گوۋۇيۈەن ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پىلانى (2021- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە) نى تارقىتىپ

日期:2021年08月05日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پىلانى (2021- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە)» (تۆۋەندە «پىلان»دەپ ئېلىندى)نى تارقىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ساغلاملىق ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

«پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدان ئەسلىھەلىرى تەدرىجىي كۆپىيىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ساغلاملىقنى ئاشۇرۇش قىزغىنلىقى كۈنسېرى ئېشىپ، ساغلام جۇڭگو ۋە تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2 -، 3-، 4-، 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا ۋە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسى ۋە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال قىممىتى ۋە كۆپ مەنبەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

«پىلان»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2025- يىلىغا بارغاندا، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇلۇپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىنلىقى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ، ھەرقايسى تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى سىجىل ئۆستۈرۈلىدۇ، دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلارنىڭ نىسبىتى %38.5كە يەتكۈزۈلىدۇ، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا-بازار (كوچا)، مەمۇرىي كەنت (مەھەللە) لەردە 3-دەرىجىلىك ئاممىۋى چېنىقىش ئەسلىھەلىرى ۋە مەھەللىلەردە 15 مىنۇتلۇق بەدەن چېنىقتۇرۇش چەمبىرىكىنىڭ تولۇق قاپلىشى، ھەر مىڭ ئادەمنىڭ 2.16 نەپەر ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىسىگە ئىگە بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە كەسپىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنى 5 تىرىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ.

«پىلان»دا ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدان ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، تەنتەربىيە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىلجىتىش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىجتىمائىي كەيپىياتى يارىتىش قاتارلىق سەككىز جەھەتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «پىلان» يەنە نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنى چۆرىدەپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى زورايتىش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەقىل - پاراسەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«پىلان»دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلىك قىلىدىغان ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىشلىرىنى شۇ دەرىجىلىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، شۇ رايوننىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى يولغا قويۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.