​2021 - يىللىق «ئاساسىي قاتلامدىكى ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر»نىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئېلان قىلدى

日期:2022年05月12日
来源:新疆日报网
【字体:

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى

​2021 - يىللىق «ئاساسىي قاتلامدىكى ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر»نىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپى ۋە جاپالىق، چەت، يىراق رايونلارغا بېرىپ تۆھپە قوشۇپ، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىرلىكتە 20 نەپەر 2021 - يىللىق «ئاساسىي قاتلامدىكى ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر»نىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئېلان قىلدى.

ۋاڭ خەيياڭ، شى شياۋگاڭ، ليۇ پەنفېي، ياڭ شياۋشۇەي، ۋۇ شۇشياڭ، شېن فۇچيۇڭ، جاڭ كې، چېن ۋېي، لىن ۋېنجيې، خې چيەنرۇ، جاۋ جيەن، چىن چيەن، يۈەن خۇي، گاۋ چېڭلۇڭ، گو خۇيخۇي، گۇڭ يۈبېن، سۈي جيۇشيۇ، يۇڭ چاۋبىن، دەي بېيبېي، ۋېي جىڭ قاتارلىق 20 نەپەر «ئاساسىي قاتلامدىكى ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر» يېڭى دەۋردىكى ئاساسىي قاتلامدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىگەن، بەزىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىغان، بەزىلىرى ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنت مائارىپىغا بارلىقىنى بېغىشلىغان، بەزىلىرى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، تېخنىكا قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلغان، يەنە بەزىلىرى ئەدلىيە ياردىمى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش - يۆلەش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، ئاممىنىڭ ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئۆزىنى كوللېكتىپقا سىڭدۈرۈپ، ياشلىق باھارىنى ۋەتەنگە بېغىشلاش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئىزاھلاپ، «ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىش»تىكى مۇنەۋۋەر ئۈلگىگە ئايلانغان.

ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا «ياشلىق گۈللىرىنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرايلى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 20 نەپەر «ئاساسىي قاتلامدىكى ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر» «ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلاردىن قورقماي، دەۋر بۇرچىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش» تەلىپىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدا تۆھپە قوشۇش، ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، سەمىمىي بولۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتەك تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى بايان قىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئۇلارغا «ئاساسىي قاتلامدىكى ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر» گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بەردى.