كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن ئەڭ گۈزەل قىياپەتنى نامايان قىلىش

日期:2022年05月03日
来源:新疆日报网
【字体:

− «ئەڭ گۈزەل ئىشچى ـ خىزمەتچى»لەرنى زىيارەت (1)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يې خاۋمىڭ، ليۇ شياسۈن

ئۇلار كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ۋەكىلى، ئۇلار يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئۈلگە، ئۇلار ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك دېگەن دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى...

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو ئىشچىلىرىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن، «1 ـ ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پۈتۈن جەمئىيەتكە 2022 ـ يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئىشچى ـ خىزمەتچى»لەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى.

ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

«ئەتراپلىق بىلىم ئىگىلەپ ئۇنىڭدىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن پايدىلانغاندىلا، جۇغلىغان بىلىمنى ئاز ـ ئازدىن جايىدا ئىشلەتكەندىلا ئىشلارنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ»، بۇ، خۇ شىڭشېڭ ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا ئەمەل قىلىپ كەلگەن ھېكمەتلىك سۆز.

2020 ـ يىلى، ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى بويىچە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك غايىنى كۆڭلىگە پۈككەن خۇ شىڭشېڭ باشقا كارخانىلارنىڭ يۇقىرى تەمىناتى ۋە يۇقىرى مائاشتىن ۋاز كېچىپ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن ـ تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى 2 ـ تەتقىقات يۇرتىغا كىرىپ، خىزمەتتە كۆزگە كۆرۈنەرلىك كەسپىي ئىقتىدارى ۋە تېخنىكا ساپاسىنى نامايان قىلدى. قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدىلا، ئۇ كۆپ تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئانالىز قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياساپ ئىسلاھ قىلىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى دەرىجىدە ئىشەنچلىك ئالەم قاتنىشى جابدۇق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ياساش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

گاز زىچلىقىنى تەكشۈرۈپ ـ ئۆلچەش قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، گىرافىت قاپلىما تۇرۇبىسىنى ئاپتوماتىك سىلىقلاش قۇرۇلمىسىنى لايىھەلەش، ئوق قازاننى ئاپتوماتىك مايلاش ئۈسكۈنىسىنى ياخشىلاش... ھەربىر تۈرلۈك تېخنىكا يېڭىلاش ئەمەلىيىتىدە، خۇ شىڭشېڭ ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسى بىلەن لايىھەلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، لايىھەلەش چېرتيوژىدىن ئەمەلىي مەھسۇلاتقىچە بولغان «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»دىكى ھالقىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلار ئىچىدە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى باشلامچى ۋە يېتەكلىگۈچىگە ئايلاندى.

نەنجىڭ سەنلې گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر پەن تەتقىقات تېخنىكا تايانچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېڭ خۇڭشيا ئۇزاق مەزگىل مىكرو دولقۇنلۇق ئېلېكتىر ۋاكوئۇملۇق زاپچاسلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى، پۇختا پەن تەتقىقات سەۋىيەسى ۋە كوللېكتىپنى يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، چېڭ خۇڭشيا ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ كۆپ تۈرلۈك تىك يۆنىلىشلىك تېمىلىرىدا تەتقىق قىلىپ ياساش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى ۋە ئۇنىڭغا مەسئۇل بولدى، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ دۆلەت مۇداپىئەسى بويىچە ئون نەچچە تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش يانداش تۈرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى ياكى قاتناشتى.

44 دانە سۈپەتلىك نۇسخىدىكى ئۇچقۇ زاپچىسىنى سۈنئىي ھەمراھقا ئورنىتىپ ئوربىتىدا ئەمەلىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بېيدوۋ 3 ـ نومۇرلۇق يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنىڭ يەرشارى بويىچە تور تەشكىللەش ۋەزىپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش؛ «يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يۇقىرى سىزىقلىق ئۆلچەمدىكى ئاستا دولقۇن سىستېمىسى» قاتارلىق بىر قاتار ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردىكى بوغما ھالەتنى تۈگىتىپ، شىركەتنىڭ سىزىقسىز كۆرسەتكۈچنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىدا ساقلانغان ئاساسىي بوشلۇقنى تولدۇرۇش...

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېڭ خۇڭشيا كوللېكتىپنى يېتەكلەپ، چەت ئەلنىڭ تېخنىكا مونوپوللۇقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇزۇپ تاشلاپ، مۇھىم، زور تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە ئاچقۇچلۇق زاپچاسلارنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۈرۈشلۈك بولغان، سۈنئىي ھەمراھقا ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلۇش مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ، سۈنئىي ھەمراھ جابدۇقلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش تەلىپىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى بويىچە نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار ۋە ھەربىي ئىشلار بويىچە مۇھىم ئېلېكتىرونلۇق قورال سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى.

تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىپ، تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەت قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش

ۋاڭ شۆيۇڭ چىرۈي ئاپتوموبىل پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش ئىشچىسى، ئۇ كۈندىلىك خىزمەتتە، تېخنىكىنى باشتىن ـ ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويدى.

2003 ـ يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، ۋاڭ شۆيۇڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 321 قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى، كۆپ خىل نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى سىناق قىلىپ ياساشقا قاتناشتى. ئاپتوموبىل ياساش جەريانىدا، ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ پۈتكۈل ئېلېكتىرونلۇق سايمانلىرى قىسمى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ۋە تەگلىك قىسمىدا كۆرۈلگەن تۈرلۈك مەسىلىلەرگە قارىتا، كەسپىي خاراكتېرلىك رامكا ئانالىزى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى.

چىرۇي چەت ئەل بازىرىنى ئاچقان دەسلەپكى مەزگىلدە، چەت ئەلدىكى خىزمەتچىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتى تېخى مۇكەممەللەشمىگەچكە، مەسىلە بار نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانىدا تۇرۇپ قېلىپ خېرىدارلارغا ۋاقتىدا تاپشۇرالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ۋاڭ شۆيۇڭ جىددىي پەيتتە ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، رۇسىيەنىڭ كالىنىنگرادقا بېرىپ تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش، چىگىش، قىيىن مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلىش ۋە چەت ئەلدىكى خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئىشلىدى. 27 كۈن تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇ جەمئىي 600 ئاپتوموبىلدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، چىرۈي ئاپتوموبىلىنىڭ چەت ئەل بازىرىنى ئېچىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

چى چۇەنجوۋ شەندۇڭ ئۆلكىسى خېزې شەھەرلىك خۇاڭخې دەرياسى دەريا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسى يۈنچېڭ ناھىيەلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئورنىنىڭ ئالىي تېخنىكى، باش تېخنىك. 1989 ـ يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، ئۇ چۈشۈرگىنى يۈرۈشتۈرۈش، توكچىلىق، ماشىنىسازلىق، سۇچىلىق چېرتىيوژى سىزىش قاتارلىق بىلىملەر ۋە چۈشۈرگىنى ئاپتوماتىك تىزگىنلەش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئاز ـ ئازدىن ئۆگىنىپ ئىگىلەشنى داۋاملاشتۇردى، ئۇ ھەر كۈنى «ماي قاچىلاش»، «توك تولۇقلاش» ئارقىلىق، پۇختا نەزەرىيە ئاساسى ۋە قالتىس ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى.

خىزمەتكە قاتناشقان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، چى چۇەنجوۋ باشتىن ـ ئاخىر خۇاڭخې دەرياسى قىرغىقى ۋە چۈشۈرگە باشقۇرۇش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، «دەريانى پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق تىزگىنلەش»كە تۈرتكە بولدى. ئۇ «تورمۇزنى تېز تەڭشەش ئۇسۇلى»دىن ئىبارەت ئالاھىدە ئۇسۇل ۋە ئالاھىدە ماھارەتنى ئەمەلىي قوللىنىپ، تورمۇزنى ئۈچ تۈرلۈك تەڭشەشنى ئەسلىدىكى ئون نەچچە مىنۇتتا تاماملاشتىن 76 سېكۇنتتا تاماملاشقا قىسقارتتى؛ «تەڭ قەدەمدە ئېچىش، دەرىجىگە ئايرىپ ئۆستۈرۈش مەشغۇلات ئۇسۇلى»نى چۈشۈرگىنى ئېچىش ـ يېپىش مەشغۇلاتىدا ئەمەلىي قوللىنىپ، چۈشۈرگىنىڭ سىممېتىرىك ئېچىلىشى ـ يېپىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، چۈشۈرگە قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، چى چۇەنجوۋ خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا سۇ ئىشلىتىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىي 6 مىليارد كۇب مېتىر سۇنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن بىخەتەر تەمىنلىنىشى، 600 مىڭ مودىن ئارتۇق تۇپراقنىڭ لاتقا ئېقىتىلىپ ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى.

دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئاممىنى يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ بەختىنى كۆزلەش

جاڭ شو خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خېگاڭ شەھىرى نەنشەن رايونى جۈنشىدا ۋاكالىتەن نەرسە ـ كېرەك يەتكۈزۈش مۇلازىمەت دۇكىنىنىڭ دىرېكتورى، ئۇ يۇرتىدىكى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قىيىنچىلىقتا ئۆتىدىغانلىقى ھەتتا نامرات ئائىلە، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ئورتاق كېڭىشىپ، ياردەم قىلىش ۋە يۆلەشنى قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى قوبۇل قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن بىللە نۇرغۇن يۇرتداشلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

جاڭ شو كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە تېخىمۇ مۇھىمى جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر بىلىدۇ. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە، ئۇ نەرسە ـ كېرەك يەتكۈزگۈچىلەرنى قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىقتىن قورقماي، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە قاتنىشىشقا چاقىرىپ ۋە يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇپ، خېگاڭ شەھىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا زور تۆھپە قوشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، ئەسلىي مەقسەت ئارقىلىق بۇرچنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى.

ئۆمەر قۇربان جۇڭگو بىناكارلىقى شىنجاڭ بىناكارلىق ـ قۇرۇلۇش گۇرۇھى 4 ـ بىناكارلىق ـ قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكا سۈپەت خادىمى، 2017 ـ يىلى، ئۆمەر قۇربان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى يېڭىيەر يېزىسىنىڭ خۇاڭدى كەنتىگە كېلىپ، كەنتتىكى نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ئائىلىلىرى ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىياسەت ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، 829 نامرات كەنت ئاھالىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

ئۆمەر قۇربان يەنە ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەش بويىچە «ماھارەت ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، 30 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىگۈچى خادىمنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ دېھقاندىن كەسىپ ئىشچىسى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئۈنۈم يارىتىدىغان «باشلامچى»غا ئايلاندى.

ئۆمەر قۇرباننىڭ ئاددىي ـ ساددا، ئاق كۆڭۈللۈكى ئۇنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا كۈچ قوشىدىغان «سىرداش»قا ئايلاندۇردى؛ ئۇنىڭ سەمىمىيلىكى، قىزغىنلىقى ئۇنى كەسىپ ئىشچىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان «يول باشلىغۇچى»غا ئايلاندۇردى. لېكىن ئۇ مۇنداق دېدى: «مەيلى قانداق رول ئېلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، پەقەت بىر ئىشنى تاللاپ شۇ ئىشنى سادىقلىق بىلەن قىلغاندىلا، ئاندىن ئاددىي كىشىلىك ھايات يولىمىزدىكى ھەربىر قەدىمىمىزگە يۈز كېلەلەيمىز».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)