مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ «ئومۇمىي خەلق ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتتە» تېمىسىدىكى مەركەزلىك تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتىنى باشلىدى

日期:2022年05月12日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «تېلېگراف - تور ئالدامچىلىقى قانۇنغا خىلاپ جىنايىتىگە زەربە بېرىش - تۈزەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بىرلىشىپ «ئومۇمىي خەلق ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتتە» تېمىسىدىكى مەركەزلىك تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتىنى باشلاپ، تەشۋىق - تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ كۈچىنى قوزغىتىپ، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇمىي خەلق ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش، پۈتۈن جەمئىيەت ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى ياراتتى.

پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە تېلېگراف - تور ئالدامچىلىقى قانۇنغا خىلاپ جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈرۈشلۈك تەشۋىق - تەربىيەسىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاسان ئالدىنىپ قالىدىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئالدامچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، يېزىلارغا كىرگۈزۈش، ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ھەر تەرەپلىمە، كەڭ دائىرىدە قاپلىغان ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش تەشۋىق - تەربىيە سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ. ئاساسلىق ئاخبارات تاراتقۇلىرى ۋە يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇشقا ئائىت خەۋەرلەرنى سىجىل ئېلان قىلىپ، دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدامچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئالدامچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭى ۋە ئالدامچىلىقنى تونۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىدۇ. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق ئالاقىدار ساھەدىكى مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، تېلېگراف كەسپى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ كەسىپكارلىرى ھەم مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىغا قارىتا ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرىدۇ؛ مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ «ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە مەكتەپ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى قۇرۇشنى كېڭەيتىپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنى قۇرۇپ، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش بىلىملىرىنى دەرسلىك ماتېرىياللىرىغا كىرگۈزۈش، دەرسخانىلارغا كىرگۈزۈش ھەم ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش بىلىملىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى قاتارلىق تەربىيە - تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ؛ مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ «ياشانغانلار ئالدامچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ياشانغانلار ئالدامچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش قوللانمىسى»نى تۈزۈپ، مەملىكەتلىك ياشانغانلار ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش بىلىملىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، تەشۋىق - تەربىيە دولقۇنىنى سىجىل قوزغايدۇ.