نيې خەيشېڭغا «1 ـ دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى»تارقىتىش، ليۇ بومىڭغا «2 ـ دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» تارقىتىش، تاڭ خۇڭبوغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» شەرەپ نامىنى بېرىش ھەم «3 ـ دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» تارقىتىش توغرىسىدىكى قارارى

日期:2021年11月25日
来源:新疆日报网
【字体:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ

نيې خەيشېڭغا «1 ـ دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى»تارقىتىش، ليۇ بومىڭغا «2 ـ دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» تارقىتىش، تاڭ خۇڭبوغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» شەرەپ نامىنى بېرىش ھەم «3 ـ دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» تارقىتىش توغرىسىدىكى قارارى

(2021 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى)

2021 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى نيې خەيشېڭ، ليۇ بومىڭ، تاڭ خۇڭبو شېنجوۋ 12 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئالەم بوشلۇقىغا كىرىپ، تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسى بىلەن مۇستەقىل تېز ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى ھەم بىر قاتار ئىجادىي، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلىم ـ پەن تەجرىبىلىرى ۋە بوشلۇقتىن ئەمەلىي پايدىلىنىش ۋەزىپىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوربىتىدا ئۈچ ئاي تۇرۇپ، 9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى ئوڭۇشلۇق قايتىپ كەلدى. شېنجوۋ 12 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر قېتىملىق ۋەزىپە، جۇڭگولۇقلار تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ بوشلۇق پونكىتىغا كىردى، كۆپ تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا مۇھىم، زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ يېڭى قەدەم تاشلىغانلىقى، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە ئەڭ يېڭى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەش، ئۇدا كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شېنجوۋ 12 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى، كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر ـ جەڭچىلىرىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن. يولداش نيې خەيشېڭ، ليۇ بومىڭ، تاڭ خۇڭبولار بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر، ئۇلار بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلاپ، خەۋپ ـ خەتەردىن قورقماي، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، دۇنياغا كۈچلۈك جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچىنى نامايان قىلدى. يولداش نيې خەيشېڭ ئۈچ قېتىم ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، ئىككى قېتىم كوماندا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئوربىتىدا 100 كۈن تۇرغان تۇنجى جۇڭگولۇق ئالەم ئۇچقۇچىسىغا ئايلاندى. يولداش ليۇ بومىڭ ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، جاسارەت بىلەن چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدە ئىككى قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ مەشغۇلات قىلدى. يولداش تاڭ خۇڭبو پۇختا مەشىق قىلىپ، جاپاغا چىداپ چېنىقىپ، 2 ـ تۈركۈمدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بۆلۈمچىدىن چىقىپ مەشغۇلات قىلدى. ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئۈچۈن ياراتقان گەۋدىلىك تۆھپىسىنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يولداش نيې خەيشېڭغا «1 ـ دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» تارقىتىش، يولداش ليۇ بومىڭغا «2 ـ دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» تارقىتىش، يولداش تاڭ خۇڭبوغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» شەرەپ نامىنى بېرىش ھەم «3 ـ دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» تارقىتىشنى قارار قىلدى.

يولداش نيې خەيشېڭ، ليۇ بومىڭ، تاڭ خۇڭبولار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالىيجاناب ئىشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان دەۋر ئاۋانگارتلىرى، ئالەمدە ئىزدىنىش، ئالەم بوشلۇقىدا ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئۈلگىلەر، نەمۇنىچىلاردۇر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، بۇرچقا سادىق بولۇشتەك مۇستەھكەم ئېتىقادىدىن ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشتەك ئىنقىلابىي روھىدىن ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەستايىدىل، ئىنچىكە بولۇش، تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىشتەك ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىدىن ئۆگىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل ـ پاراسەت، تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇشقا چاقىرىق قىلدى.

بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ، 4 ـ، 5 ـ، 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى ۋە ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)