خېنەن ۋېيشى: جۈخار گۈللىرىنىڭ خۇش ھىدى بېيىش يوللىرىغا تارالدى

日期:2021年11月23日
来源:新疆日报网
【字体:

خەلق تورى خەۋىرى2021-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كەيفېڭ شەھىرى ۋېيشى ناھىيەسى جاڭشى بازىرى شىتەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىجۈخار گۈللىرىنى ئۈزۈش، قاچىلاپ توشۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كەيفېڭ شەھىرى ۋېيشى ناھىيەسى «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» قۇرۇلۇشىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلدى، ئۇلار «پارتىيە ياچېيكىسى + بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، جۈخار گۈلى، كۈزلۈك شاپتۇل، ئاق نەشپۈت قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. زاكازلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى بىر قەدەر ياخشى كېڭەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياخشى ئاساس سالدى.

لى شىنيى فوتوسى