ياشلىق باھارى ئارقىلىق ئۇلۇغ دەۋرگە تۆھپە قوشۇش

日期:2022年05月11日
来源:新疆日报网
【字体:

− جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ چى، خۇاڭ يۆ، سۈن شاۋلۇڭ، جوۋ چياڭ

بىز ماي ئېيىدىكى گۈل غۇنچىلار، ياشلىق باھارىمىز بىلەن دەۋرگە قۇچاق ئاچىمىز.

بىز ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياش، ھاياتىمىز بىلەن كەلگۈسىنى نۇرلاندۇرىمىز.

«ياشلار پۈتكۈل جەمئىيەت كۈچلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ ئاكتىپ، ھاياتىي كۈچى ئەڭ ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچ». يىراق كەلگۈسىنى ئويلايدىغان بىر مىللەت ھەر ۋاقىت دىققەت نەزەرىنى ياشلارغا قارىتىدۇ؛ يىراق كەلگۈسىنى ئويلايدىغان بىر سىياسىي پارتىيە ھەر ۋاقىت تەشكىلاتنىڭ ئاساسىنى ياشلار ئارىسىدا يىلتىز تارتقۇزىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا، باشتىن ـ ئاخىر ياشلار خىزمىتىنى پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىق شان ـ شەرىپىنى ياراتتى.

يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ياشلىرىنى مەڭگۈ بوشىشىپ قالمايدىغان روھىي ھالەت، مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان ئالغا ئىلگىرىلەش قىياپىتى بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇردى، يېتەكلىدى.

ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان بۇ ماي ئېيىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى 100 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى. 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتى ئۈچۈن يېڭى بىر كەلگۈسىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ.

ياشلىق باھارىمىز ئارقىلىق، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان جۇڭگو قۇرىمىز. ئىلگىرىلەش يولىمىزغا نەزەر سالساق، ئىپتىخارلىق تۇيغۇمىز تولۇپ تاشىدۇ!

«پارتىيە بايرىقى قايسى تەرەپنى كۆرسەتسە، ئىتتىپاق بايرىقى شۇ تەرەپكە يۈزلەندى»

ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدىكى گۇاڭجوۋدا دەل ـ دەرەخلەر بۈك ـ باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى.

جۇجياڭ دەرياسى بويىدىكى ئاق قىزىل رەڭ گىرەلىشىپ كەتكەن بىر داچا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلاتتى. يېقىنلا جايدا، بىر ئاددىي ھەم نەپس راۋاقلىق دەرۋازا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئۈستىگە «دۇڭيۈەن» دېگەن ئىككى چوڭ خەت ئويۇلغانىدى.

ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتتى، يىللار ئىزنالىرىنى قالدۇردى. 100 يىل ئىلگىرىكى 5 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، ئوت يۈرەك ياشلار مەيىن دەريا شامىلىدا، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، بۇ يەرگە جەم بولۇپ، «پىرولېتارىياتنى تولۇق ئازاد قىلىش» غايىسى ئۈچۈن، جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 1 ـ قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى دۇنياغا كەلدى!

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى تارىخىي مۇقەررەرلىككە ئىگە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېقىنقى زاماندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ياشلىرىنىڭ بوشاشماي ئىنتىلىدىغان گۈزەل ئارزۇسى جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش تارىخىي مۇساپىسى بىلەن باشتىن ـ ئاخىر زىچ باغلاندى».

1840 ـ يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو تەدرىجىي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلىنىپ قالدى، دۆلەت ئار ـ نومۇستا قالدى، خەلق ئازاب ـ ئوقۇبەتكە دۇچار بولدى، مەدەنىيلىككە چاڭ ـ توزان قوندى. ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك تارىخىي پەيتتە، جۇڭگو ياشلىرى خۇددى يېڭى كۆتۈرۈلگەن تاڭ سەھەردىكى قۇياشتەك كۆتۈرۈلۈپ چىقتى. 4 ـ ماي ھەرىكىتى گۈلدۈرمامىدەك جۇڭخۇا مىللىتىنى ئۇيقۇدىن ئويغاتتى.

1921 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياش بولغان بىر توپ ياش قاراڭغۇلۇقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىنقىلاب ئوتىنى تۇتاشتۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، «ئىش باشلىنىشىدا ئاسان بولۇش، ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا ئىنتايىن تەسلىشىپ كېتىش»تەك مۇساپىنى باشلىدى.

ياشلار قايناق ھېسسىياتقا ئىگە، غايىگە ئىگە، تەشكىللەنسە تېخىمۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇش جەريانىدا، ياشلارنى تەشكىللەش ۋە كادىرلارنى تەربىيەلەشنى پارتىيە قۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىپ، ياشلارنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنى نۇرغۇن جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە قاتناشتۇردى، بۇ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالدى» دېدى شاڭخەي داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى لى جيەن.

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىللەردىكى مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ ئىرادىسىدىن قايتمىدى −

يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى كۈرەشكە پائال ئاتلىنىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىسسىق قان تۆكۈشكە ئىتتىپاقلاشتۇردى، يېتەكلىدى؛

سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، قىيىنچىلىققا يۈرۈش قىلىپ، قاقاسلىققا يۈرۈش قىلىپ، ۋەتەننى قوغداپ، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈپ، يېڭى جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىدا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئەمگەك قىلىپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇردى، يېتەكلىدى؛

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدە، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى ئىتتىپاقلىشىپ جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈشنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىپ، ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا ئىتتىپاقلاشتۇردى، يېتەكلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ شانلىق مۇساپىسىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى <پارتىيە چاقىرغان ھامان، ياشلار ئىتتىپاقى ھەرىكەتكە كېلىش>تەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ياشلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىپ، ياشلارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە پائال تۆھپە قوشۇپ، مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى».

دەۋر ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، بۇرچقا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىندى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىزباسار بولۇش، قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ رەڭگى مەڭگۈ ئۆزگەرمەسلىكنى كۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەر خىزمىتى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ دەۋر باش تېمىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ پارتىيە تارىخىدىكى 1 ـ قېتىملىق مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى ياشلار تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى چىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلدى، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى مەخسۇس ياشلار توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى؛ «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى» «مەركىزىي كومىتېت ئىتتىپاق مەكتىپىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى... ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق، ياشلار خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

پارتىيە چاقىرغان ھامان ياشلار ئىتتىپاقى ھەرىكەتكە كەلدى.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىلغار ياشلار تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىپ كېتىدىغان ئىدىيەۋى سەگەكلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈكسەك ئاڭلىقلىقتا چىڭ تۇرىدىغان ھەرىكەت قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، «ئورگانلىشىپ كېتىش، مەمۇرىيلىشىپ كېتىش، ئاقسۆڭەكلىشىپ كېتىش، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدە بولۇپ كېتىش»نى تۈگىتىپ، دىققەتنى «سىياسىيلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىق»قا مەركەزلەشتۈردى.

ئىتتىپاق ئورگانلىرىنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولدى − ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلدى، مەخسۇس ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىش، ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىش، قوشۇمچە ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە كادىرلار تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

ئىتتىپاق كادىرلىرىنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولدى − ئۇلار مەردانە قەدەم تاشلاپ، ياشلار ئارىسىغا بېرىپ، ياشلارنىڭ «ئەمەلدارى» بولماستىن، ياشلارنىڭ «دوستى» بولۇشقا تىرىشتى.

ئىتتىپاق ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولدى − ئىتتىپاققا كىرىش تېخىمۇ «قىيىن»لاشتى، سىياسىي ئۆلچەم تەكىتلىنىپ، ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى.

ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولدى − ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئۈنۈملۈك قاپلىشى ۋە تەشكىلىي ھاياتىي كۈچى سىجىل ئاشۇرۇلۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى يېتەكچى قىلغان ياشلار تەشكىلاتى سىستېمىسىنىڭ سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، ئاممىغا يېقىن بولغان ياخشى ئوبرازى نامايان قىلىندى.

«سەن بولغاچقا، مەڭگۈ تېخىمۇ ياخشى ئۆزۈم بولالايمەن» − ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋىيبوسىدىكى تەشۋىقات ئېلانىدىن 73 مىليوندىن ئارتۇق ئىتتىپاق ئەزاسى بار يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مانا مۇشۇنداق يېقىملىقلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

«ئەجدادلىرىم ۋەتەنگە، خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن، ھەر يەرلەردە كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغانىدى، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان گۈزەل تۇرمۇش جۇڭگو زېمىنىدا ئىشقا ئاشتى.» كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان يۈ شيۇسۇڭنىڭ ئەۋلادى يۈ مىن مۇنداق دېدى: «ئەجدادلار بۈگۈنكى كۈندە ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورايغانلىقىنى كۆرسە، تېخىمۇ كۆپ ئىرادىلىك ياشنىڭ ياشلار ئىتتىپاقى قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، پارتىيە ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشقانلىقىنى كۆرسە، چوقۇم سۆيۈنىدۇ».

«ئىتتىپاق خىزمىتىدە كەڭ ياشلارنىڭ تومۇرىنى چىڭ ئىگىلەش كېرەك»

2018 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي.

جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 18 ـ قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلىشىپ، ئىتتىپاق خىزمىتىگە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ۋە سەمىمىي ئۈمىدلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى ياشلار خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولدى.

− كەڭ ياشلارنىڭ تومۇرىنى چىڭ ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر ياشلار خىزمىتى ئېتىقاد بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈردى، ئىدىيەنى يېتەكلەش رولى تېخىمۇ روشەنلەشتى.

بۇ يىل 4 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، 2022 ـ يىللىق 9 ـ قارارلىق «ياشلار كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش» تور باش تېمىلىق ئىتتىپاق دەرسى ئۆز قەرەلىدە تورغا چىقىرىلدى، داشۆ ئوقۇغۇچىسى خې شىنرەن لى داجاۋنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ باشلامچىلىق بىلەن ئۆگەندى.

«يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان تارىخىي مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، بىز مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىغا ئىنتىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى ئېنىق كۆرەلەيمىز، قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىن ئىبارەت روھنى ئېنىق كۆرەلەيمىز، قۇربان بولۇشتىن قورقماسلىق، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت پەزىلەتنى ئېنىق كۆرەلەيمىز...»

ياشلارنىڭ تىلى ئارقىلىق نەزەرىيە سۆزلەندى، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق ياشلار جەلپ قىلىندى، «ياشلار كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش»تىكى «يېڭى ئىدىيە ئۆگىنىش، تىرىشىپ يېڭى ياشلاردىن بولۇش»تىن ئىبارەت سەمىمىي شوئار كەڭ ياشلارنىڭ قەلبىگە غايە ئۇرۇقى چاچتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى غايە ـ ئېتىقاد بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە».

«ياشلار كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش»، «قىزىل گالىستۇكلۇقلار ئۆگىنىشنى سۆيۈش»، ياش لېكتورلار ئۆمىكى، ياش ماركسىزمچىلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، «20 ـ قۇرۇلتاينى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» باش تېما تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتى... ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ئىدىيەۋى ـ سىياسىي جەھەتتىكى يېتەكلەشنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەڭ ياشلارنى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاشقا يېتەكلىدى.

− كەڭ ياشلارنىڭ تومۇرىنى چىڭ ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر ياشلار خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتا تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولدى.

2020 ـ يىلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى بىرىنچى ۋاقىتتا 12 مىليون 600 مىڭ يۈەن ئالاھىدە ئىتتىپاق بەدەل پۇلى ئاجرىتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى مەخسۇس قوللىدى. ھەرقايسى جايلاردىكى ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى بەس ـ بەستە ئاۋاز قوشۇپ، ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 1 مىليون 650 مىڭ ئىتتىپاق ئەزاسى ۋە ياشنى ياش زەربىدارلار ئەترىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، 1 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق ئىتتىپاق ئەزاسى ۋە ياش تىزىملىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش پىدائىيسى بولدى.

خۇبېيغا ياردەم بېرىش ـ داۋالاش ئەترىتىدىكى 28 مىڭ 600 سېسترا ئىچىدە، «80 ـ يىللاردا تۇغۇلغانلار» «90 ـ يىللاردا تۇغۇلغانلار» %90نى ئىگىلىدى. ۋۇخەندىكى خوشېنشەن، لېيشېنشەن دوختۇرخانىلىرى قۇرۇلۇشى ئىش مەيدانىدا، ئومۇمىي ساننىڭ %60ىنى ئىگىلەيدىغان ياش قۇرۇلۇشچىلار 13 تارماق ياش زەربىدارلار ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، پولاتتەك ئىرادە ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جاسارىتىگە تايىنىپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان قۇرۇلۇش مۆجىزىسىنى ياراتتى.

«يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا قاتناشقان تېببىي خادىملارنىڭ يېرىمىغا يېقىنى <90 ـ يىللاردا تۇغۇلغانلار>، <2000 ـ يىللاردا تۇغۇلغانلار> بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر جۈملە سۆزى جۇڭگونى تەسىرلەندۈردى: 2003 ـ يىلى سارس يۈزبەرگەندە سىلەر بىزنى قوغدىدىڭلار، بۈگۈن سىلەرنى قوغداش نۆۋىتى بىزگە كەلدى.» مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارنى ئالقىشلىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش؛ نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەش، شىزاڭغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش؛ نامرات ئائىلىلەردىكى 500 مىڭغا يېقىن ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش... «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى يېڭى دەۋردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە ياراتتى.

− كەڭ ياشلارنىڭ تومۇرىنى چىڭ ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر ياشلار خىزمىتى ياشلارنىڭ ئېھتىياجى، ئارزۇسى، تەقەززاسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ياشلارغا ئەمەلىي ياردەم بەردى، مۇلازىمەت قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى تىرىشىپ كەڭ ياشلارنىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان سىردىشى بولۇپ، ياشلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ياشلارنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ياشلارنىڭ ھال ـ ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت بايلىقىنى قوزغىتىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ياشلارنى غەم ـ ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنى كەڭ ياشلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئېسىگە ئالىدىغان، تاپالايدىغان، تايىنىشقا بولىدىغان كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك».

ئوقۇشنى تاماملاپ خىزمەت ئىزدەش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، جەمئىيەتكە سىڭىشىش، مۇھەببەتلىشىش، ئۆيلىنىش، دوست تۇتۇش، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش... يېڭى دەۋردە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى دىققەتنى ياشلارنىڭ غەم قىلىدىغان ئىشلىرى، باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ياشلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ياشلارغا يەتكۈزدى.

− كەڭ ياشلارنىڭ تومۇرىنى چىڭ ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر ياشلار خىزمىتى زامانىمىز ياشلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇنلىشىپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتتى.

«جۇڭگونىڭ ئازراق يېرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ!»

2018 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ بىر ئاخشىمى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ئورگان ۋىيبوسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ۋىيبو «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ئۇنسۇرلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك سەپسەتىسىگە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىپ، كەڭ ياشلارنىڭ قويۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى شۇ ھامان ئۇرغۇتتى.

بۈگۈنكى ياشلار ئالاقە تورىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر ئەۋلاد، شۇنداقلا ئالاقە تورىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتكەن بىر ئەۋلاد.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «نۇرغۇن ياش توردا ئۇچۇر قوبۇل قىلىدۇ. تور كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش، تور باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، توردا ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىشلىشى كېرەك، لېكىن ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىمۇ بۇ جەھەتتە رولىنى تېخىمۇ كۆپ جارى قىلدۇرسا بولىدۇ».

باتۇر، ھەققانىي ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى، ئىللىقلىققا تولغان، ئاكتىپ ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى، چوڭقۇر ئەقىل ـ پاراسەتكە ئىگە ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى، جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ئوخشاش بولمىغان ھالەت، ئوخشاش بولمىغان قىياپەتتە رولىنى جارى قىلدۇردى، توردىكى ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، قىزغىن، مەسئۇلىيەتچان، ئوچۇق، يارقىن ئوبرازى بىلەن ياشلارنىڭ چىن كۆڭلىدىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى زېڭ جىنخۇا مۇنداق قارىدى: ياشلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش مۇقەررەر ھالدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىدىن تۈزۈلمە ـ مېخانىزم بىلەن تەشكىلىي ھالەت قاتارلىق جەھەتلەردە تەڭشەپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، تور جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئېكولوگىيەلەشتۈرۈلگەن، سۇپا خاراكتېرلىك ھالەتنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ تەشكىلىي ئاساسنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئالاقە تورىنى قانات قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كەڭ زېمىن ھازىرلىدى، قىزىل ئوبرازى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

«كەڭ ياشلارنى دادىللىق بىلەن ئارزۇنى قەلبكە پۈكۈش، باتۇرلۇق بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك»

«پارتىيە، خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار!»

2021 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، تيەنئەنمېن مەيدانىدا بېرىلگەن ياشلىق قەسىمى جۇڭگو زېمىنىدا ياڭراپ، يۈز مىليونلىغان ياشنىڭ قەلبىدە مەۋج ئۇردى.

تارىخنىڭ زامان ـ ماكان بوشلۇقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، 100 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ غەيرەت ـ شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرماقتا، يېڭى دەۋر ياشلىرى ياخشى پۇرسەتكە توغرا كەلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شان ـ شەرىپى ۋە ئارزۇسى بۇ يەردە گىرەلىشىپ داۋاملاشماقتا.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، دۆلىتىمىزدىكى ياش بىر ئەۋلاد جەزمەن ئىستىقباللىق بولىدۇ، شۇنداقلا جەزمەن چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ».

قاراڭ، ياشلار ۋەتىنىمىز زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتىنى پۈتمەكتە −

ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدا، خاربىن قۇرۇلۇش داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى چېن ھەر كۈنى تەجرىبىخانا ۋە ياتاق ئارىلىقىدا قاتراپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈش لايىھەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكىلىگە كۈچىمەكتە. يېقىندا، ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تاماملىغان «يېڭى بىر ئەۋلاد كاربونسىز سوۋۇتۇش قۇرۇلمىسى» تۈرى 17 ـ نۆۋەتلىك «رىقابەت لوڭقىسى» مەملىكەتلىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى ئىلمىي پەن ـ تېخنىكا ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

لىڭنەندىكى ياڭچېڭدا، جۇڭگو كېمە سانائىتى خۇاڭپۇ ۋېنچۇڭ كېمە ـ پاراخوت چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا، «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى»، كەپشەرلەش تېخنىكى زېڭ شيەنخەن تەرگە چۆمۈلگەن ھالدا ئىشلەۋاتاتتى. يوچۇق، ئاراچلارنى ھىم تۇتاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بەزى مۇھىم زاپچاسلارنى كەپشەرلەشتە ئۇدا بىرنەچچە سائەت ئىشلەش دائىملىق ئىش ئىدى.

شەندۇڭ تۇپرىقىدا، «شەندۇڭ ياشلار 4 ـ ماي مېدالى»غا ئېرىشكۈچى، جۈەنچېڭ ناھىيەسى يەنشى بازىرى ياڭجۇاڭ كەنتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى لى بىن پات ـ پات ئېتىزلىققا بېرىپ بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن «بۇلۇت دېھقانچىلىق مەيدانى»نى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

تاغلىق شەھەر چۇڭچىڭدا، «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كادىرى»، جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى 3 ـ ئىدارىسى چۇڭچىڭ شۆبە شىركىتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ تيەنتيەن ئىتتىپاق ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، «ئۈمىد قۇرۇلۇشى . كىتابنى ھەمراھ قىلىپ ئۆسۈپ يېتىلىش» تېمىسىدىكى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىگە نەچچە مىڭ پارچە كىتاب توپلاپ، بالىلارغا مەنىۋى ئوزۇق يەتكۈزۈپ بەردى.

ئادەتتىكى ئىشلار قالتىس قىلىندى، مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرۇلدى.

دەۋرنىڭ باھار شامىلىغا جور بولۇپ، ياشلىقتىكى غايە بىلەن قايناق ھېسسىيات، كۈرەش قىلىش بىلەن ئىجادكارلىق گويا تۈمەن ئارغىماق بەيگىگە چۈشكەندەك ئەركىن ـ ئازادە، بەھۇزۇر جارى قىلدۇرۇلدى.

«ياشلار <ھاياتىي كۈچكە باي كېلىدۇ، قويۇق ئورمانغا يولۇقسا، كېسىپ تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرالايدۇ، باياۋانغا يولۇقسا، دەل ـ دەرەخ تىكەلەيدۇ، قۇملۇققا يولۇقسا، قۇدۇق قېزىپ بۇلاق ھاسىل قىلالايدۇ>». 2019 ـ يىلى 4 ـ ئايدا، 4 ـ ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لۇشۈننىڭ يۇقىرىقى ھېكمەتلىك سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، زامانىمىزدىكى ياشلارنى ئىلھاملاندۇردى.

ياشلار شەخسنىڭ كۈرەش قىلىشىدىكى «كىچىك نىشانى»نى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ «چوڭ ئۇلۇغۋار پىلانى»غا سىڭدۈرۈش مۇساپىسىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياشلارنى يېڭى دەۋر چوڭ دولقۇنىغا ئاتلىنىشقا ئىتتىپاقلاشتۇردى −

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى 2740 نەپەر مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئىتتىپاق كادىرىنى بىرىنچى سەپتە باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە كۈچ قوشتى؛

يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا، «ئىككىگە كۈچ قوشۇش، ئىككىگە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش»، ياشلار يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى يېتىلدۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار قانات يايدۇرۇلدى؛

يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سەھنىسىدە، «رىقابەت لوڭقىسى» «ياشلىق دەۋرنى يارىتىش» جۇلالاندۇرۇلۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يۇقىرىغا ئۆرلەش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزا ـ كەنتلەردە ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش پىلانى، جۇڭگو ياشلار، ئۆسمۈرلەر پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپات فوندى قاتارلىق خىزمەتلەر ئالغا سىلجىتىلدى؛

خىزمەت ئىش ئورنىدا، «مەدەنىي ياشلار كوللېكتىپى»، ياشلار ئىش ئورنى ماھىرى، ياشلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئىش ئورنى، ياش زەربىدارلار ئەترىتى، «گۈللەندۈرۈش لوڭقىسى» مەملىكەتلىك ياشلار كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى قاتارلىقلار ئالغا سىلجىتىلدى؛

...

«ياشلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ كەلگۈسى».

تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى دۇنيانى كۆڭلىگە پۈكۈپ، كەلگۈسىگە نەزەر سالدى.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ياشلار دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى پائال ئاچتى، دۇنيادىكى ياش تالانتلىقلار «جۇڭگوغا يېقىنلىشىش»، جۇڭگودىكى چەت ئەللىك ياشلارنىڭ «جۇڭگونى بىلىش، چۈشىنىش ھەرىكىتى»، «جۇڭگو ئاۋازىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش» بويىچە سىرتقا تارقىتىش، «ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يىپەك يولى» ياشلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو ياش پىدائىيلىرىنىڭ مەملىكەت سىرتى مۇلازىمىتى قاتارلىقلار «دوستلار چەمبىرىكى»نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا ياشلىرىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

كەلگۈسى ياشلارغا مەنسۇپ، ئۈمىد ياشلاردا.

بۇ يىل 4 ـ ماي ياشلار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق داشۆسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەڭ ياشلارغا مۇنداق كۈچلۈك چاقىرىق قىلدى:

«پارتىيەنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئىرادە باغلاپ، ياشلىق باھارىڭلارغا يۈز كېلىپ، دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ياشلىق باھارنىڭ بەيگە يولىدا جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ زامانىمىز ياشلىرىغا مۇناسىپ ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈڭلار!»

ياشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە شەرەپلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار، ئۇ يېڭى دەۋردىكى يول باشلىغۇچىنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئەستە چىڭ ساقلايدۇ −

«ياشلارنى يېتەكلەش ـ ئۇيۇشتۇرۇش، ياشلارنى تەشكىللەش ـ سەپەرۋەر قىلىش، ياشلار بىلەن ئالاقىلىشىش _ ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خىزمەت پىكىر يولىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ياشلارنى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، چاقىرىق قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگو ياشلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش كېرەك».

(قاتناشقان مۇخبىرلار خۇ نايۈن، چىن شىڭشىڭ، ياڭ سىچى، سۈن شياۋخۇي)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)