باۋتا مۇنارىنىڭ شانلىق نۇرى كەلگۈسىنى يورۇتتى

日期:2021年08月05日
来源:新疆日报网
【字体:

​− يەنئەن روھى توغرىسىدا بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«چۈشلىرىمدە قايتتىم يەنئەنگە قېتىم - قېتىملاپ، باۋتاشەن تېغىنى مېھرىم بىلەن چىڭ قۇچاقلاپ».

يەنئەن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددەس جايى.

1935 - يىلىدىن 1948 - يىلىغىچە، بۇ قىزىل مۇنبەت تۇپراق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بولغان. قاينام - تاشقىنلىق يىللار پارتىيەمىزنىڭ كىچىكلىكتىن چوڭىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ تۆۋەن دولقۇندىن يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەنلىكىگە، غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ماڭغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى ھەم توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىدىيەۋى لۇشيەنى، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش روھىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان يەنئەن روھىنى يېتىلدۈردى.

«يەنئەن روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى يېتىشتۈرگەن، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى.» 2020 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: قەتئىي بوشاشماي يەنئەن روھى ئارقىلىق كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇش، روھنى تاۋلاش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن ئېتىقادنىڭ كۈچىنى قوبۇل قىلىش، پارتىيەۋىلىكتىكى پەرقنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى توغرىلاش كېرەك.

(1) ئېتىقادنىڭ ئۇلۇغ كۈچى

يەنئەن ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىدا، ئىنقىلابىي ياشلارنىڭ يەنئەنگە يېتىپ بارغاندىكى بىر گۇرۇپپا كونا سۈرەتلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ − ئۇلارنىڭ كىيىملىرى جۇل - جۇل، چاچلىرى پاخپايغان بولسىمۇ، لېكىن كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك، چىرايىدىن تەمكىنلىك چىقىپ تۇراتتى.

سۈرەتلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەر كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ −

1937 - يىلى 11 - ئايدا شاڭخەي قولدىن كەتكەندىن كېيىن، بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەر ياش ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى نامىدا، 13 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 10 مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق يولنى پىيادە بېسىپ يەنئەنگە يېتىپ باردى.

«سۆڭەكلىرىمىز سۇندۇرۇۋېتىلسىمۇ پەيلىرىمىز تۇتاش، تېرە - گۆشلىرىمىز شۈلۈنسىمۇ يەنە قەلبىمىز ھايات. پەقەت تىنىقىمىزلا بولىدىكەن، ئۆمىلەپ بولسىمۇ يەنئەن شەھىرىگە بارىمىز.» ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يەنئەن خۇددى ماياكتەك 40 نەچچە مىڭ زىيالىي ياشنىڭ جان تىكىپ ئاتلىنىدىغان ئىنقىلابىي مۇقەددەس جايى بولغانىدى.

«يەنئەنگە بارايلى» دېگەن سۆزنىڭ جۇڭگو زېمىنىدا ياڭرىشىدىكى سەۋەب شۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق سىياسىي پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار ئىچىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سانسىزلىغان ۋەتەنپەرۋەر ئىرادىلىك زاتلارغا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يورۇقلۇقنى كۆرسەتتى؛ سەۋەب شۇكى يەنئەندىكى گەمىلەردىن ماركسىزمنىڭ شانلىق نۇرى چاقناپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىپ تۇراتتى.

1935 - يىلى 10 - ئايدا، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ شىمالىي شەنشىگە يېتىپ باردى. ۋاياۋباۋ يىغىنىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ قۇرۇش تاكتىكىسى، فاڭجېنىنى بېكىتتى.

1945 - يىلى، يەنئەن ياڭجيالىڭدا، پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيى ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىپ، ئىدىيە جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە، تەشكىلىي جەھەتتە پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ۋە يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

يەنئەندىن پۈتكۈل جۇڭگوغىچە، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتا ئارقا - ئارقىدىن ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بۇيرۇق، تەلىپىنى جەزمەن ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

يىللار قىممەتلىك، ئېتىقاد مەڭگۈلۈك.

يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە... تۈركۈم - تۈركۈم كوممۇنىستلار ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق بىلەن تارىخىي خاراكتېرلىك خوشلىشىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلماقتا.

توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش يەنئەن روھىنىڭ جېنى. ئېتىقادنىڭ كۈچى خۇددى چوڭ دەريا - ئېقىنلاردەك يوشۇرۇن خادا تاش، قايناملاردىن قورقماي، كەڭ دېڭىزغا قاراپ توختىماي ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ، بۇنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

(2) ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش

ماۋ زېدۇڭ يەنئەن فېڭخۇاڭشەن تېغى ئېتىكىدىكى گەمىدە ياغچىراغ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، «ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە باشلانغاندا ئەدەپ كەتكەن «دۆلەت مۇنقەرز بولۇش سەپسەتىسى» «تېز غەلىبە قىلىش سەپسەتىسى»گە رەددىيە بېرىپ، پارتىيەنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش قىلىش فاڭجېنىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسى، ئىشەنچىنى چىڭىتتى.

ياغچىراغ گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئۇلۇغ ئىدىيەنىڭ بارلىققا كېلىشىگە گۇۋاھ بولدى.

«ماۋ زېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى»نىڭ 1 - تومىدىن 4 - تومىغىچە 159 پارچە ئەسەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 112 پارچىسى يەنئەن مەزگىلىدە يېزىلغان، بۇلار ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى شانلىق ئەسەرلەر، شۇنداقلا يەنئەن روھىنىڭ مۇھىم نەزەرىيەۋى ئاساسى.

پارتىيەمىز ماركسىزمنى بايرىقى ئۈستىگە يېزىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنى ئىنقىلاب تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىللىرىنى ئۈزلۈكسىز ئاچتى.

1938 - يىلى يەنئەندە ئېچىلغان پارتىيە 6 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا، ماۋ زېدۇڭ پۈتۈن پارتىيەگە «ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش» چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتتى؛ 1941 - يىلى، ماۋ زېدۇڭ «ئۆگىنىشىمىزنى ئۆزگەرتەيلى» ناملىق ئەسىرىدە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم تەپسىلىي شەرھلەپ چۈشەندۈردى؛ پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيى يەنە «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش»نى پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى لۇشيەنى قىلىپ بېكىتتى.

يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ باش لۇشيەنى تۈزۈلدى، بىرلىك سەپ، قوراللىق كۈرەش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ غەلىبە ئەڭگۈشتەرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى ۋە چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىندى، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئېسىل ئىستىل شەكىللەندۈرۈلدى...

يەنئەن مەزگىلىدە، تۈرلۈك مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، پارتىيەمىز توغرا بولغان زور سىياسەت - فاڭجېنلارنى يولغا قويۇشتا، ئىدىيەنى ئازاد قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشكە تاياندى.

مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدە يول ئۇزۇن، توسالغۇ كۆپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ مەڭگۈ چېكى يوق.

ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى − پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىدا، ھەر قېتىم ئاچقۇچلۇق تاللاشقا دۇچ كەلگەندە، ھەمىشە ئەمەلىيەتنى مەنبە قىلغان ئىدىيەۋى ھالقىش ھەمراھ بولدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى نورمال ھالەت بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ چوڭ لوگىكىسىنى قايتا يارىتىشتىن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىشقىچە؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى باش تېما قىلىشقىچە... پارتىيەمىز ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىغا يېتەكچىلىك قىلىپ يېڭى تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەيدانىدا يولداش ماۋ زېدۇڭ يېزىپ بەرگەن «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» دېگەن مەكتەپ تەلىمى ھېلىھەم قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، بۇنىڭ چوڭقۇر مەنىسى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم.

(3) خەلق ھاكىمىيىتى

«بىزنىڭ بۇ قوشۇنىمىز پۈتۈنلەي خەلقنى ئازاد قىلىشنى كۆزلەيدۇ، پۈتۈنلەي خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ».

1944 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، يەنئەندىكى زاۋيۈەن مەيدانى. يولداش ماۋ زېدۇڭ جەڭچى جاڭ سىدېنىڭ ماتەم مۇراسىمىدا «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» دېگەن داڭلىق نۇتقىنى سۆزلىدى. ئارقىدىنلا، پارتىيەنىڭ 7 - قۇرۇلتىيىدا «جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، رەسمىي تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتى قىلىندى.

بەخت ئۆستىڭىدە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت توختىماي ئېقىپ تۇرماقتا. كونا گەمە ئۆيلەردە ھازىرغىچە «خەلقنىڭ چاكىرى بار، ئەمەلدارى يوق» دېگەن كاتتا سۆز تارقىلىپ يۈرمەكتە ... غەرب دۇنياسى يەنئەندىن تۇنجى قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئىگىلىدى: بۇ، خەلقنىڭ قەلبىنى چوڭقۇر مايىل قىلىدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىستىقبالى چەكسىز سىياسىي پارتىيە ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي شىنخۇامېندىكى دالدا تامغا ماۋ زېدۇڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» دېگەن بەش چوڭ خەت ئويۇلغان بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆزگەرمەس ئاساسىي مەقسىتىنى ھەيۋەت بىلەن نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

«خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز».

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزگەن بىر قاتار يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەرنىڭ ھەممىسىگە چوڭ قىلىپ يېزىلغان «خەلق» دېگەن سۆز سىڭدى:

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش − «كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك»؛

ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش − «پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئىسلاھاتتا شۇنى تۇتۇش، شۇنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك»؛

قانۇنچىللىقنى ئالغا سىلجىتىش − «تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك»؛

ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى − «خەلق مەركەز قىلىنغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىش كېرەك»؛

پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش − «پۇقرالارغا پايدىلىق ئىشلارنى ھەرقانچە كىچىك بولسىمۇ قىلىش، پۇقرالارغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئىش ھەر قانچە كىچىك بولسىمۇ تۈگىتىش كېرەك»؛

……

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا تۇنجى قېتىم «ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىدا، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىندى ...

ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر.

«قوغۇن پېلەك بىلەن تۇتاش، پېلەك يىلتىز بىلەن تۇتاش. پۇقرالار كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن تۇتاش، كوممۇنىستىك پارتىيە خەلق بىلەن تۇتاش.» يەنئەن مەزگىلىدىكى بۇ شىنتيەنيوۋ ناخشىسى بۈگۈنگىچە تارىخ ئاسمىنىدا ياڭرىماقتا.

(4) جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش

نەننىۋەن تەرەققىيات رايونىدا نەننىۋەن چوڭ ئىشلەپچىقىرىش خاتىرە سارىيى بىلەن نەننىۋەن تەرەققىيات رايونى يىرىك پىلان سارىيىنىڭ ئارىلىقى 100 مېتىر كېلىدۇ، بىرىدە ئىگىلىك تىكلەش تارىخى ئەستە چىڭ ساقلىنىدۇ، يەنە بىرىدە تەرەققىيات قارىشى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تارىخقا قايتا نەزەر سالساق، ئۇ مىسلىسىز قىيىن يىللار ئىدى، ياپون ئارمىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تازىلىشى، گومىنداڭنىڭ ھەربىي مۇھاسىرىسى ۋە ئىقتىسادىي قامىلى... ھايات - ماماتلىق تاللاش پەيتىدە، يولداش ماۋ زېدۇڭ − ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىگەندىلا، كىيىم پۈتۈن، قورساق توق بولىدۇ، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

داغدۇغىلىق چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتى ياۋا ئوت - چۆپ بېسىپ كەتكەن «پاتقاقلىق»نى ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئالىدىغان «ياخشى جياڭنەن»گە ئايلاندۇردى، ھەم يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، تىرانسپورت كەسپى ۋە سودا قاتارلىق بىر قاتار بىر قەدەر مۇكەممەل كارخانىلار قۇرۇلۇپ، «ئۆزىنى ئۆزى تامامەن قامدىيالايدىغان ئىقتىسادىي ئاساس سېلىندى».

ھازىرقى نەننىۋەن «ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدۇ». شال ئېتىزى، گۈل دېڭىزى خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ، دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى پەسىل قۇشلىرىنىڭ جەننىتىگە ئايلاندى، يېشىل يېزا - كەنتلەر بىلەن قىزىل ساياھەت بىر - بىرىگە ھۆسن قوشتى، جانلىقلار نەسلىنى يېتىشتۈرۈش، رەقەملىك يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيە دېھقانچىلىق مەيدانى... ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى نەننىۋەندە ئاستا - ئاستا ئىشقا ئاشماقتا.

ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتەك ئىگىلىك تىكلەش روھى يەنئەن روھىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرماقتا.

چاڭئې 4 - نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ «ئاي شارىنى بويسۇندۇرۇشى»دىن «كۈنلۇڭ» ناملىق سۇ ئۈستى ئايروپىلانىنىڭ دېڭىزدا تۇنجى قېتىم ئۇچۇشىغىچە، يەنە تيەنۋېن 1 - نومۇرنىڭ مارسقا قونۇشى، شېنجوۋ 12 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئۇچقۇچىلارنىڭ «ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىشى»غىچە، يۇلتۇزلار دېڭىزىدا ئىزدىنىشتىكى مەزمۇت قەدەملەر دەل جۇڭگونىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

بۈگۈنكى كۈندە بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن بەكرەك يېقىنلاشتۇق.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا، غەلىبە قىرغىقىغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە شۇنچە توغرا كېلىدۇ.

«شارائىتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.» «بىز تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش يولىدا مېڭىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇشۇنداق تەكىتلىدى.

يەنئەن روھىدىن پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوبۇل قىلىپ، تارىخنى ئەينەك قىلىش، تارىخ ئارقىلىق ئىرادىنى چىڭىتىش مۇقەررەركى بىزنى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ باتۇرانە ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

(مۇخبىرلار شيې شىياۋ، سەي شىنيى، زوۋ دوۋېي، لى خاۋ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)