يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سايلاندى! لى جياچاۋ شياڭگاڭنى يېتەكلەپ يېڭى سەھىپە ئېچىشقا قەسەم قىلدى

日期:2022年05月10日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ مىڭياڭ) «نامزات لى جياچاۋ ئەپەندى سايلاندى!» 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 12دىن 20 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شياڭگاڭ يىغىن كۆرگەزمە مەركىزىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 - قارار باش مەمۇر سايلىمىنىڭ سايلام مۇدىرى شۇنداق دەپ تەنتەنلىك جاكارلىدى.

ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەنلا، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. بۇ ئالقىش سادالىرى ھەم شياڭگاڭنىڭ يېڭى سايلام تۈزۈمىدە تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈچ مەيدان مۇھىم سايلامنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغانلىقىنى تەبرىكلەش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شياڭگاڭنىڭ ياخشى سىياسەت ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىنىشقا قاراپ يەنە ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئالقىشلاشتۇر.

شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 - قارار باش مەمۇر سايلىمىدا، لى جياچاۋ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن 6 - قارار باش مەمۇر نامزاتلىقىغا سايلاندى. بۇ، شياڭگاڭنىڭ سايلام تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق باش مەمۇر سايلىمى، شياڭگاڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە دېموكراتىيەنىڭ يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى.

«شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولىدىغان بىر بېلەتنى تاشلايلى!» شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكۈچە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئارقا - ئارقىدىن يىغىن كۆرگەزمە مەركىزىگە كېلىپ، بىر ئادەم بىر بېلەت تاشلاش شەكلى ئارقىلىق، نامزات لى جياچاۋغا نامسىز بېلەت تاشلىدى.

شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 1 - قوشۇمچە ھۆججىتىدە، باش مەمۇر كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن سايلاپ چىقىلىدۇ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى تەيىنلەيدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. يېڭى سايلام تۈزۈمىدە، سايلام كومىتېتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 1500 بولۇپ، نامزاتلار جەزمەن 750 پارچىدىن ئارتۇق قوللاش بېلىتىگە ئېرىشكەندە ئاندىن سايلىنالايدۇ.

يىغىن كۆرگەزمە مەركىزىگە تەسىس قىلىنغان مەركىزىي بېلەت ساناش پونكىتىدا كەيپىيات داغدۇغىلىق، قىزغىن بولۇپ، چوڭ زالنىڭ ئالدى تەرەپ مەركىزىگە بېلەت ساناش ۋە ئېلان قىلىش سۇپىسى تەسىس قىلىنغانىدى. غايەت زور ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىدا، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ۋە سېرىس گۈلى چۈشۈرۈلگەن رايون بايرىقى جۇلالىنىپ تۇراتتى.

بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار بىرمۇبىر ساناپ، سايلام بېلىتىنى جەزملەشتۈردى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى سايلام باشقۇرۇش كومىتېتى، سايلام كومىتېتى، نامزاتلار ھەم ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى، تاراتقۇلار ھەم ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىدە، سايلام ھەم بېلەت ساناش خىزمىتى جىددىي، شۇنداقلا تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى. بېلەت ساناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، لى جياچاۋ 1416 پارچە قوللاش بېلىتىگە ئېرىشكەن.

بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن لى جياچاۋ بۇ يىل 4 - ئايدا ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت مەمۇرىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، سايلامغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، لى جياچاۋ مەركىزىي بېلەت ساناش پونكىتىنىڭ ئېلان قىلىش سۇپىسىدا تۇرۇپ، نەق مەيداندىكى سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ھەم شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىگە تەزىم قىلىپ رەھمەت ئېيتتى.

ئۇ نەق مەيداندا سايلىنىش تەسىراتىنى بايان قىلىپ، نەق مەيدانغا كېلىپ بېلەت تاشلىغان سايلام كومىتېتىنىڭ ھەربىر ئەزاسى ھەمدە تېلېۋىزور ئالدىدىكى شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، كۆپچىلىكنىڭ قوللىغانلىقى ۋە ئىلھام بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

لى جياچاۋ سايلامغا قاتنىشىش سىياسىي پىروگراممىسىدا: «ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش»نى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: كەلگۈسىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە نەتىجىنى نىشان قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مۇستەھكەم ئۇل سالىمىز.

سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزاسى دېڭ فېي سايلام نەتىجىسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: 2022 - يىلى شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، بۇنىڭ ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئېچىشتا ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. كەلگۈسى بەش يىلدا، شياڭگاڭ قالايمىقانچىلىقتىن تۈزىلىشكە ئۆتۈش تىنچ مۇھىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ياخشى ئىگىلەپ، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى پەللىسىگە قەدەم قويۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق. «سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش كوللېكتىپىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، <شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش> بويىچە تۈزەشتىن گۈللىنىشكە ئۆتۈشنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ».

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 - قارار باش مەمۇرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2022 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2027 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە بولىدۇ.