پۇقرالارنى قەلبىگە پۈكۈش ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش

日期:2021年08月20日
来源:新疆日报网
【字体:

​− جياۋ يۈلۇ روھى ھەققىدە بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جو

1966 - يىلى 2 - ئايدا، «ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ ئۈلگىسى − جياۋ يۈلۇ» ناملىق تەپسىلىي خەۋەر تارقىتىلدى، جياۋ يۈلۇنىڭ نامى ھەممە ئائىلىگە تارقىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ھەممە ئائىلە بىلىدىغان كوممۇنىستلارنىڭ شانلىق نەمۇنىسىگە ۋە بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار قەدىرلەيدىغان ئۈلگىگە ئايلاندى.

لەنكاۋدا خىزمەت قىلغان 475 كۈندە، جياۋ يۈلۇ لەنكاۋ خەلقىنى يېتەكلەپ «ئۈچ زىيانداش»نى يوقىتىپ، چىنار دەرىخى تىكىپ، ھاياتى بەدىلىگە كوممۇنىستلارنىڭ ھەيۋەتلىك ئابىدىسىنى تىكلەپ، كۆزنى چاقنىتىدىغان، زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان ئۇلۇغ روھنى، يەنى خەلقچىل بولۇش، خەلقنى سۆيۈش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىلمىي - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاشتىن ئىبارەت جياۋ يۈلۇ روھىنى تاۋلاپ چىقتى.

2014 - يىلى 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لەنكاۋ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ يولداش جياۋ يۈلۇ خاتىرە سارىيىغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، جياۋ يۈلۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جياۋ يۈلۇ روھى جىڭگاڭشەن روھى، يەنئەن روھى، لېي فېڭ روھى قاتارلىق ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە ئۇلۇغ روھقا ئوخشاش، ئىلگىرى پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولغان، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ يەنىلا شۇنداق بولىدۇ، بىز ئۇنىڭدىن مەڭگۈ ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

«جېنىمنى تىكىپ قويۇپ، قاتتىق ئىشلەپ، لەنكاۋنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىدىم»

لەنكاۋ ناھىيەسىدىكى يولداش جياۋ يۈلۇ خاتىرە سارىيىغا كىرگىنىمىزدە، ئالدى بىلەن كۆرىدىغىنىمىز جياۋ يۈلۇنىڭ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان كۈرەش قىلىش قەسىمى ۋە ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى ۋەسىيىتى −

«جېنىمنى تىكىپ قويۇپ، قاتتىق ئىشلەپ، لەنكاۋنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىدىم»

«ھايات ۋاقتىمدا قۇم بارخانلىرىنى تىزگىنلىيەلمىدىم، ئۆلگەندە بولسىمۇ سىلەرنىڭ قۇم بارخانلىرىنى ياخشى تىزگىنلىگىنىڭلارنى كۆرۈپ ياتاي.»

1962 - يىلى قىشتا، لەنكاۋ ناھىيەسى ئېغىر قۇم - بوران، ھۆلچىلىك ئاپىتى، شورلىشىشتىن ئىبارەت «ئۈچ زىيانداش»نىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانىدى. جياۋ يۈلۇ خەۋپ ئالدىدا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ كەلكۈننى كۆزىتىپ، شامال ئېغىزىنى تەكشۈرۈپ، كۆچمە قۇمنى چارلاپ، «ئۈچ زىيانداش»نى تۈزەشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى خۇلاسىلەپ، كەڭ كۆلەمدە چىنار كۆچىتى تىكىش ئۇسۇلىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى.

ئۇ ئۆزى ئەترەتنى يېتەكلەپ تەكشۈردى، چۈنكى، «ئېڭىشكەندىلا چۈمۈلىنى كۆرگىلى بولاتتى». ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە، جياۋ يۈلۇ پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىرلارنى يېتەكلەپ 120دىن ئارتۇق دادۈيگە بېرىپ، 5000 چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، «ئۈچ زىيانداش»نى تۈزەشنىڭ بىرىنچى قول ماتېرىيالىنى ئىگىلىدى.

جياۋ يۈلۇنىڭ جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئۇزاق مەزگىل بولغان بولۇپ، قاتتىق ئاغرىققا چىدىيالمىغاندا، ئۇ سىياھ قەلەم، چاي قۇتىسىنىڭ ئاغزى، پەي سۈپۈرگۈچ بىلەن جىگەر قىسمىنى تىرىۋالاتتى، كۈنلەر ئۇزارغانسېرى، ئۇ ئولتۇرغان چىۋىق ئورۇندۇقتا بىر چوڭ تۆشۈك پەيدا بولدى.

جياۋ يۈلۇ باشتىن - ئاخىر جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ، ئاددىي - ساددا ياشىدى، ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن يوتقىنىدا 42 يەردە ياماق، كۆرپىسىدە 36 يەردە ياماق بار ئىدى. بىر قېتىم، ئۇ بالىسىنىڭ «بىكارلىق ئويۇن كۆرگەن»لىكىنى ئاڭلاپ، دەرھال پۇل چىقىرىپ بالىسىنى تىياتىرخانىغا بېرىپ تولۇقلاپ بېلەت ئېلىشقا بۇيرۇدى.

...

«قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمىدى ھېچقاچان، پاك - دۇرۇس ياشىدى ھەم شۇنداق كەتتى. بەخت يارىتىش ئۈچۈن شۇ جاي خەلقىگە، ئۆمۈرلۈك ئىستەك قىلىپ كۈرەش قىلدى. خىياللىرىم باھار كەبى يېشىل تۈس ئالدى، قاناتلىنىپ پەرۋاز قىلدى بەھەيۋەت شۇنچە. ئايلاندى ئاي نۇرىدا جىمىرلاپ تۇرغان، زۇمرەتتەك سۈپسۈزۈك كۆل سۈيىگە.» 50 نەچچە يىل ئىلگىرى، جياۋ يۈلۇ لەنكاۋ خەلقىنى باشلاپ «ئۈچ زىيانداش»قا قارشى كۈرەش قىلىپ، كەڭ دائىرىدە چىنار كۆچىتى تىكىپ، لەنكاۋنىڭ ئۈنۈمسىز تۇپرىقىغا «سۈپسۈزۈك ۋە ياپيېشىللىق»نىڭ ئۈمىدىنى چاچتى.

50 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار لەنكاۋ تۇپرىقىدا كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلدى. 2017 - يىلى 3 - ئايدا، لەنكاۋ خېنەن ئۆلكىسىدىكى تۇنجى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتكەن ناھىيەگە ئايلاندى؛ جياۋ يۈلۇ ئەينى يىللاردا كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ تىككەن چىنار كۆچەتلىرىدىن بۈگۈنكى كۈندە ئاجايىپ چالغۇلار، چىرايلىق ئۆي جاھازلىرى ياسىلىپ، لەنكاۋ خەلقىنىڭ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشىدىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى.

«پۈتكۈل خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۆزىنى ئويلاپمۇ قويماسلىق»

دۆلەت مۇداپىئەسى داشۆسى ماركسىزم تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى يەن شياۋفېڭ مۇنداق قارىدى: جياۋ يۈلۇ روھىنىڭ مەزمۇنى مول، چوڭقۇر بولۇپ، ئۇنىڭ يادروسى « پۈتكۈل خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۆزىنى ئويلاپمۇ قويماسلىق»تەك خەلق چاكىرىلىق ھېسسىياتىدۇر.

ئەينى يىلى، لەنكاۋ ئاممىسى يېڭىدىن بىر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى كەلگىنىنى ئاڭلىغاندا، جياۋ يۈلۇنىڭ يېزىغا چۈشكىنىگە ئۈچ كۈن بولغانىدى. ئامما بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ «ئۈچتە بىللە بولۇش» خىزمەت ئۇسۇلى − ئامما بىلەن تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، ئەمگەكتە بىللە بولۇشنى يولغا قويدى.

قېلىن قار يېغىپ ئىشىكلەر ئېتىلىپ قالغاندا، ئۇ شىۋىرغانغا قارىماي نامراتلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھالىنى سورىدى. يۇرتداشلارنىڭ «سىز كىم» دېگەن گۇمانىي سوئالىغا قارىتا ئۇنىڭ «مەن سىزنىڭ ئوغلىڭىز» دېگەن جاۋابى يۇرتداشلارنىڭ كۆزلىرىنى ياشلىدى.

لەنكاۋدا، جياۋ يۈلۇ پەقەت تۆت پارچىلا سۈرىتىنى قالدۇرغانىدى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ پارچىسىنى باشقىلار يوشۇرۇن تارتىۋالغان. ئۇ دائىم مۇنداق دەيتتى: «ئاپپاراتنىڭ كۆزى كۆپرەك ئاممىغا توغرىلىنىش كېرەك، ئۇلارنى كۆپرەك سۈرەتكە تارتىش كېرەك، بۇ نېمىدېگەن ئەھمىيەتلىك، مېنى سۈرەتكە تارتقاننىڭ نېمە پايدىسى؟»

ئۇ لەنكاۋ خەلقىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۆزىنىڭ ھاياتىدىنمۇ مۇھىم بىلدى. ۋاپات بولۇش ئالدىدا، جياۋ يۈلۇ يەنىلا جاڭجۇاڭدىكى قۇم بارخانلىرىنىڭ تىزگىنلەنگەن - تىزگىنلەنمىگەنلىكى، جاۋجيالوۋدىكى زىرائەتلەرنىڭ كەلكۈندە قالغان - قالمىغانلىقى، چىنجەيدىكى شورلىشىپ كەتكەن يەردە بۇغداينىڭ قانداق ئۆسكەنلىكى، لاۋخەنلىندىكى يەرگە قانچە چىنار كۆچىتى تىكىلگەنلىكىنىڭ غېمىنى قىلدى...

ئۇ ۋاپات بولدى، لېكىن «جياۋ يۈلۇ تىككەن چىنار دەرىخى»گە مېھىر - مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەن.

لەنكاۋدىكى 79 ياشلىق دېھقان ۋېي شەنمىننىڭ 50 يىل داۋاملاشتۇرغان بىر ئادىتى بار، ھەر كۈنى سەھەردە، ئۇ سۈپۈرگە، سېۋەتنى كۆتۈرگىنىچە، ئۆيىدىن بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر تۈپ چوڭ دەرەخنىڭ ئاستىغا كېلىپ يوپۇرماقلارنى سۈپۈرۈپ، سۇ قۇيۇپ، ئوغۇت بېرىدۇ.

بۇ 1963 - يىلى جياۋ يۈلۇ ئۆز قولى بىلەن تىككەن بىر تۈپ كىچىك كۆچەت بولۇپ، ھازىر بەش مېتىر توملۇقتىكى، 26 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى كۆككە تاقاشقان دەرەخكە ئايلاندى. يېقىن ئەتراپتىكى چىنار دەرەخلىرى ئۈچ - تۆت ئەۋلاد يېڭىلىنىپ بولدى، ئۇ بولسا يەنىلا مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ دەرەخنى شۇ جايدىكى پۇقرالار يېقىملىق قىلىپ «جياۋ يۈلۇ تىككەن چىنار دەرىخى» دەپ ئاتايدۇ.

ئەڭ نامرات ئائىلىگە بېرىپ تاماق يەپ پۇقرالارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش، قىزىنى ھەم جاپالىق، ھەم چارچىتىدىغان جياڭسەييۈەنگە بېرىپ ئىشلەشكە ئەۋەتىش... «جياۋ يۈلۇ تىككەن چىنار دەرىخى» ئاستىدا ئارام ئالغان ھەربىر كىشى جياۋ يۈلۇنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەلەيدۇ.

«جياۋ يۈلۇ خەلقنى قەلبىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويغاچقا، بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يېتىپ، كۆڭۈل بىلەن كۆڭۈلنى ئۇتتى، خەلقمۇ ئۇنى قەلبىدە ئەڭ ئالىي ئورۇنغا قويدى» دېدى يەن شياۋفېڭ.

«پۇقرالارنىڭ قايسى بىرى ياخشى ئەمەلدارنى ياخشى كۆرمەيدۇ» − خەلق جياۋ يۈلۇنى چاقىرىدۇ

«پۇقرالارنىڭ قايسى بىرى ياخشى ئەمەلدارنى ياخشى كۆرمەيدۇ؟ جياۋ يۈلۇ تىككەن چىنار دەرىخىنىڭ تۈۋىدە كۆز يېشى يامغۇردەك تۆكۈلدى. ھاياتىمۇ قۇم بارخانلىرىدا، ماماتىمۇ قۇم بارخانلىرىدا، يۇرتداشلارنىڭ ھايات - ماماتى قۇم بارخانلىرىغا باغلانغان، كەچتىكى قار، سەھەردىكى قىروۋ قەھرىماننىڭ جاسارىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ!...» 1990 - يىلى 7 - ئايدا، شۇ چاغدىكى فۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان شى جىنپىڭ جياۋ يۈلۇ روھىدىن تەسىرلىنىپ، «نيەننۇجياۋ . جياۋ يۈلۇنى ئەسلەيمەن» ناملىق شېئىرنى يازغان.

باش شۇجى شى جىنپىڭ لەنكاۋ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلغاندا تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش جياۋ يۈلۇنىڭ «قەلبىگە پۈتكۈل خەلقنى پۈكۈپ، ئۆزىنى ئويلاپمۇ قويماسلىق»تەك خەلق چاكىرىلىق ھېسسىياتىنى، ھەرقانداقلىكى ئىشتا ئىچكى ئەھۋال ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان، «باشقىلار چايناپ قويغان مومىنىڭ تەمى يوق» دېگەن ئەمەلىيەتچىل ئىستىلى، «يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن»، «ئىنقىلابچىلار قىيىنچىلىق ئالدىدا قەھرىمانلىق كۆرسىتىشى كېرەك» دېگەن كۈرەش قىلىش روھى، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئاددىي - ساددا ئۆتۈش، دۇرۇس، پاك بولۇش، «ھەرقانداق ۋاقىتتا ئالاھىدە بولۇۋالماسلىق»تەك ئەخلاق - پەزىلىتىنى ئالاھىدە ئۆگىنىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

جيا يۈلۇ بىلەن بىللە بىر يىل تۆت ئاي خىزمەت قىلغان سابىق لەنكاۋ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقە خادىمى ليۇ جۈنشېڭ ھايات چېغىدا چوڭقۇر تەسىرلىنىپ مۇنداق دېگەن: «خەلقنىڭ جياۋ يۈلۇنى چاقىرىشى پارتىيەمىزنىڭ ئىزچىل ئامما بىلەن قان بىلەن گۆشتەك يېقىن ئۆتىدىغان ياخشى ئەنئەنىسىنى چاقىرىشىدۇر، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتەك ياخشى ئىستىلىنى چاقىرىشىدۇر، پارتىيەمىزنىڭ يۈكسەك غايىسىنى چاقىرىشىدۇر».

كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، جياۋ يۈلۇ روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ قېنىدا ئاقتى: يېزا - بازاردا 50 يىل يىلتىز تارتقان «يېزا - بازارلىق پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ ئۈلگىسى» ۋۇ جىنيىن، «تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىنى ئېگىزلىككە ئاتىغان» ئىسلاھات ئاۋانگارتى كۇڭ فەنسېن، ئاممىغا رىشتە باغلاپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلىغان «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى» لياۋ جۈنبو...

يولداش جياۋ يۈلۇ خاتىرە سارىيىدا 28 يىل چۈشەندۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان دۇڭ يانادىن: ھەر كۈنى ئوخشاش مەزمۇننى چۈشەندۈرسىڭىز زېرىكمەمسىز؟ دېگەن بىر سوئال دائىم سورىلاتتى.

دۇڭ يانا مۇنداق دېدى: جياۋ يۈلۇ روھىنى قانچە سۆزلىگەنسېرى، جياۋ يۈلۇ روھىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى شۇنچە ھېس قىلىمەن. «جياۋ يۈلۇ شۇجى مەڭگۈ ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بىر كىتاب، ھەر ئوقۇغىنىمدا يېڭى تەسىراتقا ئىگە بولىمەن».

تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنى توختىماي ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ، جياۋ يۈلۇ روھى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، قىممىتى مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، جياۋ يۈلۇ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، كادىرلار ۋە ئاممىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)