ياشلىق باھارنىڭ بەيگە يولىدا جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەيلى

日期:2022年05月10日
来源:新疆日报网
【字体:

جۇڭخۇالۈن

«بىز ماي ئېيىدىكى گۈل غۇنچىلار، ياشلىق باھارىمىز بىلەن دەۋرگە قۇچاق ئاچىمىز. بىز ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياش، ھاياتىمىز بىلەن كەلگۈسىنى نۇرلاندۇرىمىز.» ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقان بۇ پەسىلدە، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق.

«پارتىيەنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئىرادە باغلاپ، ياشلىق باھارىڭلارغا يۈز كېلىپ، دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ياشلىق باھارنىڭ بەيگە يولىدا جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ زامانىمىز ياشلىرىغا مۇناسىپ ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈڭلار!» 4 - ماي ياشلار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ ياشلارغا كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياشلىق باھارى كۈچىنى مۇجەسسەملەش توغرىسىدىكى ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

100 يىللىق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى، كۈرەش قىلىپ كەلگۈسىگە ئاتلىنىش. مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار مۇساپىدە، جۇڭگو ياشلىرى مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى پارلاق...

(1)

ئىستىقباللىق بىر مىللەت ھەر ۋاقىت دىققەت نەزەرىنى ياشلارغا قارىتىدۇ؛ يىراق كەلگۈسىنى ئويلايدىغان بىر سىياسىي پارتىيە ھەر ۋاقىت ياشلارنى تارىخىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ دەپ ھېسابلايدۇ.

«دۆلەتتە بىر كۈنمۇ ياشلار بولمىسا بولمايدۇ، ياشلاردا بىر كۈنمۇ ئويغاق ئاڭ بولمىسا بولمايدۇ.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا، باشتىن - ئاخىر ياشلار خىزمىتىنى پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى قىلدى. 100 يىل ئىلگىرىكى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جۇجياڭ دەرياسى بويىدىكى گۇاڭجوۋ دۇڭيۈەندە، ئاددىي بامبۇك لەمپە ئاستىدا، ماركسنىڭ رەسىمى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ئېسىلغان بولۇپ، «ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ياشىسۇن» دېگەن سادالار ئىچىدە «ياشلار ئىتتىپاقى 1 - قۇرۇلتىيى» ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بۇ قېتىمقى «مەردانىلىككە تولغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان» قۇرۇلتاي جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى، جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسى ئېچىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ قىپقىزىل ئىتتىپاق بايرىقىدا، سېرىق رەڭلىك چەمبەر بەش يۇلتۇزنى ئوراپ تۇرغان بولۇپ، كەڭ ياشلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشقانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. 100 يىلنى ئەسلىسەك، جۇڭگو ياشلىرىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش ساداقىتى باشتىن - ئاخىر بىردەك بولدى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، جۇڭگو ياشلىرى قۇربان بېرىشتىن قورقماي، دادىل كۈرەش قىلىپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىسسىق قان تۆكتى؛ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، جۇڭگو ياشلىرى باتۇرلۇق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىدا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئەمگەك قىلىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىدى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدە، جۇڭگو ياشلىرى يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ داغدام قەدەم تاشلاپ دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ باردى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى...

پارتىيە بايرىقى قايسى تەرەپنى كۆرسەتسە، ئىتتىپاق بايرىقى شۇ تەرەپكە يۈزلەندى. 100 يىللىق جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتى تارىخى دەل ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلار پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان تارىخ، دەل پارتىيە باشتىن - ئاخىر كەڭ ياشلارغا ۋەكىللىك قىلغان، كەڭ ياشلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن، كەڭ ياشلارغا تايانغان تارىخ. ياڭراق، جۇشقۇن ياشلىق ناخشىسىغا «قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش»تىن ئىبارەت ئاساسىي مېلودىيە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلدى. قىزىل رەڭ جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئەڭ روشەن خىسلىتى، تېخىمۇ مۇھىمى قان تومۇرىغا چوڭقۇر سىڭگەن گېن.

(2)

باھار يامغۇرى كەبى كىشىگە راھەت بېغىشلاش، باھار شامىلى كەبى يېشىللىقنى ئويغىتىش. يەرلىكتىن مەركەزگىچە، پۈتۈن جەرياندا، شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر ياشلارغا ئەھمىيەت بەردى، ياشلارغا كۆيۈندى، ياشلارنى تەربىيەلىدى، ياشلارنى يېتەكلىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەۋقەنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىزباسارلار بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتى مەڭگۈ تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىگە قويۇپ، پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىنىڭ ئورنى - رولى، نىشان - ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتى - بۇرچى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر، ئېنىق ئىزاھلاپ بەردى، يېڭى دەۋردە قانداق ياشلارنى تەربىيەلەش، ياشلارنى قانداق تەربىيەلەش، قانداق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇش، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى قانداق قۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم تېمىلارغا ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، ياشلارنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىدا ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

«باش شۇجى بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز ۋە كىشىلىك ھايات ئۇستازىمىز»، كەڭ ياشلارنىڭ قەلبىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەم ئۇستاز، ھەم سىرداش دوست ئىدى. ئىرادە توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندە، ئۇ ياشلارنى «چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا ئىرادە تىكلەش»كە رىغبەتلەندۈردى؛ ئۆگىنىش توغرىسىدا توختالغاندا، ياشلاردىن «بۇلۇتسىمان كاۋچۇك سۇ سۈمۈرگەندەك بىلىم ئېلىش» «ھەم كىتابىي بىلىملەرنى كۆپرەك ئۆگىنىش، ھەم ئەمەلىيەت بىلىملىرىنى كۆپرەك ئۆگىنىش»نى تەلەپ قىلدى؛ ئۆسۈپ يېتىلىش توغرىسىدا توختالغاندا، «كىشىلىك ھاياتنىڭ تۈگمىسىنى باشتىلا ياخشى ئېتىش»نى تەكىتلەپ، «چېنىقىش، ئوڭۇشسىزلىق، سىناقلارنى كۆپرەك باشتىن كەچۈرۈش ھايات يولىنى ياخشى بېسىشقا پايدىلىق» دەپ كۆرسەتتى؛ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش توغرىسىدا توختالغاندا، ياشلاردىن «تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىش» «دەۋر بۇرچىنى ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق»نى ئۈمىد قىلدى... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشلارغا سۆزلەپ بەرگەن «قەلب سۆزلىرى»نى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇش خۇددى ياشلارنىڭ «ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتمىسى»نى ئېچىپ كۆرگەنگە ئوخشايدۇ. قەتئىي غايە - ئېتىقاد، چوڭقۇر كىشىلىك ھايات ئەقىل - پاراسىتى، ئوتتەك قىزغىن كۈرەش مەردانىلىكى، كەڭ ياشلارنى دەۋر بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

كەڭ ياشلارنىڭ قەلبىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدىكى يول باشچىسى. باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يېتەكچىلىكىدە، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ياشلار ساھەسىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تۇنجى مەخسۇس يىرىك پىلان − «ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ياشلار تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2016 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» تۈزۈپ ئېلان قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ياشلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپى ۋە ياشلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيەسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تۈپ سىياسەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى؛ ياشلار ئوقۇشنى تاماملاپ خىزمەت ئىزدەش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، جەمئىيەتكە سىڭىشىش، مۇھەببەتلىشىش، ئۆيلىنىش، دوست تۇتۇش، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە قارىتا تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەر سىجىل ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ مەركەزدىن يەرلىككىچە ياشلار خىزمىتى مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، جۇڭگوچە ياشلار تەرەققىيات سىياسەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

كۈرەش قىلغۇچىلار ئۈچۈن يول ياسالدى، ياشلارغا ئىلھام بېرىلدى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ياشلىق كۈچى تېخىمۇ جۇش ئۇردى − «جۇڭگو ئەجدىھاسى روھىغا تىرەك بولۇپ، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە تىرەك بولۇپ، جۇڭگو ئەجدىھاسىنى تېخىمۇ پەرۋاز قىلدۇرۇش كېرەك».

(3)

2022 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، خېبېي ئۆلكىسى فۇپىڭ ناھىيەسىدىن كەلگەن بالىلار گىرېك تىلىدا ئولىمپىك ناخشىسىنى ئېيتتى، سەبىي ھەم گۈزەل ناخشا ساداسى دۇنيانى تەسىرلەندۈردى.

«تەيخۇا گۈللىرى كىچىك بولسىمۇ، مودەنگۈلدەك ئېچىلىشقا ئىنتىلىدۇ.» تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەھنىسىگىچە، ئۆسمۈرلەر ئارزۇ پورەكلەپ ئېچىلغان شانلىق پەيتنى كۈتۈۋالدى. بالىلارنىڭ گۈزەل ئارزۇسىغا دەل ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، باي، قۇدرەتلىك، ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو تىرەك بولدى.

دەۋر ياشلارنى ياراتتى، گۈللەنگەن دەۋر ياشلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2021 - يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 110 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 2 - ئورۇندا مۇقىم تۇردى، 25 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ياش نامراتلىقتىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلدى؛ 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئارىسىدا ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %94.9كە يەتتى؛ 2021 - يىلى، جۇڭگو مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95.4كە يەتتى، ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 44 مىليون 300 مىڭغا يېتىپ، دۇنيادا 1 - ئورۇندا تۇردى... يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە ياشىماقتا، تېخىمۇ ئەۋزەل تەرەققىيات مۇھىتى، تېخىمۇ كەڭ ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئارزۇغا ئىنتىلىشنىڭ تېپىلغۇسىز كىشىلىك ھايات پۇرسىتىگە يۈزلەنمەكتە.

ياشلار دەۋرنىڭ ئەڭ سەزگۈر بارومېتىرى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى جانلىق ۋە چوڭقۇر بولغان «چوڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى»لىرىگە ئوخشاش، كەڭ ياشلارنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا جۇڭگونى چۈشىنىش، كەلگۈسىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر ياشلارنى «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىگە گۇۋاھچى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت مىڭ يىللىق ئارزۇ ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ياشلارغا «بىرىمۇ كەم قالسا بولمايدۇ» دېگەن تەرەققىيات ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى؛ يۇقۇم تارقالغاندىكى كەسكىن تەدبىر ياشلارغا «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» دېگەن قىممەت ئىنتىلىشىنى چۈشەندۈردى؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ياشلارنى «دۇنياغا بىمالال نەزەر سېلىش»تەك ئىشەنچ ۋە تەمكىنلىككە ئىگە قىلدى. ھەربىر مۆجىزىنىڭ يارىتىلىشى، ھەربىر قىيىن ئۆتكەلدىن ھالقىش ياشلارنىڭ پارتىيەگە بولغان ھۆرمىتى ۋە ساداقىتى، جۇڭگو يولىغا بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىنى چىڭىتتى.

«بىر ئۇلۇغ دۆلەتتە تۇغۇلۇپ، بىر ئەڭ ياخشى دەۋردە ئۆسۈپ يېتىلىپ، تىرىشىش ئارقىلىق ئۆز ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىمدىن ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىمەن.» خۇددى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى سۇ يىمىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا يازغان خېتىدە ئېيتقاندەك، «ئۇلۇغ دۆلەت» ۋە «ئەڭ ياخشى دەۋر» ياشلىق ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرىدىغان كوردىنات، شۇنداقلا كەڭ ياشلارنىڭ كۈرەش قىلىپ كەلگۈسىگە ئاتلىنىشتىكى جاسارىتىنىڭ ئاساسى.

(4)

«زال ئىچىدە <دالىدا تۈنەش> يۇلتۇزلارنى كۆرۈش، كۈن چىقىشنى كۆرۈش ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى بىر شەھەرنىڭ قايتا جانلىنىشىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈندۇر.» كەسكىن، مۇرەككەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئالدىدا، نۇرغۇن ياش تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ، تېزدىن شاڭخەيگە ياردەم بەردى، چەكسىز مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان كۆرۈنۈشلەر كۆپ قېتىم ئېكرانلارنى قاپلىدى.

«كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ رومانتىك ئىش شۇكى: ۋەتەن چاقىرغان پەيت، دەل بىزنىڭ ياشلىق باھارىمىز ئۇرغۇغان مەزگىل.» خەتەرلىك، قىيىن پەيتتە، ياشلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، يەلكىسى ئارقىلىق تاغدەك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى، بۇ، دەل ياشلىقتىكى ئەڭ گۈزەل قىياپەت.

«تام تۈۋىدىكى گۈل! ئۆز خۇش ھىدىدىن تەنھا ھۇزۇرلانسا، كۆز ئالدىدىكى دۇنيا شۇنچە تار كۆرۈنىدۇ.» ئۆزۈڭنىلا ئويلىساڭ ئەگەر، پۈتۈن جاھان كېلەر ساڭا تار؛ چىڭ پۈكۈلسە كۆڭلۈڭگە ئومۇم، دۇنيا ساڭا باغرىنى ئاچار. ياشلىقتا كۈرەش قىلىپ كەلگۈسىنى يارىتىشتا، ۋەتەنگە رىشتە باغلاپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەيدىغان يۈكسەك قەلب، ئېسىل پەزىلەت بولۇشى كېرەك.

«ئۇلۇغۋار غايە تىكلىگەندىلا، زور نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ، چوقۇم يىراقنى كۆزلەش كېرەك.» ئۆزىنىڭ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىغا سىڭدۈرۈپ، دەۋر بىلەن قەدەمداش بولۇپ، ۋەتەن بىلەن تەقدىرداش بولۇپ، خەلق بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى، كىشىلىك ھايات قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. زاۋۇت سېخلىرىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ياش ئىشچىلار جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىپ، «جۇڭگودا ياسالغان»نى دۇنياغا يۈزلەندۈردى؛ ئېتىز باشلىرىدا ياش دېھقانلار قىش - ياز جاپالىق ئىشلەپ، تۈجۈپىلەپ تېرىقچىلىق قىلىپ، تىرىشىپ جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتتى؛ قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ياش دېھقان ئىشچىلار جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، تەر تۆكۈپ، بىر خىش - بىر كاھىشتىن ئېگىز بىنالارنى سالدى؛ تەنتەربىيە مۇسابىقە مەيدانىدا، ئەزىمەتلەر قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلاردا، جۇڭگو مەبلەغ سالغان ئاپپاراتلاردىكى ياش ئىشچى - خىزمەتچىلەر تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى...

«بۇ بىر نۆۋەتلىك ياشلار ناھايىتى قالتىس ئىكەن!» مەيلى خەتەرلىك، جىددىي پەيتتىكى باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتا بولسۇن ياكى ئاددىي ئىش ئورنىدا نۇر چېچىپ ھارارەت تارقىتىشتا بولسۇن، پاكىت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، زامانىمىزدىكى ياشلار سۆيۈملۈك، ئىشەنچلىك، ياراملىق بىر ئەۋلادتۇر، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئالالايدىغان، زور ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان بىر ئەۋلادتۇر!

ئارزۇ قانچە ئۇلۇغۋار بولسا، زېمىنمۇ شۇنچە كەڭ بولىدۇ. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يۈز مىليونلىغان ياشلىرىمىز گۇۋاھچىلاردۇر، تېخىمۇ مۇھىمى قاتناشقۇچىلاردۇر. يېڭى مۇساپىدە، ۋەتەن زېمىنىنى قەدىمى ئارقىلىق ئۆلچەپ، دەۋرنىڭ تومۇرىنى قەلبى بىلەن ھېس قىلىپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قالتىس كىشىلىك ھاياتنى ياراتقاندىلا، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ، شۇنداقلا جەزمەن نى - نى ئىشلارنى قىلالايدۇ.

(5)

«يۇلتۇز ئۈزگۈچى ئانا قايتىپ كەلدى!» جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا «كاماندىروپكا»غا چىقىپ يېرىم يىلدىن كېيىن، ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋاڭ ياپىڭ ۋە سەپدىشى جەي جىگاڭ، يې گۇاڭفۇلار يەرشارىغا تىنچ - ئامان قايتىپ كەلدى. پۈتۈن يەرشارى كۆز تىككەن بۇ قېتىمقى ئالەم بوشلۇقى سەپىرى يۈز مىليونلىغان ياش - ئۆسمۈرنىڭ چەكسىز ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارزۇسىنى يەنە بىر قېتىم ئۇرغۇتتى.

كۆڭۈلگە يىراق ئاسماننى پۈككەندە، سامانيولىدىنمۇ چەكسىز مەنزىلنى كۆرگىلى بولىدۇ. يەنە قانداق نەرسە يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قارىغاندىنمۇ بەكرەك ئارزۇنىڭ تارتىش كۈچىنى ھېس قىلدۇرالىسۇن، يەنە قانداق نەرسە يول ئېچىپ يېڭىلىق ياراتقاندىنمۇ بەكرەك ياشلىق باھاردىكى قىزغىنلىقنى ئۇرغۇتالىسۇن؟ ياشلار يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلگۈچىلەر، ياشلار ئەڭ يېڭىلىق يارىتالايدىغانلار. ياشلىقتا كۈرەش قىلىپ كەلگۈسىنى يارىتىشتا، ئىجاد قىلىش قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ياشلىقنىڭ يىراققا سەپەر قىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ.

يېڭىلىق يارىتىش «پەللىگە قاراپ پۈتۈن كۈچ بىلەن يۈگۈرۈش» بولۇپ، جاسارەت بىلەن باشقىلاردىن ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشقاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. ئالدىدا يول بولمىسا، ئۆزى يېڭى يول ئېچىش كېرەك؛ ئۈلگە بولمىسا، باتۇرلۇق بىلەن تۇنجى «قىسقۇچپاقا يېگۈچى ئادەم» بولۇش كېرەك. «ئادەمسىز رايون»غا بۆسۈپ كىرىشكە جۈرئەت قىلىپ، «ئەڭ يۇقىرى پەللە»دىن ھالقىشقا جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن «يول ئىزدىگۈچى» بولغاندىلا، ئاندىن كىشىلەر كۆرمىگەننى كۆرگىلى، كىشىلەر بىلمىگەننى بىلگىلى، ئۆزگىچە مەنزىرە يارىتىپ، يېپيېڭى زېمىننى ئاچقىلى بولىدۇ.

يېڭىلىق يارىتىش يەنىلا ئۆمۈرلۈك ئىش، پەقەت قەيسەر ئىرادىلىك كىشىلەرلا ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. «ئەگەر بىر كۈن يېڭىلاشقا بولسىلا، كۈندە يېڭىلاش كېرەك، يېڭىنى يەنە يېڭىلاش كېرەك.» يېڭىلىق يارىتىشتا ئەزەلدىن ماڭىدىغان تۈز يول يوق، «يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ» دېگەن جاسارەتنى ساقلاپ، «كۈنسېرى جۈدەپ كەتسىمۇ مەڭگۈ پۇشايمان قىلماسلىق»تەك ئىرادىنى چىڭىتىپ، «ھۇجۇم قىلغان دۈشمەننى بويسۇندۇرمىغۇچە قايتماسلىققا قەسەم قىلىش» جاسارىتىنى ئۇرغۇتقاندىلا، ئاندىن كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەپ مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىنى بېسىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى يۇقىرى پەللىگە چىققىلى بولىدۇ.

يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇش ياشلار كوللېكتىپىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، كەڭ ئالەم قاتنىشى ياشلىرىنى دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىغا ئىنتىلىش مۇساپىسىدە ياشلىق باھارىنى جۇلالاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

دادىللىق بىلەن ئارزۇنى قەلبىگە پۈكۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلىپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقاندىلا، يېڭىلىق يارىتىش دەرۋازىسى ياشلار ئۈچۈن مەڭگۈ ئوچۇق بولىدۇ؛ يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرى ياشلارنى ئۈزلۈكسىز ئاتلىنىشقا چاقىرماقتا.

(6)

يېقىندا، 26 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالى»نى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. بۇ شەرەپلىك تىزىملىكتە يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلىگەن «85 - يىللاردا تۇغۇلغان» 1 - شۇجى بار، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئالتۇن، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچى ئەزىمەتلەر بار، ياش، ياراملىق پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى بار، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش خىزمىتىگە ئاتلانغان «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» قىز بار، ھەممە ئائىلىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدىغان خەلق ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر بار... كۈرەش قىلىش داۋامىدا چاقناپ تۇرغان ياشلىق باھار ھەمىشە قەلبىمىزنى ھاياجانغا سېلىپ، بىزگە ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى بېغىشلايدۇ.

«ئۈلگىلىك ياش دېگەن نېمە؟ مەڭگۈ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت بۇ شەرتنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك.» بوران - چاپقۇنلۇق 100 يىلدا، «كۈرەش قىلىش» ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ كىشىلىك ھايات دەستۇرىغا ئايلاندى. ئۇ بولسا، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باسىدىغان قورقماس سىيماسى، ياش زەربىدارلار ئەترىتى، ياش پىدائىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر ئەترىتىنىڭ تاغ - دەريالاردا تىكلىگەن جۇلالىق بايرىقى، «ئىتتىپاقلىشىپ جۇڭخۇانى گۈللەندۈرەيلى» دېگەن دەۋر كۈچلۈك ساداسى، «ساپ مۇھەببىتىم پەقەت جۇڭگو ئۈچۈندۇر» دېگەن چوڭقۇر مۇھەببەتلىك كۆڭۈل ئىزھارى، «پارتىيە، خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» دېگەن جاراڭلىق قەسىمى...

«ياخشى ئىشنىڭ ھەممىسى جاپا چېكىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ، شۇڭا ياشلار ئاسان ئىشقا بېرىلمەسلىكى كېرەك.» ھېچقانداق بىر ئەۋلاد كىشىنىڭ ياشلىق باھارى ئاسانغا توختىغان ئەمەس، كۈرەش قىلىش يولى ھەمىشە جاپا - مۇشەققەتلىك بولۇپ، ئەگرى - توقايلىققا تولغان بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى، ئېنىقسىزلىقى ئاشتى، ياشلار ئىلگىرىلەش يولىدا يەنە تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ. قانداق قىلغاندا جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يېڭى مۇساپىدە ۋەزىيەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ يول ئېچىپ، يېڭى سەھىپە پۈتكىلى بولىدۇ؟ جاۋاب شۇكى، يەنىلا بوشاشماي كۈرەش قىلىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، مەڭگۈ كۈرەش قىلىش كېرەك.

«يار گەرچە تاغدىكى خەتەرلىك جاي بولسىمۇ، لېكىن ھەيۋەتلىك شارقىراتمىنى ھاسىل قىلدى.» دۇنيادا «يېتىپ تۇرۇپ غەلىبە قىلىدىغان» ئاسان يول يوق، كۈرەش قىلىش يولىدا، ھەربىر قەدەممۇ ئەھمىيەتكە ئىگە. قىيىن ئەھۋالدا جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، چېنىقىش جەريانىدا ئۆزىنى تاۋلىغاندىلا، ياشلار ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرۈپ، بېلىنى رۇسلاپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشتىكى «شىفىر»نى ئىگىلەپ، ئارزۇغا تۇتىشىدىغان پەلەمپەينى ياساپ، كەلگۈسىنى بىپايان ئۇپۇق سىزىقىدا قاناتلاندۇرالايدۇ.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو ياش تور ئەھلىنىڭ ئىجتىمائىي روھىي ھالىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى (2009 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە)»دا كۆرسىتىلىشىچە، ياش تور ئەھلى توپى «تىرىشىشنىڭ ئەسقاتىدىغانلىقى»غا ئومۇميۈزلۈك ئىشىنىدىكەن. «ئوڭدا ياتقان»لارنىڭ چىقىش يولى بولمايدۇ، جان تىكىپ ئېلىشقاندىلا ئاندىن كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ. قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى جەڭ دۇمبىقىنى چېلىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرايلى، كۈرەش قىلىش − مەڭگۈ ياشلىقنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى!

5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، «80 - يىللاردا تۇغۇلغانلار»، «90 - يىللاردا تۇغۇلغانلار»دىن تەشكىللەنگەن بىر ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقتى، جۇڭگونىڭ جۇمۇلاڭما چوققىسىدىكى ئىلمىي تەكشۈرۈشتە بۆسۈپ ئۆتكەن ئېگىزلىك تۇنجى قېتىم دېڭىز يۈزىدىن 8000 مېتىردىن ئاشتى. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ نۇرى ئاستىدا، تاغقا چىققۇچىلار يەرشارىنىڭ چوققىسىدا مەزمۇت تۇرۇپ، ئىلىم - پەننىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدەندى، ياشلىق باھار گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇپ پۈتكۈل زېمىنغا خۇش ھىد تاراتتى...

ياشلىقتا تىكلەنگەن ئىرادە ئەڭ جۇشقۇن، ئارزۇ يولىدا ئىزدەنگۈچىلەر ئەڭ يارقىن. ئەسلىي مەقسەت ئۇنتۇلمىسا، ياشلىق جاسارىتى مەڭگۈ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ؛ ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەندى، يېڭى 100 يىلغا يەنە ياشلار تەييار.

«مەۋقەنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىگە قويۇپ، جۇڭگو ياشلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش نىشانى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلىغاندا، بۇ دەل قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشتىن ئىبارەت.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى كەڭ ياشلارنى چىن قەلبىدىن ئىرادە تىكلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى ياشلىق ناخشىسىنى پۈتۈشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە.

ئارزۇغا ئىنتىلىشنىڭ چېكى يوق، ياشلىق باھارىمىز ئۇرغۇپ تۇرماقتا. كەلگۈسى ياشلارغا مەنسۇپ، ئۈمىد ياشلاردا!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)