭگو يارىتىڭلار!»

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پۈتۈن مەيداندا ئارقا - ئارقىدىن قىزغىن ئالقىش سادالىرىنى قوزغىدى.

بۇ ئالقىش سادالىرى 100 يىلنى ھالقىپ ئۆتكەن ياشلىق مېلودىيەسىنى مۇجەسسەملەپ، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دەۋرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، زالنى لەرزىگە كەلتۈردى.

بۇ ئالقىش سادالىرى ياشلىق باھارىغا يۈز كېلەلەيدىغان جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ، قەسەم بېرىپ، زەپەر مارشىنى جاراڭلىتىپ، ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

سۆز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ، چاۋاك چېلىپ نەق مەيداندىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى، چوڭقۇر ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.

سەمىمىي ئۈمىد كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ −

«دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، باش شۇجى بىزنىڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىمىز بىلەن كۆرۈشتى. بۈگۈن، يەنە باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى ئىلھاملاندىم.» بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن، گىمناستىكا تۈرىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونى «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» ليۇ ياڭ قىزىل، ئاق رەڭ ماسلاشتۇرۇلغان دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات ئېلىش كىيىمىنى كىيگەنىدى.

«جۇڭگو ياشلىرى، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ يېپىنچاقلىۋالغىنى دۆلەت بايرىقى، ۋەكىللىك قىلىدىغىنى دۆلەت. مەن ئۆز نىشانىمنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئىككى يىلدىن كېيىنكى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تەييارلىق قىلىپ، داۋاملىق دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرىمەن» دېدى ليۇ ياڭ.

100 يىللىق تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك −

يۇقۇم چوڭ سىنىقى ئالدىدا، بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى ياشلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋۇ نەن ياش پىدائىيلارنى باشلاپ، بارلىق ئاساسىي كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، فاڭساڭدا خېسۇەن تەكشۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئاتلىنىپ، قوبۇل قىلغان 7000 قېتىمدىن ئارتۇق تېلېفوندىن ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى بايقاپ، داۋالاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھالىتى بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە كۈچ قوشتى.

باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، يېقىندىلا 4 - ماي مېدالىغا ئېرىشكەن ۋۇ نەننىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىي تەجرىبىلىرىگە بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى: «ياش پىدائىيلارنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا نامايان قىلغان قىزغىنلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى يەنە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلانغانلىقى، كەڭ ياشلار ئارىسىدا يىلتىز تارتقانلىقىنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى تەرەققىياتى، يېڭى نامايەندىسى بولۇپ، ئۇلار مۇھىم ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بىر ئەۋلادتۇر».

    چەكسىز چوڭقۇر مۇھەببەت مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ −

2013 - يىلى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى تۇنجى 4 - ماي ياشلار بايرىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھ شىركىتىنىڭ جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتىغا كېلىپ باش تېمىلىق ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ دەۋر باش تېمىسى − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر، ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەينى يىلى 33 ياشقا كىرگەن ياش ئالەم قاتنىشى خادىمى ۋاڭ چۇاڭ «تيەنۋېن 1 - نومۇر»نى دەلىللەش خىزمىتىگە يېڭىلا قاتناشقانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، «تيەنۋېن 1 - نومۇر» مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى ھەم كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، ۋاڭ چۇاڭ تۇرۇشلۇق كوللېكتىپمۇ شەرەپ بىلەن 4 - ماي مېدالىغا ئېرىشتى.

«بۇ يىل 4 - ماي ھارپىسىدا، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇش ياشلار كوللېكتىپى باش شۇجىغا خەت يېزىپ، گۇرۇھتىكى 80 مىڭ ياشقا ۋاكالىتەن توققۇز يىلدىن بۇيانقى باتۇرلۇق بىلەن مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. باش شۇجى جاۋاب خېتىدە توققۇز يىل ئىلگىرىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ، بىزنى ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىغا ئىنتىلىش مۇساپىسىدە ياشلىق باھارىمىزنىڭ شانلىق نۇرلىرىنى چاقنىتىشىمىزغا رىغبەتلەندۈردى».

نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ۋاڭ چۇاڭ ئىنتايىن ھاياجانلاندى: «باش شۇجى، خاتىرجەم بولۇڭ! بىز ياش بىر ئەۋلاد چوقۇم مۇھىم ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجاد قىلىپ، ياشلىق ئارزۇسىنى پۈتۈش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ياشلىق كۈچىمىزنى قوشىمىز».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)