ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشتا ئالدى بىلەن «قەيەرگە بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك

日期:2021年08月16日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇمشاق، قاتتىق دېتال قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، مەسىلەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش، بىر پۈتۈن گەۋدە خاراكتېرلىك ئىشلىتىش، تۈجۈپىلەپ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلار، لېكىن بىر ئاچقۇچلۇق مەسىلە شۇكى، «قەيەرگە بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك»، ئەگەر ئەڭ ئاساسىي تەنھەرىكەت سورۇنى كاپالەتكە ئىگە بولمىسا، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە تەنھەرىكەت مەنبەسىز سۇغا ئايلىنىپ قالىدۇ. مەيدان ئۇسسۇلىدا دائىم كۆرۈلىدىغان «مەيدان تالاش-تارتىشى»، «ھەق-ناھەق قارىشى» كۆرۈنۈشتە بىر ئاممىۋى ئەخلاق مەسىلىسى بولسىمۇ، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا يەنىلا تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىپ، ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تەنتەربىيە چېنىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتقانلىق مەسىلىسى. نۆۋەتتە، نۇرغۇن شەھەرلەردە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى يېتەرسىز بولۇش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى چەكلەپ قويماقتا، بولۇپمۇ ۋاسكېتبول، پۇتبول، چويلا توپقا ئوخشاش بىر قەدەر چوڭ مەخسۇس مەيدان تەنھەرىكىتى تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

بىر تەرەپتىن، تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى يېتەرلىك ئەمەس، يەنە بىر تەرەپتىن، قۇرۇلمىسى ياخشى ئەمەس ۋە يۈرۈشۈشى راۋان ئەمەس، ھەتتا بەزى شەكىلۋازلىق خاھىشى كۆرۈلدى، مەسىلەن، بەزى جايلاردا بۇزۇلغان تەنتەربىيە سايمانلىرى ۋاقتىدا رېمونت قىلىنمىدى، ئەسلىھە ئورنىنى تاللاشتىمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلاندى. بەزى جايلاردىكى تەنتەربىيە مەيدانلىرى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن بەك يىراق، يولغا سەرپ قىلىدىغان ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولغانلىقتىن ئىنتايىن قولايسىز، ئەگەر ھەققى بىر قەدەر يۇقىرى بولسا، ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە ئىنتايىن زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپ، بايلىق ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى باشقۇرۇش بىر قەدەر قىيىن بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىش دەرىجىسى يېتەرلىك بولماي، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش نىسبىتىمۇ تۆۋەنرەك بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بىكار قېلىش ھالىتى شەكىللەندى. بۇنداق ئەھۋالدا، مەھەللىنى يادرو قىلغان «بەدەن چېنىقتۇرۇش چەمبىرىكى»نىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچقا ئايلاندى.

ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا، شۇڭا مەھەللىنى ھۈجەيرە قىلىپ تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش مەلۇم مەنىدىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى چىڭ تۇتقانلىقتۇر. ئاممىۋى تەنتەربىيە مەھسۇلاتلىرى، ئۆلچەمگە يېقىنلىشىدىغان ئاممىۋى تەنتەربىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئەمەلىيەتكە، ئېھتىياجغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چوقۇم كەڭ كۆلەمدە چېقىش، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش شەرت ئەمەس، بەلكى ئۇنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ، مەسىلەن، بىكار تۇرغان زاۋۇت ئۆيلىرى، ئامبار، ئىمارەت ئۆگزىسى قاتارلىق رايونلاردىن پايدىلىنىپ تەنتەربىيە چېنىقىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى قوللاش، باغچە، يېشىللىق، دەريا بويى، يېزا-كەنت قاتارلىق رايونلاردا تېخىمۇ كۆپ تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇشنى قوللاش كېرەك.

روشەنكى، مەھەللىنىڭ 15 مىنۇتلۇق بەدەن چېنىقتۇرۇش چەمبىرىكى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى يولغا قويۇشنىڭ ئاچقۇچى، ئەگەر ئامما سىرتقا چىقسىلا ھەرىكەت قىلالايدىغان بولسا، بەدەن چېنىقتۇرۇش قولايلىق، تېز بولسا، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئومۇمىي خەلق قاتنىشىشنى ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئاممىۋى بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ سۈپەتلىك بولىدۇ.